مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: SAL

ئاسراندى قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85145
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 10:56:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىزنى ھاممىسى بەك ئىشقا سېلىپ ئىشىنى تۈگىتپ بولالماي مۇنبەرگە چىقالماي قالغان ئوخشايدۇ،بوممىسا يېزىپ بولاتتى.تېرىق بىلەن قوناقنى ئارلاشتۇرۇپ ئايرىپ بولسىڭىز مۇنبەر ئوينايسىز دېدىمىكى يا

ياغە تاغ يامغۇرۇم تازا يېغىپ كەت ،                                   مۇڭلانغان غېمىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.                                كۆزلەردىن ياش ئاقتى بىلدۈرمە بىرگە  ،                              گەر بولسا گۇناھىم پاكىز يۇيۇپ كەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100226
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 11:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ داۋامى باردەپ  ئەسەر يازىدىغانلار باشقىلارنىڭ داۋامى يوق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلارياكى ئچى سىقلمايدىغانلار بولسا كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4722
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 05:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baburxa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-9 11:03 AM
مۇشۇ داۋامى باردەپ  ئەسەر يازىدىغانلار باشقىلارنىڭ دا ...

ئويلىغىنىمىز ئوخشاشكەن ، ۋاختى يەتمىسە بىكار بولغاندا بىراقلا يوللىسىمۇ بولىدۇ ، بىرىسى نىمىشقا ئەمدى تېما يوللىدىڭ ، كېچىكىپ قاپسە دېمىگەندىكىن..........كەچكىچە ئادەمنى تەقەززا قىلىپ نىمىنى ئوقىغىنىنىمۇ ئېسىگە ئالالماس قىپقويغىلۋاتىدۇ............

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2769
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11025
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 3220 سائەت
تىزىم: 2010-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 08:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 09:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەرداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن .بىر مەزگىل بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتكەچكە ،داۋامىنى ۋاقتىدا يازالمىدىم .‹‹كۆك ئەتتىرگۈل ››،ۋە ‹‹ئەركىن مەھبۇس  ›› لەرنىڭ يازغانلىرى مىنىڭ ئويلىغانلىرىمغا خېلى يېقىن كىلىپ قالغۇدەك .قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت !


شەھەردە كۈنلەر شۇنداق تىز ئۈتەمدۇ ،ياكى مەن داۋاملىق بىكار تۇرماي ئىش قىلغاچقا شۇنداق تىز ئۆتكەندەك تۇيۇلدىمۇ ئىش قىلىپ ،بىر دەمدىلا
2يىل ئۈتۈپ كەتتى .بۇ جەرياندا ئاپامنىڭ ‹‹يىلىمان ›› مۇئامىلىسى ،مۇرات ئاكامنىڭ كەمسىتىش ،تىل -دەشناملىرى ،مۇرتىزا ئاكامنىڭ ‹‹ئاچچىق ››،‹‹تاتلىق›› چاقچاقلىرى  ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ زىرىككۈدەكمۇ پۇرسەت بولمىدى .تەلىيىمگە  مۇرات ئاكام ئىچكىرگە ئوقۇشقا كەتتى .( ئۇنىڭدىن ئاران قۇتۇلدۇم ،ئۇ مەكتىپىگە كىتىپلا ئاپامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن سافا كارۋىتىم بىلەن خوشلۇشۇپ ،مۇرات ئاكامنىڭ ھۇجىرىسىدىكى نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ قۇيۇپ ئۇئۆينى ئۈزۈمنىڭ ھۇجۇرىسى قىلىپ كۈچۈپ كىردىم . ) مۇرتىزا ئاكام تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ 1-يللىقغا چىقتى   .مىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشىغا بولغان ئۈمۈدۈم پۈتۈنلەي تۈگىدى . پەقەت ئۆزلىكىمدىن ئۈگۈنۈشلا ماڭا ئازدۇر- كۆپتۇر تەسەللى بۇلالايىتتى . ئەمدى ئۈزۈمنىڭ بۇيەرگە راھەت كۈرۈش ،ئاپامنىڭ ھەقىقىي قىزى بۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدىغان ‹مالاي ›بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ كىلىنگەنلىكىمنى ھەقىقىي ھىس قىلىپ يەتتىم .ئەمما ھىچقانداق ئامال قىلالمايتىىتىم .تەقدىرگە تەن بەرمەي ئىلاجىم يوق ئىدى.ئۈزۈمنىڭ بۇ يەرگە كىلىشنى تاللىغان قارارىمىنىڭ پۈتۈن ئىستىقبالىمنى بۇنچە ئاسان ئوڭتەي- توڭتەي قىلىۋەتكىنىنى ئويلىسام  ئىشەنگۈممۇ كەلمەيىتتى .
كۈنلەر  ئوخشاش يۇسۇندا ئۆتتى ،بىكار بولساملا تىلىۋىزۇر كۈرۈش ،ئۈگۈنۈش قىلىش ،ئۆي ئىشلىرى ....دىگەندەك .
