balik يوللىغان ۋاقتى 2013-12-4 02:46 AM
4 o8 |5 l/ u' V& H& S9 ?مۇنبەرداش مەھزۇن : ( ?' n- m/ i. f0 L1 j+ E0 {: u" {
مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ «مۇسۇلمانلار ...
$ E0 T1 |' @, D8 C9 U) t5 Mئۇلار ئىسلام ھەققىدە ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بولغان پوزىتسىيىسى قانداق؟ ئاياللارغا بەرگەن ھوقۇقى قانداق؟ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى قانداق؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ قۇرئان ياكى ھەدىس ئوقۇپ تەپسىلىي چۈشىنىش ئىمكانىيىتى يوق، بولسىمۇ يوق دىيەرلىك. مۇسۇلمانلىق ۋە ئېتىقاد سالاھىيىتى مىللەت چەمبىرىكى ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان، دەئۋەت يوقىغان، توغرا تەشۋىقات بولمىغان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۇلارنىڭ ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى توغرا مەنبەدىن قوبۇل قىلىپ، بىز چۈشەنگەندەك چۈشىنىشى ئىنتايىن مۈشكۈل، بەلكى كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇمكىن ئەمەس.
" P# H, K* F+ ?2 p) A* T0 _ iشۇڭلاشقا ئۇلار ئىسلامنىڭ قانداقراق دىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى تەلىملىرىنى پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ، شۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا مۇسۇلمانلاردا كۆرۈلگەن ئاياللارنى تۆۋەن كۆرۈش، خورلاش، زىيادە قاتتىق چەكلىمە قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇلاردا «ئىسلام دىنىمۇ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان..... دىن ئىكەن» دىگەن تەسىرنى بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار «بۇلارغا دىنى مۇشۇنداق بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، شۇڭا ئاياللارنى خارلايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسلامنىڭ ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرالماسلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئوبرازىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار« ئىسلام دىنى ئاياللارنى خورلايدىكەن....» دىگەن بولسا، بىز بۇ گەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ ئەسلى روھىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى، ھەتتا باشقىلارنىمۇ ئىسلامدىن زىرىكتۈرگۈدەك ھالەتكە كەلگەنلىكىمىزنى چۈشىنىۋالساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ مەسىلىدە ئۇلار ئۆزرىلىك، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلالمىدۇق، بۇرچىمىزنى ئېنىق تونالمىدۇق. شۇڭا ئۇلاردىن ئاغرىنساق، ئىسلامنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قاقشىساق، ھەتتا «بىلىمسىز كاپىر » قالپىقى بىلەن دوزاخقا كىرىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزىۋەتسەك، بۇ ئادىل بولمايدۇ، بەلكىم دوزاخقا كىرىدىغىنى بىز بوپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-4 10:07 AM ; {/ _& ~5 b' h" n# ^
, t2 J, H7 Z% q; ~; B, f2 \7 u