Zulpikar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 09:27 PM
شۇ رەھىمسىزلىكى ئۇنى تارىختا ئۆچمەس قىلغان،ھەم ئۇلۇغ ...
مەن ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بۇ تەرىپىنى تىلغا ئالدىم. ئاشۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ قىلىچىدا ئۆلۈپ كەتكەن سانسىزلىغان بىگۇناھ جانلارمۇ رىئاللىقنىڭ بىر قىسمى.بۇنى ئىنكار قىلساق بولمايدۇ.ئاتتىلانىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك.ھەددى-ھېسابسىز قىرغىنچىلىق ،دەريا بولۇپ ئاققان قانلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئېمپىرىيە ئۇ.ئېيىتقىنىڭىز ئورۇنلۇق،مەدەنىيەتلىك دەپ ئاتالغان رىم ئىمپېرىيىسىمۇ نۇرغۇنلىغان تالان-تاراج،قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغان.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ،ئاتتىلا بىلەن جەڭ قىلغان رىملىقلارمۇ ئەمەلىيەتتە بۇزغۇنچىلىقتا ئاتتىلادىن ئېشىپ چۈشىدۇكى،ھەرگىز قېلىشمايدۇ.