شەھەرنىڭ ھاۋاسى يازدا تۇلمۇ ئۆزگىرىشچان بۇلۇپ ،تۇمانلىق ھاۋارايى ۋە يامغۇرلۇق ھاۋارايى دائىم كۈرۈلۈپ تۇراتتى .تۇرۇپلا يامغۇر شىرىلداپ قۇيۇلاتتى .ھەپتىنىڭ ئۈچ كۈنى زادى يامغۇر ياغماي قويمايىتتى .مەن يامغۇرلۇق كۈنلەرنى  تۇلىمۇ ياخىشى كۈرەتتىم .سەھرادىكى بېشىمىزغا تاغارلارنى ئۈچبۇلۇڭ قاتلاپ كىيىپ يامغۇردا ھارغۇچە يۈگۈرۈپ ئويناشلار ،ئاياقلىرىمىزنى سېلىپ تاشلاپ ،ئىشتان پۇچقاقلىرىنى تۈرۈپ قۇيۇپ لاي -پاتقاقلارنى پېتىقلاپ قاھ - قاھلاپ كۈلۈشلەر ....يادىمغا يىتىشى بىلەن دىرىزىدىن سىرىتقا تىكىلگەن كۆزلىرىمدىن سېغىنىشلىق ياشلار ئەگىيىتتى . يامغۇردىن كىيىنكى ساپ ھاۋانى قېنىپ -قېىنىپ سۈمۈرۈپ ئۈزۈمنى خۇددى سەھرادىكى ئۈيۈمدە تۇرغاندەك  ھىس قىلىپ كىتەتتىم .قىش كۈنلىرى بولسا ،قارغا پۈركەنگەن شەھەر تىمتاسلىققا چۈمەتتى .كۆكتات سېتۋالغىلى چىققاندا يېقىنلا جايدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللرىنىڭ قار تازلىغاچ بىر -بىرگە قار پومزەكلىرىنى ئېتىشىپ ئويناشقانلىرىغا قاراپ مەستلىكىم كىلىپ تۇرۇپ كىتەتتىم .بۇنداق چاغدا خىيال قۇشلىرىم يەنلا شۇ سەھراغا كىتىپ قالاتتى .قىشنىڭ قارغا پۈركەنگەن سوغاق   كۈنلىرىدە ئاكاملار بىلەن كۆلدىن سۇ تۇشۇشقا  چىقاتتۇق .ھەردائىم ئاكىللىرىم كۆلگە باردىغان بولسا ئۆزلىرى ياسۋالغان چانىلارنى ئېلىۋىېلىشنى ئۇنۇتمايىتتى .بىز سۇ تۇڭىنى سۇغا تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قانغۇچە چانا ئوينايىتتۇق . قىش كۈنلىرى قىزىپ كىتىدىغان‹‹ ۋاللەي›› لەرچۇ تېخى .ھەر قېتىملىق ‹‹ۋاللەي ›› ئۇيۇنىدا ھېلى بىرىنىڭ بېشى يېرىلسا ،ھېلى بىرىنىڭ بۇرنى قانايىتتى .لىكىن مەردۇ -مەردانىلىك بىلەن ئۇيۇننى قەتئىي داۋام قىلاتتۇق ...شۇلارنى ئەسلەپ بىر ئاز تۇرۇپ پۇت قۇلۇم توڭلىغاندىلا ئاندىن ئۆز ۋەزىپەمنى يادىمغا ئېلىپ بىرى بوينۇمدىن باغلىغاندەك ئۆيگە ماڭاتتىم ....
مۇرتىزاكام بەك ئوڭلۇق،كەپسىز ، شوخ ئىدى .ئۇنى مەن دائىم ‹ئاكا › دەيىتتىم .ئۇمىنى چېقىشىپ ‹ئاسىيخان ›دەيىتتى . مەن ئۇنىڭ كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ ،دەزماللاپ ،كىتاپ دەپتەرلىرىنى رەتلەپ ،تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ ھارمايىتتىم .مىنىڭ بىر دىنبىر كۈڭۈل خۇشۇم ئۇ ئىدى دىسەممۇ بۇلاتتى . چۈنكى بۇ ئۆيدە مەن بىلەن تەڭتۇش تىن ئۇلا بار بولغاچقىدۇر بەلكىم ،ئۇنىڭغا ،ئۇنىڭ تەبئىي شوخلۇقىغا مەستلىكىم كىلەتتى . بىز بىللە ئۈگۈنەتتۇق . بەزىدە تەڭ ئوينايىتتۇق .ئەلۋەتتە بۇ ئۇيۇنلارنى ئۇ مەكتىپىدىن ئۈگۈنۈپ كىلىپ ماڭا ئۈگۈتەتتى .مەن بەك تارتىنچاق بولغاچقا بەزىدە ياخشى ئۈگۈنەلمەي ئۇنىڭ مەسخىرسىگە قالاتتىم .بۇنداق چاغلاردا ئۇ مىنى ‹‹سەھرالىق ،››‹‹كاللىسى يوق ››،‹‹قاپاق كاللا ›› دەپ بەك مازاق قىلىپ كىتەتتى .مەن نۇمۇستىن يىغلىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاشۇرۋەتكىنىنى بىلەمتىكىن ، ‹ شۇنچىلىك چاقچاققىمۇ چىدىمامسەن ،ھۇ ..،چىدىماس !،بولدى قىلە ئوينىشىپ قويدۇم.... ›دەپ مىنى ئانچىكى بەزلەپ قۇياتتى .ئاپام كۈپۈنچە دەم ئالماي رەپىتىسكە چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلاردا  ئاكام ئۈنئالغۇنى بۇلشىچە قۇيۇپ ماڭا ھەرخىل ئۇسۇل- تانسلارنى  ئۈگۈتەتتى ،(ئاساسلىقى ئۇ ئۆزى ئۈگۈنەتتى دىسەكمۇ بۇلىدۇ  .)تانسا ئوينىغۇچە ئۇ مىنىڭ پۇتلىرىمغا دەسسەپ قىزارتىۋىتەتتى . ھەر قېتىم دەسسىسە ‹ خاپا بولما ئاسىيخان ،قەستەن قىلمىدىم ›دەپ قۇياتتى  .
مۇراتكام ئىچكىرىدىكى مەكتىۋى يېنىدىن ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلەپ پۇل تاپدىغان خىزمەت تاپقان بۇلۇپ،ئىككى  تەتىلدە شەھەرگە كەلگەنچە قايتىشنى خالىماي ئىشلەپ يۈرۈپ ئۇقۇۋاتاتتى .بۇمۇ بىر ھىساپتا مەن ئۈچۈن ياخشى بولدى .مىنىڭچە بولسا ئۇنى ئەمدى كۆرمىسەم دەيىتتىم .تىلىكىم ئەمەلگە ئاشتىمۇ كىيىنچە ئۇ بۇ تەرەپلەرگە قايتىپ كەلمەي ، ئىچكىردە خىزمەت تېپىپ  تۇرۇپ قالدىغانلىقىنى شەھەرگە قايتىپ بارغۇسى يوقلىۇقىنى بىلدۇردى . ئاپاممۇ ئۇنىڭ رايىغا باقىتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخمۇ كۈرمەيدىغان بولدۇم ....
