kvndiz-kiche يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 12:34 PM
بۇ تېمىدىكى ئىسپاتلار پەقەت ،توردىكى ئىقىپ يۇرگەن رەس ...
سىزنىڭ بۇ بايانلىرىڭىزغا قارىغاندا سىزنىڭ كۈزىڭىزنىڭ ئۆتكۈزگۈچلۈك ئىقتىدارى بار ئوخشايدۇ،ياخشى جەۋھەرلىرىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ ناچار ئەخلەتلىرىنى ئىلغىۋالىدىغان.شۇنداق ئىسىل مۇسلىمەلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆتكۈزىۋىتىپسىز.‹ھەمشىرلەر›،‹قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى›دەك ئەسەرلەرنى پەقەت ئەمىلىيەتچانلىققا ئىگە ئەمەس دەپ قارامسىز؟!بۇلارغىغۇ كۆز يۇمىۋېلىڭ ئەتراپىڭىزدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشىلنىشلارغىمۇ كۆز يۇمىۋالامسىز؟!
مەن ئۇنداق ھىجابلىنىۋېلىپ شەيتانغا دەرىس بىرىدىغانلارنى ئاقلاۋاتقىنىم يوق ھەم ئاقلاش نىيتىممۇ يوق. سىز بىلىم ۋە ئەقلىڭىزگە تايىنىپ باشقىلارنىڭ كاللىسىنى باشقا ياققا بۇرايمەن دىمەي شۇ ئەقىل ۋە بىلىمىڭىزنى توغرا يەرگە ئىشلىتىڭ.شۇ ھىجابلانغان مۇسلىمەلەرمۇ سىز بىزگە ئوخشاش ئاددىي بىر ئىنسان ،ئۇلاردىمۇ دەل سىز ۋە بىزدە بار بولغان ھاۋايى-ھەۋەسكە بىرىلىدىغان قەلىب بار.ئۇلارنى گۇناھ ئىش قىلمايدۇ دەپ كىم كىسىپ ئېيتالايدۇ؟!ناۋادا ئۇلار گۇناھ مەھسىيەت ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ ھەرگىزمۇ تىللاش ۋە ھاقارەت قىلىش توغرا بولمايدۇ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئۈچۈن دۇئاغا قولىڭىزنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلغىنىڭىز ئەۋزەل.بۇنداق جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنى يوق.بۇنداق قىلىشنىڭ يامان تەرىپى ياخشى تەرىپىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.
گىپىم ئېغىر كەتكەن بولسا ئۆزىرلەر بولسۇن.