kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2013-12-12 08:09 PM
ھۆرمەتلىك تورداش باشقىلار تورغا يوللىغان ئەسەرنى ئازر ...
بۇرادەر ، مىنىڭ لۇغىتىمدە ئۆزگەرتىش ، ئۆزلەشتۈرۈش ، كۆچۈرۈش ... دىگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس .
مەن بۇ تېمامنى ئىككى يىل بۇرۇن تەۋپىق مۇنبىرى ، ئەل قەلىب مۇنبىرى ... قاتارلىق بىر قانچە مۇنبەرگە يوللىغان . مىسرانىم مۇنبىرىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئەزا بولماي سىرتتىن كۆرىۋاتقان ، قايسى كۈنى بىر ئەسەر توغۇرلۇق ئەزا بولمىسام بولمايدىغان بوپ قىلىپ ئەزا بولغان ئىدىم . يىڭى ئەزانىڭ ئىنكاسى تەستىقلىنىپ مۇنبەر يۈزىگە چىقىدىغىننى ئۇقمىغاچقا ، سىناق تەرىقىسىدە تەۋپىق مۇنبىردىكى مۇشۇ تېمام يوللاپ باققان ئىدىم . بەلكىم ئۇ ئاداش مىنىڭ تېمامنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرگەن بولىشى مۇمكىن . قارىسام مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتمەپتۇ ، بۈگۈن باغداشقىمۇ ئەزا بولۇپ قويدۇم . ئەزالىق سالاھىتىگە ئۆتكەن ھامان ئۇ تورداش بىلەن ئۆزۈم دىيىشىۋالىمەن . رەھمەت
تورداش يەنە بىرگەپ : بۇندىن كىيىن ئىشنىڭ جەريانىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئادەمگە ئۇدۇللا قارا چاپلىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئاخىردا سىزگە بىر كوبىلىت شېئىرنى قالدۇراي .
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش ،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماق خار ئىش .
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر خار ئىش .