bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 02:44 PM
ئىنسانلارغا ئوخشاش جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالى ...
چۈشەندىم ، مەن يىقىندىن بېرى مۇنداق ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، بەلكىم تاشقى پىلانىت جانلىقلىرى يەر شارىدىكىسىگە ئوخشىمايدىغاندۇ ، سىياقى ، بەدەك تۈزىلىشى ، يەر شارىدىكىگە چۈشمەيدىغان باشقا بىرخىل سېستىمىدىكى بىئولوگويىلىك شارائىتتا ئۈسۈپ يىتىلىدىغاندۇ .....شۇڭا سۇ ئوكسىگىن ۋە مۇۋاپىق تېمپۇراتۇرا ھەتتا قۇياش نۇرىغىمۇ ئېھتىياجى بولمىغان ھالەتتە ياشىيالايدىغاندۇ ......
مەسلەن ، بىز مۇسۇلمانلار جىننى بار دەپ بىلىمىز ھەم جىننىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز ، لىكىن بىز جىننى كۈرەلمەيمىز ، ئۇلار بىزنى كۈرەلەيدۇ ، مەن ئاڭلىغاندا ، جىنلار گەپ ئاڭلىماي يۇلتۇزلارغا چىقىۋالىدۇ بەزىدە شۇ يەردە كۈيۈپ كىتىپ ئۇپۇر تۇپۇر قاچىدۇ دىگەندەك ، دىمەكچى بولغىنىم ، جىنلار يۇلتۇزلارغا چىققاندا ، بۇنى جانلىق دەپ ئېيتساق ، ئۇنداقتا ، شۇ پىلانىت ياكى يۇلتۇزدا جانلىق بار دىگەن گەپ ، لىكىن بىز ئۇلارنى مىڭ قىلساقمۇ كۈرەلمەيمىز .....
شۇنىڭغا ئوخشاش ، تاشقى پىلانىتتا جانلىق بار دەپ تۇرايلى ، لىكىن ئۇ يەردىكى جانلىقلار سۇ ھاۋا تېمپۇراتىرا ئىنىرگىيە دىگەندەكلەرگە ھاجىتى چۈشمەسلىكىمۇ مۈمكىنغۇ ، شۇڭا باشقا پىلانىتتىن سۇ ئوكسىگىن ئىزدەش ئارقىلىق جانلىقلار دىرىكىنى قىلىش مېنىڭچە تەسكە توختامدىكىن ....
كاللامدا ئويلىغىنىمنى دەپ باقتىم شۇ