مەلىكە يوللىغان ۋاقتى 2013-12-9 07:16 PM
سىز باھالىغۇچى دىلشاد راھىدىن بىلەن رىياسەتچى شەمسىي ...
مەيلى قەيەرلىك بولسۇن، شۇ يەرنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس شىۋىسى بولىدۇ، غۇلجۇلۇقلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىپ كۆنگەن سۆزلىرى بولىدۇ، ‹ساقام، يامان ياخشى...› قاتارلىق سۆزلەر راست دىگەندەك غۇلجىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، لىكىن ئۆز ئالدىغا خاس دىئالىكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا چوقۇم ئۈرۈمچى شىۋىسىغا بوي سۇنۇپ گەپ قىلىشى كىرەكمۇ؟
=============================================
بۇ يەردە ئىلى ئۇيغۇرلىرى چوقۇم ئۈرۈمچى شىۋىدە سۆزلىشى كېرەك، دىگەن گەپ يوق. ئۈرۈمچى شىۋىسى مەركىزى دىئالېكتنىڭ ئۆزى ئەمەس، پەقەت يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ، خالاس. بۇ خۇددى بېيجىڭ شىۋىسىنىڭ پۇتۇنڭخۇا بولالماي، پۇتۇڭخۇانىڭ بېيجىڭ شىۋىسىنى ئاساس قىلغانلىقىدەك بىر ئىش. ئەنگىلىيە تەۋەسىدە ئېنگلىز تىلىنىڭ 16 خىل يەرلىك شىۋىسى بار، ئەنگىلىيەدىكى ئوتاق تىل لوندون شىۋىسىنى ئاساس قىلغان، لېكىن لوندون شىۋىسىنىڭ ئۆزى ئەمەس. مەركىزى دىئالېكتتىكى مەيلى ئۈرۈمچى شىۋىسى بولسۇن، ياكى باشقا شىۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. تۆۋەندىكى يەرلىك شىۋىلەرنى ئورتاق تىل دەپ قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:
ئوخخو بالاڭزا، كۆرۈنمەيسەنغۇ! (ئۈرۈمچى)
ماڭا قايلا ئوغاۋالو، يوقاپ كەتتىڭ-يا؟! (قەشقەر)
بارمۇسەن ساقام، ھۇي! (غۇلجا)
خوتـەن دىئالېكتى يەرلىك دىئالېكت، ئۇ مەركىزى دىئالېكتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇڭا خوتەن خەلقى ‹‹ياتقىلى قوپتۇم›› دىگەن سۆزنى ئۆز دىئالېكت دائىرسىدە ئىشلەتسە تامامەن بولىدۇ، لېكىن مەركىزى دىئالېكتنى ئورتاق تىل قىلغان ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلاردا(خوتەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلەتسە ئوخشاشلا بولمايدۇ. مەركىزى دىئالېكت ئورتاق تىل قىلىپ بېكىتىلگەچكە، سەھنە ۋە ئېكراندىكى رىياسەتچىلەر يەرلىك شىۋە(ئۈرۈمچى شىۋىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلەتسە بولمايدۇ، ئەمما ئېغىز تىلىدا ئىشلەتسە ئۇنىڭغا مەيلى.
‹‹يامان›› دىگەن بۇ سۆز ئۇزۇندىن بۇيان سۇپەتنىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن، ھازىر بولسا ئېغىز تىلىدا رەۋىش شەكلىدە كېلىپ، سۈپەتنىڭ كۈچەيتمە دەرجىسىلىك رولىكىنى ئويناۋاتىدۇ، بۇنى 60 يىل ئىچىدىكى يېزىقنىڭ كۆپ خىل يۆتكىلىشى، قوش تىل، ئىملا قائىدىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۆزگۈرىشى بىلەن مۇناسىبەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇشۇ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزدە مىرسۇلتان ئوسمان، غەنىزات غەييۇرانىلاردەك تىلشۇناسلارنىڭ ئازلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز ‹‹يامان››نىڭ رەۋىش ۋە سۈپەت شەكلىگە قاراپ باقايلى:
ئۇ يامان قىز.
ئۇ يامانراق قىز.
ئۇ يامانراق يامان قىز.
ئۇ يامان يامان قىز.
ئۇ ياخشى قىز.
ئۇ ياخشىراق قىز.
ئۇ يامانراق ياخشى قىز.
ئۇ يامان ياخشى قىز.
<<يامان ياخشى>> سىڭىپ كىرگەنكەن، <<يامان يامان>>نى سىڭىپ كىرمەيدۇ، دەپ ھېچكىم كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ئەگەر تىلىمىز مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، كەلگۈسىدە ھېچنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھېلىمۇ ‹‹كىيىمىڭىز سەت يارىشىپتۇ››، ‹‹سەت چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز›› دىگەندەك سۆزلەر تىلىمىزغا ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئەگەر تىلىمىزدا سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسى بولمىغان بولسىدى، بۇنىڭغا يول قويۇش تامامەن مۇمكىن ئىدى، لېكىن بىزدە يېتەرلىك ئاشۇرما دەرىجە تۇرسا نىمىشقا رەۋىشنى سۈپەتتىن قوبۇل قىلىمىز؟ كېيىنكىلەرگە نىمىنى قالدۇرىمىز؟ شۇڭا ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋېزىيە، سەھنە-ئېكرانلار تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشتا باشلامچى بولىشى كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-10 08:47 PM