Nimjan يوللىغان ۋاقتى 2013-12-3 07:54 AM
توغرىسى «شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېت» ، ئەگەر «شىمال ...
بۇ تۈردىكى سەل قارىماسلىقلار بەك بەك ئاز قېرىنداشلىرىمىزنىڭلا كاللىسىدا بارمىكىن دەيمەن. بۇغۇ ئازراق بولسىمۇ چوڭقۇرلۇقتىكى مەسىلە، بىراق بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي ئىملا مەسىلىسىدە بەك ئېغىر كەمتۈكلۈك مەۋجۇتكەن. بىزنىڭ ساۋادىمىز بىرىنچى سىنىپتا تولۇق چىقىپ بولىدۇ، باشقىلاردەك مىليونلاپ خېتىمىز يوق. شۇنداق تۇرۇقلۇق شۇنچە كۆپ قېرىندىشىمىزنىڭ خەتنى توغرا يازالمايدىغانلىقى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئىملانى توغرا يازالايدىغان ئادەم بىر پىرسەنت چىقىدۇ يا چىقمايدۇ، 99 پىرسەنت ئادەم خاتا يازىدىكەن. ھازىر قوش تىل ئوقۇتۇشىغا يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئەمدى كارامەت ئالدىمىزدا. بەزى تەرەققىياتلار سەۋەبىدىن ئەمدى تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەنيۇ لېكىن ئالىي مەكتەپنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى 12 يىل ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋالغىنىمدىن خۇرسەن بولۇپ قالىمەن.