يەنە 3يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈتۈپ كەتتى .بۇجەرياندا ئاپام ،مۇرتىزاكام ئۈچىمىز  ناھايتى ياخشى ئۆتتۇق .ئاپام ئالدىراش بولغاچقا مەن مۇرتىزاكام  ئۈچۈن بىر سىرداش ،يەنە كىلىپ بىر تامنىڭ ئورنىدىكى قۇلقى بار ،ئاغزى يوق سىرداش ئىدىم .ئۇ ئۇچرىغان بارلىق خاپلىق خۇشاللىقلىرىنى ئېقىتماي تېمىتماي ماڭا سۆزلەپ بىرەتتى . مەنمۇ زىرىكمەي ئاڭلايىتتىم .سىر ساقلايىتتىم .(سىر ساقلىماي دىسەممۇ بەرىبىر مىنىڭ بۇيەردە تۇنۇش بىلىشلىرىم يوق بولغاچقا سىرنى ئىچىمدە ساقلىماي ئامالىم يوق ئىدى .)ئۇنىڭغا ناھايتى ئۇرۇنلۇق مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتەتتىم .بەزىدە گەپ سۆزلىرىنى ئىتتىك ئاڭقىرالماي قالسام ،يېڭى سىڭىپ كىرگەن گەپ سۆزلەرنى چۈشەنمەي سۇرىسام ئۇ بۇرنۇمنى چىمداپ :‹ھۇ ، سەھرالىق ،بىر يەردە چاندۇرمىساڭ ،ھامىنى بىريەردە سەھرالىقلىقىڭنى چاندۇرۇپلا تۇرسەن-ھە ! › دەپ مەن بىلەن قېرىشاتتى . مۇرتىزاكام تولۇق ئوتتۇردىكى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك  تىببىي ئۇنۋىرىستىتىنىڭ دۇرىگەرلىك كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىغاندا مەن  تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم .چۈنكى ئۇنىڭ بۇ شەھەردىن يىراققا كىتىپ قېلىشىنى  نىمىشقىكىن قەتئىي خالىمايىتتىم .ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى تېخىمۇ كاللامغا سىغدۇرالمايىتتىم .
ئۇ ھازىر ئىلگىركى كىچىك بالا چىراي مۇرتىزا بولماستىن قەددى قامىتى كىلىشكەن ،بۇرۇتلىرى خەت تارىتقان ،قاپقارا قۇندۇزدەك گىجىك چاچلىرى ،ئوتلۇق  كۆزلىرى كىشىگە شۇنداق يېقىشلىق تۇيغۇ بىردىغان خۇشچاقچاق ،چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان يىگىت بۇلۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى ...مەنمۇ بىر ئىزىمدا تۇرمىدىم، ئەلۋەتتە !   17 ياشقا كىرگەچكىمىكىن ،جىسمىمدىن قىزلارغا خاس لاتاپەت ،نازۇكلۇق ،گۈزەللىك ....تۈكۈلۈپ تۇراتتى .ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن قىينالمايلا چىقالايدىغان بولغاچقا ،ئائىلىدە ئارامچىلىق بۇلۇپ ئىلگىركىدىن خېلى سەمرىپ ،ئاقىرىپ چىرايلىق بۇلۇپ قالدىم .بەزىدە ئەينەك ئالدىدا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كىتەتتىم . قىياقتەك ئەگمە قاشلىرىم ، قاپقارا قوي كۆزلىرىم ،ئاپئاق يۇمران تىرەم ،مەرۋايىتتەك پارقىراق سۈزۈك لەۋلىرىم ،سەدەپتەك چىشلىرىم ،ئەۋرىشىم قامىتىم ....ئىشقىلىپ قاراپ -قاراپ ئۈزۈمگە مەستلىكىممۇ كىلىپ قالاتتى . ئۆيدىن سىرىتقا كەمدىن- كەم چىققاچقا ئۆي ئىشى قىلغاندا  قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەمىشە
چېچىمنى چىڭ ئۆرۈپ ،ھېىلىلە ياغلىقىمنى چىكىلەپ تېڭىپ يۈرەتتىم .
مۇرتىزاكام ھەپتىدە بىر قېتىم دەم ئالغاندىلا ئۆيگە قايتاتتى ، قالغان ۋاقىتتا مەن ئاپام بىلەن يالغۇز قالاتتۇق .بۇنداق چاغلاردا يېڭىدىن باشلىغان ئىنگىلىزتىلىنى تىرشىپ ئۈگۈنەتتىم .مۇرتىزاكام بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى قالدۇرماي ئىشلەپ بۇلاتتىم .مۇرتىزاكام ھەر قېتىم كەلسە بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى يازدۇرۇپ ئوقۇتۇپ ئۆتكۈزىۋالاتتى .ۋە يېڭىدىن بىرمۇنچە تاپشۇرۇقلارنى بىرەتتى .بىكار بولساق قىزىق -قىزىق پاراڭلارنى سېلىپ بىرەتتى .مەكتىپىدىكى چىرايلىق مەنزىرىلەر ،دەرىس ۋاقتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار ،ساۋاقداشلىرىنىڭ  كەپسىزلىكلىرى ،قىزلارنىڭ ياسنىشلىرى .....دىگەندەك پاراڭلار بىلەن بىردەمدىلا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكىىنىنى تۇيمايلا قالاتتىم .ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانچە ئۇ دەۋاتقان سىرىتقىي دۇنيا مىنى ئۆزىگە شۇنداق جەلىپ قىلاتتى ،ھەتتا بەزىللىرى  مۇرتىزاكام بىلەن بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،مەكتەپتە تەڭ ئوقۇپ چۈشلەرنى كۈرۈپ كىتەتتىم .دە ،نەچچە كۈنگىچە بىھۇشتەك يۈرەتتىم .مۇرتىزاكام دەم ئېلىشىنى تۈگۈتۈپ ھەر يەكشەنبە كەچتە مەكتىپىگە ماڭغاندا بولسا قىيالماستىن ئۇزۇتۇپ قۇياتتىم.‹ئۇ كەتسە نىمانچە بىئارام بۇلىمەن ئەمدى ؟›- دەپ بەزىدە ئويلاپ كىتەتتىم :-‹بۇ كىنولاردا دىيىلگەن مۇھەببەت شۇمىدۇ ؟ ئەجىبا مەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ئاكامنى ياخشى كۈرۈپ  قالغاندىمەنمۇ ؟›‹ياق ..ياق ،بۇنداق ئويلاردا بولسام بولمايدۇ ،شۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ ئۇنى ياخشى كۈرشۈم پەقەت سىڭىلنىڭ ئاكىسىنى ياخشى كۈرشى خالاس ،ئۇنىڭدىن باسقا نەرسە يوق .مەن تېىخى كىچىك ،نىمانچە‹‹ قېلىن›› بۇلۇپ كەتتىممەن -ھە !›شۇنداق خىياللاردا ئۈزۈمنىڭ ھىسياتىنى ھەرخىل ئەيىپكار تۇيغۇلاردا چەتكە قاقاتتىم .
