ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۆرە- غوجاملارغىلا باقىۋەندىمۇ؟
بوزقىر تەرجىمىسى
بۈگۈنكى ‹‹ شىنمېن كەچلىك گېزىتى ›› نىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 8-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى ئالدىنقى كۈنى 1-قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، 81 پارچە ئەسەرنىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئالدىنقى 10نەپەر يازغۇچىنىڭ سەككىزى ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىكەن. ئۇلار قاتارىدا يەنە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقلاردىن باشقا كىم بولسۇن دەيسىز؟ قارىغاندا بۇندىن كېيىنكى بېلەت تاشلاشتا ئويۇننىڭ تېخىمۇ قىزىقى چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بۇ يۇقۇرى ساپالىق زەكىلەر چەمبىرىكىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىپ كېتەلىشى ناتايىن .
ھەر قېتىملىق پروفېسسورلارنى باھالاشتا مەكتەپ دەرىجىلىك كادىرلارمۇ باھالاشقا قاتنىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەكتەپ دەرىجىلىك كادىرلار باھالاشقا قاتناشمىسىمۇ شۇ باھالاشنىڭ مەكتەپ دەرىجىلىك باھالاش ئىكەنلىكى ئۆزلىكىدىنلا ئايدىڭلىشىدۇ، پروفېسسورلارمۇ تەبىئىي ھالدا شۇ بويىچە باھالىنىۋېرىدۇ. بۇ يەردە ‹‹ ئىشتاننى سېلىپ ئوسۇرۇش››نىڭ ھاجىتى يوق. ئىشتاننى سېلىپ ئوسۇرسا تېخىمۇ سېسىق پۇرىغاندەك ئەشۇنداق تۈستىكى باھالاشلارمۇ شۇنداق سېسىق پۇراق تارقاتماي قالمايدۇ. ئاز-تولا بولسىمۇ ئادىمىيلىككە قايىتقان تۈزۈكتەك قىلىدۇ. كادىرلار ئۇنىڭغا چات كېرىۋالمىسىمۇ شەرتى توشقانلارنىڭ ئۇنۋانى ئۆزلىكىدىن باھالىنىۋېرىدىغان گەپ. بەزىلەر بۇنىڭغا خىزمەتنىڭ ‹‹ ئېھتىياجى ›› دەپ ھەل بېرىدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىمۇ ياكى نوپۇزىنى كوزىر قىلىپ نەپ ئېلىش، ھەقەم سايىلىرىگە چاپان يېپىشنىڭ ئېھتىياجىمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
مۇكاپات باھالاشتا بولسۇن ياكى ئۇنۋان باھالاشتا بولسۇن نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا ، يەنە كېلىپ بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ ‹‹ ئامىلى›› غا ئايلانماقتا. بۇ خىل ‹‹ ئامىللىق تەقسىمات ›› ئاخىر بېرىپ ئىقتىسادىي جەمئىيەتكە ‹‹ 1-قېتىملىق تەقسىمات››، ‹‹ 2-قېتىملىق تەقسىمات››،‹‹ 3-قېتىملىق تەقسىمات››...لارنى ئېلىپ كەلمەكتە .مانا بۇ جۇڭگوچە ئالاھىيىدىلىك بولسا كېرەك ئەتىمالىم.چەتئەللەردە نەدىمۇ بۇنداق ‹‹ ئۆمۈرلۈك بەھرىمەن›› بولىدىغان ‹‹ئامىل››لار بولسۇن دەيسىز؟ مەيلى قانداق مۇكاپات ۋە مەيلى قانداق تەقسىماتلار بولسۇن ئۆرىلىپ-چۆرىلىپ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلار يەنىلا شۇ تۆرە غوجاملار بولۇپ چىقىماقتا. ئالدىنقى قېتىملىق ‹‹ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئومۇرىتقا مۇكاپاتى››نى باھالاشمۇ شۇنداق بولمىدىمۇ ؟
‹‹ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ›› ئەمەلىيەتتە ‹‹ جاراھەت ئەدەبىياتى ›› ئىدىيىۋى دولقۇنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ‹‹ جاراھەت ›› بىزگە نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بېيىپ تىقىلىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمما نېمىشقىدۇر ئېغىزلىرىدىن‹‹جاراھەت›› ئاقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ‹‹ مەنىۋى قەھرىمانلىرى ›› بولمىسا بۇرۇنقى ‹‹جاراھەت›› لەر تېخىمۇ شەلۋەرەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ‹‹ مەنىۋى قەھرىمانلىرىى ›› جەزمەن يول باشچىلاردىن بولۇشى بېلەن بىرگە ئاتالمىش ‹‹جاراھەت›› لەر ھەققىدىمۇ قايتا ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈردەك قىلىدۇ.
ھازىر قانداقتۇر پالانى نېمىنىڭ‹‹ ۋەكىلى››دېگەندەكلەر يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتسە ئىشچى-دېھقان-ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماس-ھە؟ ھازىرقى ‹‹ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ›› ، ‹‹ مەدەنىيەت سەھنىلىرى ›› كۆزلەرنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدۇ.بۇ خىل ‹‹ مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدە خاسلىقى ›› يەنە قانچىلىك دەۋران سۈرەلەركىن تاڭ؟
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبەسى:
http://forum.home.news.cn/detail.jsp?id=87127087&pg=1