تۇرمۇشتا جانغا ئەسقاتىدىغان ئون ھېكمەت
1) ئاتالمىش تۆمۈر تاۋاق بىر ئۆمۈر قورساق باقىدىغان تاۋاق ئەمەس، بەلكى نەگىلا بارسا قورساقنى باقالايدىغان تاۋاقتۇر.
2) كىچىك ئىشلارنى ئوبدان قىلىش ئاسان ئەمەس، ئادەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشمۇ ئادەتتىكىچە ئىش ئەمەس.
3) تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كەڭ قورساقلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئالىي پەزىلەت كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشتۇر.
4) ئېسىللىكتىن پەسلىككە بىر قەدەملا كېتىدۇ، ئەمما پەسلىكتىن ئېسىللىككە ئەسلا يول يوقتۇر.
5) تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ۋاپات بولۇش دېگىنىمىز ياخشى تۇغۇلۇش، ئاستىراق قېرىش، كېچىكىپ كېسەل بولۇش، تېز ۋاپات بولۇش دېگەنلىك.
6) مەغرۇرلىنىۋېرىشكە بولمايدۇ، نەپسىمىزنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئۆلگىدەك ئويناپ-كۈلۈشكە بولمايدۇ، ئىرادىمىزدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.
7) بايلار بىلەن ئارىلاشمىغانغا ئەبگالىشىپ كەتمەيسەن، ئېسىللەر بىلەن ئارىلاشمىغانغا پەسلىشىپ كەتمەيسەن.
8) دۇنيادا ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە كاللىسى يەتمەيدىغان ئادەم بار، ئەمما ئۆتكىلى بولمايدىغان يول يوقتۇر.
9) ئىقتىدار گويا چەككە ئوخشايدۇ، ئۇنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرمىساڭ، كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىدۇ.
10) ھاياتلا ياشايدىكەنسەن، باشقىلارنى كۈلدۈرىسەن ياكى باشقىلار ساڭا كۈلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-7 12:13 PM