بۈگۈنمۇ مۇرتىزاكامنىڭ كىلىشى ئۈچۈن ئۇ ئامراق پولو ئىتىپ ئولتۇردۇم .نىمىشقىكىن يېقىندىن بېرى مۇرتىزاكامنىڭ كىلىشىنى ،ئۇنىڭ سىماسىنى كۈرۈشنى تۇلا سېغىنىدىغان بۇلۇپ قالغاندىم  .ئۇنىڭ سۇرىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەي خىجىل بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى سۇدەك ئۈگۈنۈپ بۇلغان ئىدىم  .ئۇنىڭ كىلىشىنى كۈتكەنچە ئۇ كەلمەسكە قالدى .سائەت 6 يېرىممۇ بولدى .ئادەتتە ئۇ جۈمە كۈنلىكلىرى 5يېرىم بىلەنلا ئۆيگە ئۈنۈپ بۇلاتتى .لىكىن بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ؟
تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تىلىفۇن دىقققىتىمنى بۆلدى .يۈگۈرەپ بېرىپ ئالدىم .
-ۋەي  !
-ئاسىيخانمۇ  سەن ،ئاپامغا دەپ قوي بۈگۈن بىز ئولتۇرۇش قىلماقچىدۇق  .كەچتە بەلكىم ئاغىينەمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قېلىشىم مومكىن .تاماققا ساقلىماڭلار !
-لىكىن.....
-ئاپامغا چۈشەندۈرۈپ قوي -ھە !
ئۇ شۇنداق دەپلا تىلىفۇننى قويدى .مەن لەسسىدە بولدۇم .بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ۋىژژىدە ئېچىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئېيىتقانلىرىنى ئاپامغا دەپ قۇيۇپ تاماقنى ئۇسسۇش ئۈچۈن ماڭدىم .
تاماق مەن ئۈچۈن  ناھايتى كۈڭۈلسىز يىيىلدى .
ماڭا نىمە بولدىكىنا ؟كەلمىسە نىمە بوپتۇ.ئۇ مىنىڭ نىمەم ئىدى ؟؟؟؟
يۈركۈم تېخىمۇ ۋىژىلداپ ئېچىشتى .تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل سېغىنىش مىنى قىينىماقتا ئىدى .شۇتاپتا ئۇنىڭ سىيماسىنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كۆرسەم غاراڭ -غۇرۇڭ ئاۋازىنى بىر ئاڭلىسام يۈركۈم ئارامىغا چۈشىدىغاندەك قىلاتتى.شۇنچاغدىلا ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنىمنى غۇۋا ھىس قىلىپ يەتتىم .بۇ تۇيغۇدىن ھەم خۇشاللىناتتىم ،ھەم قورقاتتىم ....
ئۇ ئەتىسىمۇ كەلمىدى .ئەمدى ئۇنى كىلەر ھەپتە كۈرەلەيىىتتىم .بىر ھەپتىنى ناھايتى تەستە ئۆتكۈزۈپ يەنە بىر جۈمەنى كۈتۈۋالدىم .بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال ،سەھەر قۇپۇپ نامزىمدا ئۇنىڭ چۇقۇم كىلىشىنى تىلەپ كەتكىنمدىن سەل خىجىللىق ھىس قىلىپ قالدىم .
مەن كۈتكەن ۋاقىتمۇ بولدى .پەلەمپەيدىن كىلىۋاتقان ئاياق تىۋىشىگە قۇشۇلۇپ يۈرۈكۈممۇ داۋۇلغۇپ كەتتى .‹ئۇ  ...دەل ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشى ...›
يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىك چىكىلمەستىنلا ئىشىكنى ئاچتىم .
ئۇ مىنى كۈرۈپ ھەيران قالىدى ،
ۋوي ئاسىيخان ، پال بېقىپ ئولتۇرمىغانسەن ھە؟مەن ئىكەنلىكمنى قانداق بىلدىڭ؟
...........
شۇ ....دىدىممەن قىزىرىپ .
-ئالە بۇنى !  ئىككى ھەپتە كەلمەي كىر كىيىملەر تاغدەك دۆۋلىشىپ كەتتى .-دىدى ئۇ قولىدىكى قارا سومكىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ .
مەن ئۇنىڭ قۇلىدىن سومكىنى خۇشاللىق بىلەن ئالدىمدە ھاجەتخانا تەرەپكە ئاپرىپ قويۇپ  ئاشخانىغا كىرىپ كەتتىم .نىمىشقىكىن ئۇنى كۆرسەملا يۈزلىرىم قىزىرىپ ،ئاغزىمىدىن گىپىم چۈشۈپ قالاتتى.بۇ ھال بارا- بارا ئېغىرلاپ كىتىۋاتاتتى .ئۇ ئانچە دىققەت قىلمىدى بولغاي !ئاپامنىڭ ئۆيىگە سالاملاشقىلى كىرىپ كەتتى  .
بىر ئازدىن كىيىن لەغمەن پىلتىسىنى سوزىۋاتسام ،ئۇ ئاشخانا غا كىرىپ كەلدى .
- نىمە تاماق قىلۋاتسەن ؟
-لەغمەن !
- ھە... مىجەزىڭ يوقما ؟نىمانچە قىزىرىپ كەتتىڭ !
-مەن ساققۇ .... شۇ   ...،ئاشخانا ئىسسىق بولغاچقىمىكىن ...
-ھە !.... ئۇ شۇنداق دىگەچ ،قۇلىدىكى كىتاپنى  سافا يېنىغا قۇيۇپ: - بوش ۋاقتىڭدا بۇ كىتاپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە جۈملىلەرنى  قانداق دىيىشنى ئۈگۈنۈپ قوي! يۈتتۈرۈپ قويما -ھە ،بۇنى مەكتەپنىڭ قىرائەتخانىسىدىن ئارىيەت ئالدىم ، يەنە قايتۇرۇپ بىرشىم كىرەك . دىدى- دە، ئۆز ئۆيىگە ماڭدى .
ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئەركىن نەپەس ئالدىم .بۇ نىمە ئىش ئەمدى؟ ماڭا نىمە بولدىكىن ؟كۈنۈم ،كۈنۈم ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلايمەن . ئۇ كەلگەندە بولسا ،تىلىم تۇتۇلۇپ ،ئۈزۈمنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچىمەن .......
كەچلىك تاماق ناھايتى كۈڭۈللۈك بىر كەيپىيات ئىچىدە يىيىلىپ بولدى .مەن چاققانلىق بىلەن قاچىلارنى يۇغۇشتۇرۇپ بۇلۇپ ،دەپتەرلىرىمنى كۈتۈرۈپ ،ئاكامغا ئىشلىگەن تاپشۇرۇقنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئىشىكنىمۇ چەكمەيلا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپتىمەن .ئۇ تاماقتىن كىيىنلا  مۇنچىغا چۈشكەن بۇلۇپ ،ئۇچسىدا كىچىككىنە بىر كالتە ئىشتانلا بار ھالەتتە چېچىنى لۈڭگىدە قۇرتىۋاتقان ئىكەن .ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىشىدىن چۈچۈدىمۇ ئۆرۈلۈپ مىنى كۈرۈپلا توك تەپكەندەك چۈچۈپ قىزىرىپ كەتتى ،چاققانلىق بىلەن لۈڭگىدە بەدىنىىنى ئورىدى .مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئارقامغا ئۆرىلىپلا چىقىپ كەتتىم .ھۇجرامغا كىرگەندە يۈزلىرىم ئوت بۇلۇپ ئېچىشىپ كەتتى .
ۋاي خۇدايىم ! نىمىشقا ئىشكىنى چىكىپ كىرمىگەندىمەن  ؟ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق قارارمەن ؟
كارۋىتىمدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم .ئۈزۈمنى ئەيىپلەيىتتىم .بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ خىجىل بولغان چاغدىكى ئۇماق تۇرقى يادىمغا يىتىپ  كۈلگۈم كىلىپ كىتەتتى .....
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئىشىك چىكىلىپ ئۇ كىرىپ كەلىدى .
مەن يەردىن بېشىمنى ئالماي ‹ خاپا بولما ،بىلمەپتىمەن ...› دىيەلىدىم ئارانلا.
ئۇ كۈلۈپ كىتىپ ،-‹ ھۇ قېلىن، نىمنى كۆردۈڭ ؟! ،سەن قەستەن كىرمىگەنسەن ؟ ›دىدى.
مەن بەكلا جىددىيلىشىپ دۇدۇقلاپ :- ‹خۇداھەققى ،مەن قەستەن كىرمىدىم ،سىنى تېخى كىتاپ كۈرۋاتقان چىغى دەپ ....›دىدىم بېشىمنى كۈتۈرمەي .
‹‹سەھرالىق ››دىسەم ئىشەنمەيسەن ،ھەتتا ئىشىكنى چىكىپ كىرمەسلىكنىڭ ئەدەپسىزلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىسەك سەن دۆت !!!  مەن ئوغۇلبالا تۇرۇپمۇ خىجىل بۇلۇپ كەتتىم ....ئەمدى  ئۇنداق قىلما بۇلامدۇ ؟ ھەراسىت ئالدىنقى ھەپتىدىكى كىر كىيىملىرىمنى يۇيۇپ ،رەتلەپ ،دەزماللاپ قۇيۇپسەن بەك خوش بولدۇم ! -دىدى ئۇ يەنە .
مەن بېشىمنى يەنىلا  كۈتۈرەلمىدىم .
ئۇ تاپشۇرۇقلارنى تەكشۈرۈپ بۇلۇپ ،يەنە بىر مۇنچە يېڭى تاپشۇرۇقلارنى بەرگەندىن كىيىن چىقىپ كەتتى .                                         
ئەتىسى ئەتگەندە ئادەتتىكىدىنمۇ سەھەر تۇرۇپ كەتتىم .باشقىلارنى  ئويغۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئەتكەن چايغا تەييارلىق قىلىدىم.ئاپام ئادەتتىكىدەك سەھەر تۇرۇپلا نامازدىن كىيىن ناشتا قىلىپ ،ئىدارىدە يىغىن بارلىقىنى ئاكام قوپسا ياخشى تاماق قىلىپ بىرىشىمنى تاپلاپ ئىشىغا ماڭدى .مەن ئاكامنى ساقلاپ ناشتىمۇ قىلمىدىم .باشقا كۈنلىرى  بولس ا مەن  8يېرىم  9لارغىچە ئاكام ئورنىدىن تۇرماي قالسىلا ئۈزۈم ئۇنىڭ ياتقان يىرىگە كىرىپ بۇرۇنلىرىنى چىمداپ ئويغۇتىۋىتەتتىم .لىكىن بۈگۈن ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدىم .تىمتاس ئولتۇرۇپ كۈتتۈم .
سائەت 9يېرىملاردىن ئاشقاندا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ  ،كىيىملىرىنى قاتۇرۇپ كىيىپ خالار -خالىماس ناشتا قىلىپلا ئالدىراپ سىرىتقا ماڭدى .يەنە زىرىكىشلىك يالغۇزلۇق باشلىنىدىغان بولدى .نىمە ئامال ؟مەن ئۇنى تۇسۇپ قالالمايمەندە ؟
-نەگە بارىسەن ؟ -سوردىم جانسىز بىر ھالدا .
-بىرسى بىلەن كۈرشىمەن ، چۈشتە ئۇنىڭ بىلەن تاماقتا بىللە بۇلىمەن ،مىنى ساقلىماڭلار !
-ئۇنداقتا كەچتە  نىمە تاماق قىلدىغانلىقمنى دەپ بەرگىنە ؟-دىدىم يەنە يىلىنگەندەك.
-ئۈزۈڭ بىلىپ قىلىۋىرە ،نىمە بولسا بۇلىۋىرىدۇ !
ئۇ شۇنداق دىدى -دە ،تىز -تىز مېڭىپ چىقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ئاياق تىۋىشى بارا- بارا يىراقلاپ ئاڭلانمايلا قالدى .مەن يۈگۈرۈپ ياتاق ئۈيۈمنىڭ دەرىزىسى ئالدىغا باردىم ،ئۇنىڭ سىيماسى بىنالار ئارلىقدا كۈرنىشى بىلەن كۆز ئۈزمەستىن  سالماق قەدەم ئېلىشلىرىغا، ئىختيارسىز ئۇياق -بۇياققا قاراپ قۇيۇشلىرىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدىم ....
