|
|
|
|
نېگىرىيە
The Federal Republic of Nigeria
نېگىز دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي
نېگىرىيىنىڭ تولۇق نامى <نېگىرىيە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى >بولۇپ، غەربىي ئافرىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت نامى نېگىر دەرياسىدىن كەلگەن . گىۋىنىيىدىن باشلانغان نېگىر دەرياسى مالى ۋە نېگىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن ، نېگىرىيە تەۋەسىگە كىرىدۇ ۋە يەلپۈگۈچ شەكلىدە گىۋىنىيە قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ ، دۆلەت نامى نېگىر دەرياسىنىڭ نامىغا جاينى بىلدۈرىدىغان ia نى قوشۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ ، مەنىسى <نېگىر دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي> . نېگىرىيە ئافرىقىدىكى قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، مىلادى 10-ئەسىردە شىمالدىكى خائوس مىللىتى بەزى شەھەر دۆلەتلەرنى قۇرغان، جەنۇبىدىمۇ < ئورمان پادىشاھلىقى>قۇرۇلۇشقا باشلىغان . 15-ئەسىردىن كىيىن شىمالدىكى خائوس مىللىتى شەھەر دۆلەتلىرى شۇ چاغدىكى قۇدرەتلىك سونگاي ئىمپىرىيىسىگە تەۋە بولغان . 1472-يىلى ۋە 1553-يىللىرى پورتۇگالىيە ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىلگىرى -كىيىن بېسىپ كىرىپ ،تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىپ ،نېگىر قۇللىرىنى ساتقان . 1914-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان . 1963-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى فېدىراتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.
نېگىرىيىنىڭ يەر مەيدانى 923.768 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ، ئاھالىسى 99مىليون . مىنسا ۋە ئىنگىلىز تىللىرى ئوموميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ . %47ئاھالە ئىسلام دىنىغا ، %34تى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ. پايتەختى لاگوس . پۇل بىرلىكى نائىرا . دۇنيادىكى مىللەت تەركىبى ئەڭ كۆپ دۆلەت .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
|
|
|
|
|