<ئىستىقبال سەھنىسى > پروگراممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئۆز – ئارا ئۇچراشتۇرىدىغان ، نەق مەيداندا خىزمەت ئىزدىگۈچى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يۈز تۇرانە باھالاش،سىناش ئارقىلىق ، قوش يۆلىنىشلىك تاللاش ئېلىپ بېرىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ ، نۆۋەتتكى ئەڭ قىزىق نۇقتا بۇلىۋاتقان ئىش ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدىكى خىلمۇ – خىل ھالەت ۋە مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ، ئىشقا ئورۇنلىششىتىكى توغرا ئىدىيە ۋە تونۇشنى تىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەڭ مۇھىمى تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش مەقسەد قىلىنغان ، نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى خىزمەت تېپىش تېمىسىكى چوڭ تىپتىكى پروگرامما .
بۇ پروگرامما نومۇر ئېلىش زالىدا نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىدىغان بۇلۇپ ، كەسپچانلىق خارەكتېرىگە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بەلگىلىك كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىنىمۇ ھازىرلىغان . كەڭ كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن ئاكتىپ ، ساغلام بولغان خىزمەت تېپىش ئىدىيىسىنى تىكلەش بىلەن بىرگە، توغرا بولغان قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىدۇ ، پروگراممىدا رىياسەتچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 12نەپەر تاللانغان كارخانا ۋەكىلى ، بىر نەپەر كەسىپ ئىستىقبالىنى لايىھەلەش مۇتەخەسسىسى ۋە بىر نەپەر پىسخولوگ خىزمەت ئىزدىگۈچىگە قارىتا نەق مەيداندا ئۆتكۈر سوئاللار، قىسقىچە سىناقلار ئارقىلىق ، خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ئىقتىدارى ، قابىليىتى شۇنداقلا خارەكتېر ئالاھىدىلىكىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ . ھەر سان پروگراممىدا 4 نەپەر خىزمەت ئىزدىگۈچى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ، ماھارىتىنى نامايەن قىلىش ، نەق مەيداندا كارخانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سىناقلىرى ئارقىلىق ، خىزمەت تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ . بۇ پروگراممىنىڭ ۋاقتى 90 مىنۇت بۇلۇپ ، ھەر ھەپتىدە بىر سان ئىشلىنىدۇ . ھەردۈشەنبە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت سەككىزدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيسى ئۇيغۇرچە ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2 – قانال ۋە 5 – قانالدا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ . بۇ پروگراممىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىدارىسى ، شىنجاڭ تېلېۋزىيە ئىستانسسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ، شىنجاڭ ئەلدوست بىئو – تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى ئالاھىدە ھەمكارلاشقان .
http://www.istiqbal.tv