كەچلىك تاماقتا ئاپام  ئىككىمىز ئۇنى خېلى ساقىلىساقمۇ كىلىپ بۇلالمىغاچ تاماقنى  يەۋەردۇق .قاراڭغۇ چۈشۈپ خېلى بىر ۋاقىت بولغاندا ئۇ نىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى .مەن ئاستا بېرىپ ئىشىكنى يېرىم ئاچتىم .ئۇ   غەرىق مەسىت ھالەتتە قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ  .مىنى كۈرۈپلا   بىگىز بارمىقىنى لىۋىگە تەككۈزۈپ ،ئاۋاز چىقارماسلىقنى شەرەت قىلدى .مەن باش لىڭشىتىپ ئۇنىڭغا يول بۇشاتتىم .بىراق ئۇ بەك مەسىت بولغاچقا ،پۇتلىرىدا راۋۇرۇس دەسسەپ تۇرۇشقا تىرىشىقانچە پۇتلىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنماي  قىينىلاتتى . ئۇنى ئاستا يۈلىدىم .ۋە شەپە چىقارماي ياتاق ئۈيىگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم .ئاپاممۇ ئۇنىڭ كەلگىنىنى پەرىق قىلالمىدى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ناشتا ۋاقتىدا  ئاپام ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەن -كەلمىگىنىنى سورىغاندا ،مەن ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا قايتىپ كىلىپ ئۇخلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاپامنى خاتىرجەم قىلدىم .ئاپام يەنە رەپىتىسكە  چىقىدىغانلىقىنى ،چۈشتىمۇ ئۆيگە قايىتمايدىغانلىقىنى ئېيىتىپ قۇيۇپ ئىشقا كىتىپ قالدى .
بىر ئازدىن كىيىن ئاكامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ئاسىي !......ئاسىي...!
-ھە!   -مەن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا باردىم بىراق ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ قالدىم .
-ئاسىي!
-ھە!... كىرسەم بۇلامدۇ ؟
-ۋاي !كىرە نازلانماي ...! دىدى ئۇ زەردە بىلەن .
مەن ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ كىردىم .ئۇ بەلكىم ئاخشام مەن يۈلەپ ئەكىرىپ قويغانچە كىيىملىرىنى سالمايلا ياتقان بولسا كىرەك كىرلىكلەر ،ئۇچسىدىكى كىيىملىرى پۈرلەشكەن ، كۆزلىرى ئۇيقۇسىزلىقتىنمۇ ،ياكى ئىچكەن ھاراقتىن تازا يىشىلەلمىگەنلىكتىنمۇ  ئەتىمالىم قان قۇيغاندەك قىزىرىپ كەتكەن ،چاچلىرى رەتسىز پاخپايغان ،رۇھى بەكلا چۈشكۈن ئىدى .
-نىمە ئىشتى؟-سۇردىم ئۇنىڭدىن .
-ئاچچىق قىلىپ سۈيۇق ئاش ئەتكىنە ! بېشىم بەكلا ئاغرىۋاتىدۇ .-دىدى ئۇ بېشىنى مۇجۇپ قۇيۇپ .
-دۇرا ئەكرەيمۇ ؟
-ياق ! مەن دىگەننى قىلساڭ بولدى ! -دىدى ئۇ قىزىل كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ .ئۇنىڭ بۇنداق تۇرقىنى كۈرشىم تۇنجى قېتىم بولغاچقىمۇ ،قورقۇپ تىنىم جۇغغىدە قىلىپ قالدى -دە ،ئارقامغا ئۆرىلىپلا چىقىپ كىتىپ ،تاماققا تۇتۇش قىلدىم .تاماق پىشقاندا ئۇنى چاقىرىپ كىرسەم .-ھازىر چىقىمەن ،-دىدى قۇپاللىق بىلەن .مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق ئۆزگىرىپ باشقا بىر ئادەم بۇلۇپ قالغىنىنى چۈشنەلمەي قالدىم .
ئۇبىر ئازدىن كىيىن  چىقىتى ،
-ئاش سويۇپ قالاي دىدى ،قىزىتىپ ئەكرەيمۇ يا ؟ دىدىم ئۇنىڭغا .
-بولدى ئىچىۋىرمەن .تولا ئۇنى بۇنى سوراپ  ئىچىمنى پۇشۇرماي ناراق تۇرغىنا بىر !- دىدى ئۇ مىنى سەت سىلكىپ ،ئۇنىڭ قۇپاللىقى كۆڭلۈمگە تىگىپ ،ئاستا يىراققا كەتتىم .
ئۇسويۇپ قالاي دىگەن تاماقنى گەپ سۆزقىلمايلا ئىچىپ بولۇپ ،تىلفۇن تۇرۇپكىسىنى  قۇلىغا ئالدى -دە ،ماڭا قاراپ :- ئۈيۈڭگە كىرىپ كىتىپ ئىشڭنى قىلىۋەر !  دىدى قۇلىنى سىلكىپ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا .
شۇنىڭ بىلەن ئۈيۈمگە قايتىپ كىرىپ ،تىكىۋاتقان گۈل باسقان ياستۇقنى قۇلۇمغا ئالدىم .
-......مەن قانداق قىلسام بۇلىدۇ ئاداش ! ھازىر خۇدۇمنى يۇقۇتاي دەپ قالدىم .ئۇ نىمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىدۇ ؟-ئۇنىڭ ۋارقىراپ سۆزلىگەنلىرى ئاڭلىنىشى بىلەن مىنىڭ قۇلۇم تىكىشتىن توختاپ پۈتۈن ئەزايىم قۇلاققا ئايلانغاندەك دىققەت بىلەن تىڭشىدىم .ئۇ ھە-دەپ بۇغۇلاتتى، چېچىلاتتى،سەكرەيىتتى .ۋارقىرايىتتى ....
-ئۇنىڭغا قىلمىغىنىم قالمىدى .ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۈرمەنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىنمۇ كىچىشكە رازىمەن  .لىكىن مىنىڭ تەلۋىمنى رات قىلغاندىن بىرى   ئۇ مەندىن قېچىپلا يۈرىدۇ .يەنە تېخى كۈزۈمچىلا مۇختەرگە يېقىنچىلىق قىلىپ كىتۋاتىدۇ .بەلكىم مۇختەرنى باشلىقنىڭ بالىسى دەپ شۇنداق قىلۋاتقاندۇ .....خەپ .....
