تۇرسۇنبەگ ياسىن
يۈرەككە نەشتەر قادالغاندىمۇ ،
ھىجراننىڭ تاغلىرى كىلىپ باسسىمۇ .
ئەركەكلەر شۇنچىلىك ياشايمىز مەغرۇر ،
تەلەي ھەم ئامەتلەر بىزدىن قاچسىمۇ .
ئەركەك بىز -
تاغلاردا شەمشاد بولىمىز ،
ئەركەك بىز -
شىر كەبى ھۇۋلاپ كىلىمىز .
ئەركەك بىز ئۇيغۇرنىڭ ئەركەك ئەۋلادى ،
ۋولقاندەك پارتىلاپ ئەردەك ياشايمىز .
ئەركەك دەپ ھوۋلايدۇ تاغدا بۆرىلەر ،
ئەركەك دەپ توۋلايدۇ باغدا ھۆرىلەر .
ئەركەك دەپ چىللايدۇ تاڭدىكى خوراز ،
ئەركەك دەپ يىغلايدۇ ھەتتا نەۋرىلەر .
ئەركەككە تەشنادۇر -
بۆشۈكتە بوۋاق .
ئەركەككە تەشنادۇر -
ئۆتمۈشتىكى ئىز .
ئەركەككە تەشنادۇر -
بويىغا يەتكەن قىز .
ئەركەككە ئىنتىزار -
مەن ،
ئۇ ،
ھەم سىز .
ئەركەكسىز بۇ جاھان بولار قىيامەت ،
يۈرەككە تولىدۇ چەكسىز نادامەت .
ئەركەك بىز ئاشۇنداق زىمىنغا تۈۋرۈك ،
ئەركەكلەر ياشىغاي مەڭگۈ سالامەت .
2013-يىل دىكابىر -بېيجىڭ