nuri24 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-6 02:10 PM
ھې ھې ،باش رەسىمىڭىزدىن تۇنىۋالدىم ،سىز شۇغۇ .مەن ھېل ...
رەھمەت .
مەن پەقەت ئانچە-مۇنچە بىلجىرلاپ قۇيۇۋاتىمەن شۇ ، مىنى دەۋاتقانلىغىڭىز خىيالىمغىمۇ كەلمەپتۇ .
مەن يېقىندىن بۇيان ئىقتىساد ئوگىنىۋاتىمەن ، يەنە بىر تەرەپتىن يىڭىچە بىرخىل ئىقتىساد نەزەرىيەسى بولغان ‹‹نىسبىيىلىك ئىقتىسادشوناسلىغىغا كىرىش سۆز ›› دىگەن تىمىدا بىر پارچە ماقالە يىزىش ئۇچۇن ماتىرىيال كۇرۇۋاتىمەن ، ۋاقتىنچە تەبئى پەن توغرىسىدىكى ئىزدىنىشمنى توختىتىپ قويدۇم ، ئەمما ئويلىنىشتىن قالغىنىم يوق .
مەن يازماقچى بولغان ‹‹نىسبىيىلىك ئىقتىسادشوناسلىقىغا كىرىش سۆز ›› دىگەن ئەسەردە ئاساسلىقى يۇمشاق ، قاتتىق پۇللارنىڭ ئۇخشاش بولمىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت ياكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى سېتۋېلىش كۇچى توغرىسىدا ماتىماتىكىلىق ئانالىز ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىساد ئىلمىنىڭ بىر تارماق پىنى توغرىسىدىكى چۇشەنچىلەر ۋە ئاساسلىق ئانالىز ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ .بۇ خىل ئىقتىسادشۇناسلىقتا نۇرغۇن مەسلىلەر ئانالىز قىلىنىدۇ ، شۇنداقلا ، ئىنگى كۆرسەتكۇچى ، ج د پ .....قاتارلىقلار ئىچىكىرىلەپ تەھلىل قىلىنىپ ، رايۇن ۋە دولەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلى كۇچىنى سېلىشتۇرۇشتا يىڭىچە بولغان ئۇقۇم ۋە ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئوبرازلىق ئېلىپ ئېيتقاندا ، سىزنىڭ ئۇرۇمچىدىكى 100 يۇەن پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى بىلەن كۇچاردىكى 100 يۇەن پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ ، مەسلەن ئۇرۇمچىدە 100 يۇەن پۇلغا سېتىۋالغان كىيىمنى كۇچاردا 150 يۇەنگە سېتۋېلىشىڭىز مۇمكىن ، كۇچاردا 100 يۇەنگە سېتىۋالغان مۇلازىمەتنى ئۇرۇمچىدە 150 يۇەنگە سېتۋالالماسلىغىڭىز مۇمكىن ، نۇۋەتتىكى نەزەرىيەلەردە يۇقۇرىدىكى ھادىسىگە ئىچكىرلەپ ئانالىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ.
ھازىرقى كىيىنىس ئىقتىسادشۇناسلىقى بولسۇن ياكى باشقا ئىقتىسادشۇناسلىق بولسۇن بۇ مەسلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ بەلگىلىك ئاجىزلىقلىرى بار.
خەلقئارالىق ئىقتىساد نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا بىر دولەت بىلەن يەنە بىر دولەتنىڭ ئىقتىسادىنى ئۇنۇملۇك سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى يوق ، ھازىر بار بولغان ئىقتىساد نەزەرىيەلىرىدىمۇ ھەممە ئېتراپ قىلغان مودىل يوق .نۇۋەتتىكى ئىقتىسادتىكى يادرولۇق مەسلىلەرنىڭ بىرى پۇلنىڭ كۇچى ، پېرۋوت نىسبىتى ، ئالتۇن قاتارلىق قاتتىق پۇل ، بىكتۇن ، چ چ تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم پۇللار ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر .
بىز سوزلىمەكچى بولغىنىمىز دەل مۇشۇنداق مەسلىلەر ۋە مۇناسىۋەتلەردۇر ، بۇ يەردە بۇلارنى ئاشكارىلىشىمدىكى مەقسەتمۇ تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەلىم بىرىشىنى ئۇمىت قىلىشتۇر.
مەنمۇ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ، ئىقتىسادى مەسلىلەردە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئاتىكاچلىق قىلىپ قويدۇم ، تەلىم بەرگەيسىز ، مۇمكىن بولسا بېكتۇن قاتارلىق مەۋھۇم پۇللار توغرىسىدا چۇشەنچە بەرگەيسىز.رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-6 03:53 PM