دىمەك ئۇنىڭ بۈگۈن باشقىچلا بۇلۇپ قېلىشى ئەسلى بىر قىز ئۈچۈنكەندە ؟ ئۇنىڭ گەپلىرنىڭ ئاخىرىدا نىملەر دىيىلدى بىلمەيمەن .يۈرۈگۈم شىددەت بىلەن سۇقۇپ كەتتى ،بىرى يۈرۈگۈمگە قۇلىنى سېلىپ يۈركۈمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كىتۋاتقاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم .نەپەسلىرىم قىسىلدى ،ياشلىرىم بۇلدۇقلاپ كۆزلىرىم تۇسۇلدى ....
قىسقا ۋاقىت خۇدۇمنى يۇقاتقان بولسام كىرەك .ئاكامنىڭ  سىلكىشلەپ توۋلىشى،سوغۇق سۇنى يۈزلىرىمگە ،بۇيۇنلىرىمغا سىپىشى بىلەن ھۇشۇمنى تاپتىم .ئۈزۈمنى ئوڭشاپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا سەپ سالدىم .قارىغاندا ئۇنى خېلى ئەنسىرەتكەن ئوخشايمەن.ئۇنىڭ  بايىقى قۇپال ،ئاۋارە تۇرقىدىن ئەسەرمۇ يوق ،يەنە بۇرۇنقى‹‹ ئەستايىدىل ،تاتلىق ئاكام›› ھالىتىگە قايىتقان ئىدى .بايقى ئىشلار ئىسىمدىن كىچىشىگە مىنى يەنە يىغا باستى .
ئۇ ماڭا قاراپ ھەيران قالدى .
-ۋوي !ساڭا نىمە بولدى ئەمدى ،ئۈزۈمنىڭ دەردىنى تارتالمايۋاتسام ؟تۇلا مىقىرىمىغىنە ئىچىمنى سىقىپ ....
-........ -مەن ئۈنتىنسىز يىغلاۋەردىم .ياشلىرىم ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .ئۇ ئەمدى تەڭقىسلىقتا قالدى بولغاي .  - نىمە بولدى دىمەمسەن بىر ؟  -دىدى جىددىيلىشىپ .
-مەن  ...شۇ ....سەن مىنى سىلكىپ ....
-ھە ..ۋاي نازۇكۇمەي ،مەندىن كىتىپتۇ ،كەيپىم ياخشى بولمىغاچ دەردىمنى سەندىن ئاپتىمەن .شۇنىڭغا ئايلىنىپ كىتىپ مىنى قورقۇتاي دىدىڭمۇ ؟.....دىدى ئۇ خىجىل بۇلغاندەك بېشىنى تۈۋەن سېلىپ .- بولدى قىلە ئەمدى ،ئادەمنى خىجىل قىلىۋەرمەي .....
-   نىمە بولغان ئىدى ساڭا شۇنچە ؟  -دىدىم بۇرنۇمنى تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى تاتلاپ .
-دىسەم گەپ جىق ،دىسەممۇ سەن تېخى كىچىك چۈشەنمەيسەن....
ئۇنىڭ گىپىدىن غۇژژىدە ئاچچىقىم تۇتتى -دە،دادىللىق بىلەن .-مەن 17گە كىردىم ،خېلى بىر ئىشلارنى چۈشنەلەيمەن !....ھىم !   ...دەپلا يۈزۈمنى دەرىزە تەرەپكە قايرىپ دومسىيىپ ئولتۇردۇم .
ئۇ قىلىقمغا قاراپ قاھ - قاھلاپ كۈلۈپ كىتىپ ،ـ  ماقۇل ئۇششۇق ئاچا  سىلىگە دەپ بىرەي ،ئەمدى مەندىن يۈز ئۆرىمىسىلە بۇلامدۇ ؟ بىراق شەرىت ئاپام ،ياق ..ياق ....ھىچكىم بۇسىرنى بىلىپ قالمىسۇن ! -دىدى .
مەن خۇشاللىقتا : - خوپ! دەپ قۇلۇمنى چىكەمگە ئېلىپ ھەربىينى دوراپ سالام بەردىم .( بۇ ئادەتتە ئاكام ھەمىشە مىنىڭ تەلپىمگە ئۇنىغان چاغدا ئۇنىڭ قىلىدىغان ھەييار ھەركىتى ئىدى .)مىنىڭ سالىمىمنى كۈرۈپ ئۇ ئېچىلىپ كۈلۈپ كەتتى .
ئەسلىدە ئۇ مەكتىپدىكى  بىر فاكولتىتتا ئوقۇيدىغان ئايسۇلتان ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىزنى ياخىشى كۈرۈپ قاپتۇ .ئايسۇلتان مۇشۇ شەھەرلىك نامى بار باي  ئائىلنىڭ ئارزۇلۇق قىزى بۇلۇپ ،ئائىلە شارائىتى ۋە  چىرايى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا ،ئۈزىگە بەك ئىشنىدىكەن .ئۇنىڭغا تەلەپ قۇيۇپ يۈرگەن ئوغۇللار ساماندەك بۇلۇپ ،بۇ قىز ئوغۇللارنىڭ ئۆز ئەتراپىدىن كىتەلمەي چۆرگىلەپ يۈرشىنى ئۈمۈت قىلامدۇ، ياكى شەرەپ بىلەمدۇ ،ئىش قىلىپ يىگىتلەر ئۇنىڭغا تەلەپ قويسا دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرماي بىر مەزگىل ئۇلارنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ يۈرۈپ كىيىن ئۇلارنى بىراقلا رەت قىلىپ ئوينايدىغان خۇيى باركەن.ئاكاممۇ  ئۇنىڭغا تۆت ئايدىن بېرى تەلەپ قۇيۇپ ،قىلمىغىنى قالماپتۇ .لىكىن قىزچاق ئىككى- ئۈچ ئاي جاۋاپمۇ قايتۇرماي ،ئۇنى ئارقىسىدا يۈگۈرتۇپ ئۇ ئۈمۈتلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىلكىشلەپ تەلپىنى رەت قىلىپ ئاكامنىڭ يۈزىگىلا  ساۋاقدىشى مۇختەر (باشلىقنىڭ ئوغلى )بىلەن يۈردىغانلىقىنى  ئېيتىپ  ئاكامنى داغدا قۇيۇپتۇ .تۈنۈگۈن شۇڭا ئاكام دەردىنى يۈتەلمەي ئاغىينىلىرى بىلەن بۇلىشىچە ھاراق ئىچىپ قايىتقان ئىكەن .  
ئۇنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بىر تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىدى بىر تۇرۇپ يۈرەكلىرىمنىڭ بىريەرلىرى ئېچىشتى .قانداق قىلاي ،ئۇنىڭغا يەنە ئۈمۈتۋار بۇلۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان بولدۇم .
بىردەمدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى ،شۇڭا ئاكامدىن چۈشتە نىمە يەيدىغانلىقىنى سۇرىسام ،ئۇ : ‹بولدىلا ،ئاپام كىرسە مەن سىلەرنى يىغىلغان پارچە پۇللىرىمغا مىھمان قىلاي ،تاماق قىلىپ يۈرمە .سەنمۇ چارچاپ قالغاندەك تۇرىسەن .› -دىدى .
ئاپامنىڭ چۈشتە كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدىم .ئۇ :‹ تېخىمۇ ياخشى ،ئۇنداقتا سەندىن كەچۈرۈم سۇراش يۈزسىدىن سىنى مىھمان قىلاي ،چۈشتىن كىيىن باغچىغا ئاپرىپ كۆرسىتىپ كىلەي ،قانداق ؟›دىدى .
مەن ناھايتى خۇشال بۇلۇپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم .چۈنكى بۇنداق سىرىتقا چىقىش پۇرستى ماڭا نەچچە ئايدا ئاران  كىلەتتى -دە !
-سىرىت بەك سوغۇق ،قېلىنراق كىيگىن !-دىدى ئۇ ھۇجرامدىن چىقىپ كىتىۋېتىپ .
مەن چاققانلىق بىلەن جابدۇندۇم .ئاپام ئۆزى سەنئەتچى بولغاچقىمىكىن ،ماڭا خېلى مەدەنىيى كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكان ئارلىسا كۆزىگە چىرايلىق كۈرۈنگەننى ئېلىپ بىرەتتى . بىراق مەن ئۆيدىن سىرىتقا ئانچە كۆپ چىقمىغاچقا كىيىملىرىم يېڭى پېتىلا ئايىلىپ تۇراتتى .
مەن ئالدىرماي ماڭا خېلى يارشىدىغان قارا كۆك كەڭ پۇچقاقلىق پادىچىلار شىمى ،قىپقىزىل قاتلانما تىك ياقلىق پۇپايكا ئۈستىگە قارا رەڭلىك كالتە بوغما  پەي  چاپنىمنى كىيدىم .چاقماق يىپلىق يۇڭ ياغلىقىمنى ئىڭكىمنى قېتىپ چىگدىم. ئەينەك ئالدىدا ئوڭغا ،سولغا بۇرۇلۇپ ئۈزۈمگە سەپسالدىم .ئەينەك ئىچىدە خۇددى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش كىيىنگەن  ئۇماق بىر چىراي كۈلۈپ تۇراتتى .
ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ چىقتىم .ئاكام سافا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تىۋىزۇر كۈرۈۋاتاتتى .ئۇ ماڭا قاراپ : -بولدى ؟  - دىدى.
-ھەئە ! دىدىم مەن خۇشال ھالدا .
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى ۋە بېشىمدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىغىچە  قارىغاچ  مىنى بىر ئايلىنىۋىتىپ:-‹ۋاي بۇ ياغلىقىڭنى قاتلاپ بوينىڭغا شارپا قىلىپ چىگكىنە مەتۇلاشماي ،ھازىر كىم سەندەك ئىڭكىنى قېتىپ ياغلىق چىگىدۇ .›-دىدى .
مەن قارشىلىق قىلمايلا ياغلىقنى تۆت قاتلاپ بوينۇمغا سالدىم .يۈگۈرۈپ ئەينەك ئالدىغا بېرىپ ئۆرۈپ قاتلانغان چېچىمنى تۈزەشتۈردۈم .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:28:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيىپكە بۇيرىماڭلار ! قېرىنداشلار ! مەن ئەسەرنىغۇ يېزىپ پۈتتۈرۈپ بولغان تەھرىرلەپ بولغۇچە ۋاقىت قىس بۇلۇپ قېلىۋاتدۇ. توغرا چۈشىنىشىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن .داۋامىغا  قىزقىپ ئىچى سىقلىپ كىتۋاتقان دوسىتلاردىن سەمىمىي  كەچۈرۈم سۇرايمەن .

يەنە داۋامىنى ئۈچ كۈندىن كىيىن يوللىيالىشىم مومكىن !

چنكى بىزنىڭ بۇيەردە يىل ئاخىرى بەكلا قاتلاڭچىلىق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 869
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 12:38:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2013-12-9 05:31 PM
ئويلىغىنىمىز ئوخشاشكەن ، ۋاختى يەتمىسە بىكار بولغاند ...

كەچۈرۈڭ ئالدىڭىزدا خىجىلمەن .ئۈزۈممۇ نىمىشقا  ھەممىنى پۈتكۈزۈپ  يوللىمغاندىمەن دەپ ئۈكۈندۈم .
ئۈزۈممۇ ياقتۇرمايىتتىم بولمىسا بۇنداقلارنى .....لىكىن ...بولدى غەيرەت قىلاي !!!!1!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 11:18:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تۈگىدىما ؟ داۋامى بامۇ ياكى تاماممۇ؟

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4722
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 11:37:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ ، ھەر ھالدا ساقلىغانغا چۇشلۇق ئىش بولدى بۈگۈن ، خېلى جىق يوللاپسىز ، ئەسلى سىزنى ئالدىراتقىمىز يوق ،لىكىن ياخشى ئەسەرنىڭ داۋامى بىزنى ئالدىراتتى ، خاپا بولماڭ ھە  ........ داۋامىنى ساخلايمەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەركىن مەھبۇس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2979
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 03:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SAL يوللىغان ۋاقتى  2013-12-9 09:53 PM
مۇنبەرداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن .بىر مەزگىل بەك ئالد ...

ئاخىر يازدىڭىز ھە . مەن تېخى سىز نى يۈتۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ  ئىلان بىرەي دىگەن ،  

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش