sikiltar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 08:30 PM
سىزنىڭ سەن لىگىنىڭىز قېرى موماي بولغاچقا باشقىلار قو ...
ئۇنداق دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، بۇ مومىمىز تېخى ياشكەن ، خەنزۇلارنىڭ پىروگىراممىلىرىدا
بۇندىنمۇ ياشانغان مومايلارنى ئېپ چىقىدۇ سەھنىگە ،،،،
بىزمۇ قېرىيمىز ،ياشانغاندا مۇشۇنداق كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنلىرى ئۇلارنىڭ
ئازراق بولسىمۇ روھنى كۆتىرىدۇ ، ئېكران ئالدىكى مومىلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ
تەڭتۈشلىرىنى ،دەۋىرداشلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ ،،،
ھەرقايسى جايلاردا خەلق مەيدانلىرىغا قارىسىڭز ساپلا خەنزۇ مومايلار توپلىشپ
ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى ئوينىشىپ 80گە كىرسىمۇ شوخ تېتېىك ساغلام ياشايدۇ ،
بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بايا سىز دىگەندەك ئىدىيەدە ، شۇڭا چوڭلارنىڭ كۆڭلى
تارتسىمۇ خەقنىڭ سۆز چۆچىگىدىن قورقۇپ جۈرئەت قىلالمايدۇ ،،،،
ئۇيغۇر جەمئىيىتى چوڭلارنى تاشلاپ قويىۋاتىدۇ ،بەزىدە ئاشۇ بىزنىڭ
تۇرمۇشىمىزغا پەقەت ماس كەلمەيدىغان تېلۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىنى
كۆرۈپ ئولتۇرغان ئاتا ئانىلىرىمىزغا ئىچىم ئاغرىيدۇ ، قاناللىرىمىزدا
يا ئۇلارغا ماس كەلگۈدەك بىرەر نەرسە يوق ،يا سىرىتتا بىرەر ئەلنەغمە
مەشرەپ يوق ،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا g-0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 10:00 PM