Bilik_yar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 03:45 PM
بۇ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك رىئاللىق، ش ...
تېما يوللىغۇچى غا تەكلىپ:«پېرىماتلار»دېگەن ھەرگىز «مايمۇن تۈرىدىكىلەر »دېگەن بولماستىن، بىر ئاز ئەقلى بار سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلار تۈردىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن مايمۇنمۇ شۇ تۈرگە تەۋە بىراق، :«پېرىماتلار»دېگەن نى ئۇدۇللا «مايمۇن تۈرىدىكىلەر »دەپ ئاتىساق ئىغىر دەرىجىدىكى ئۇقۇم ئالماشتۇرۇپ قويۇش خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭا ئۇنى بەلگۈلۈك ئەقلى بار سۈت ئەمگۈسى ھايۋاناتلار تۈردىكىلەر دېيىش مۇۋاپىق.
=========================
سالام بىلىكيار ئەپەندى،
سىز يۇقىرىدا ئېيتقىنىڭىز پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ، ئەمەليەتتە بۇ تېمىدا دىيىلگەن پىرىماتلار دەل مايمۇن تۇرىدىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خەۋەردىكى مايمۇن تۈرىدىكىلەر دىگەن ئاتالغۇنى مەن يازغان ھەم دىگىنىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە 100% كاپالەت بىرەلەيمەن. بارچە تىللاردىكى پىرىمات دىگەن سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاختۇرۇپ باقسىڭىزلا خاتالاشقانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز. مەن بىئولوگىيە پېنى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، سىزنىڭ ئۆزىڭىز خاتا دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئوبدانراق ئىزدىنىپ كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://en.wikipedia.org/wiki/Primate
بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىشىم سىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى تورىدا ئېلان قىلغان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى توغرىسىدىكى بىر ماقالىڭىزدە مۇنداق يېزىپتىكەنسىز:
كىلاسسسك مەنىدىكى تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ قانداق؟
«ئادەم بىلەن ئورانگوتان-شىنفەنزە ۋە چاشقان گەرچە پىرماتىك(Primates؛بىر قەدەر ئەقىللىك ھىساپلىنىدىغان) سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە بولسىمۇ،….»
==================
سىز چاشقاننى پىرىمات تىپىدىكى ھايۋان دەپ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپسىز. يۇقىرىدىكى ماقالىدىن ۋە نەقىل ئېلىنغان جۈملىدىن ھېس قىلىشىمچە سىز ھەرگىزمۇ بىئولوگىيەنىڭ كەسىپ ئەھلى ئەمەس. ماقالىڭىزدىكى كۆپىنچە مەزمۇنلار چۈشىنكسىز ئىكەن ۋە بۇ نەزەرىيەنىڭ ماھىيەتلىك پىرىنسىپلىرىنىڭ ھازىرمۇ بىئولوگىيە ساھەسىدە پۇت تىرەپ تۇرۋاتقان تۈپكى نەزەرىيە ئىكەنلىكىدەك ئەمەليەتنى بۇرمىلاپسىز. گەرچە تەدرىجىي تەرققىيات نەزەرىيسىدىكى ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى كۆز قاراش كۆپلىگەن ئالىملار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان كۆپ قېتىم پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كەلگەن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسىنىڭ تارماق نەزەرىيەلىرى ئسىلام دىنى ئالىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم دۇنيا ئالىملىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىمىدى. سىز ھەتتا چاشقاننىڭ پىرىماتلار تىپىدىكى ھايۋان ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزىڭىز تازا تىگىدىن چۈشىنىپ كەتمەيدىغان مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يازغان شۇ ماقالىڭىزدىمۇ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىزنى بۇ يەردە يەنە تەكرارلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
-بىلگەجان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 07:26 PM