مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yultuz920

كېچىككەن ۋىسال(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 12:37:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 02:43 AM
ئەلۋەتتە بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا تۇرۇپ ئەھۋالغا ق ...

ئېتىڭە پونى..بىكارلىق بولغاندىكىن،،،،قىززىق

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 12:38:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 03:36 AM
قايسى كۈنى تىخى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرسام ، ئى ...

ۋاي بەك قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ؟

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 01:48:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilnaz911 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 12:30 AM
ۋاي ئەخمەق قىز،،،
مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغى ...

ئوخخوووووو .... شۇنداق قىلىپ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ ﻛﻪيىپىنى ﻛﯚﺭﯨﯟﺍتىمەن دەڭە ؟   

ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻟﯘﻏﻪتتىكى : ‹‹ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﺴﻪڭ ، ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﯩﻞ ، ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ، ھېچ قاﻳﺴﺴﯩﻐﺎ ﮬﯧﺴﯩﻴﺎﺗﯩﯖﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪ ›› دىگەن گەپكە بۈگۈن راس ئىشەندىم .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 02:51:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilnaz911 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-20 12:38 AM
ۋاي بەك قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ؟

سىزمۇ بەك ياخشى قىزدەك قىلىسىز ، چاقىرغۇ نۇمرىڭىز نەچچە ؟

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93397
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-3-16
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 04:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپكە قايتىدىغان كۈنۈم ئۇ ماڭا تىلفۇن قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئەمدى ماڭا تولا تىلفۇن قىلمايدىغانلىقى،پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ،بۇ يىل قايتا ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدىم،چۈنكى ئۇنى ئىلھاملاندۇرسام "مەن سىزنى كۈتىمەن" دىگەن مەنا چىقىپ قېلىشىدىن قورققان ئىدىم.
شۇڭا "ياخشى ئوقىسڭىز كېيىن ئۆزىڭىزگە پايدىلىق" دەپ قويدۇم.
دىگەندەك بۇ بىر يىل ئۇ مېنى ئانچە كۆپ ئىزدىمىدى.ھەقىقەتەن دىگىنىنى قىلىپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولسا كېرەك.مەنمۇ ئەسلىدىنلا بىر "كىتاپ خالتىسى" بولغاچقا ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىنى كۇتۇپخانا،سىنىپلاردا ئۆگىنىش بىلەنلا ئۆتكۈزدۈم.بىر يىل ھەش-پەش دىگىچە ئۆتۈپ كەتتى.يازلىق تەتىلدە ئەكرەم بىلەن تىلفۇندا كۆرۈشكەن بولساممۇ،ئىمتىھاندىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى توغرىسىدا ئۆزى ئېغىز ئاچمىغاچقا،ئۆتەلمىگەن بولسا خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ مەنمۇ سورىمىدىم.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ مەكتەپكىمۇ كېلىۋالدىم.بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتونۇش بىر نومۇردىن تىلفۇن
كەلدى،ئالسام ئەكرەم ئىكەن.ئۇ قىسقا ئەھۋاللىشىپلا " مەن ياتاق بىنايىڭىزنىڭ ئالدىدا،ھازىر چۈشەلەمسىز ؟" دېدى.
مەن ھەيران قالدىم.
-قاچان كەلدىڭىز؟ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنمىدىڭىز؟ھازىرلا چۈشەي،-مەن دەرھال ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا چۈشتۈم.
-مەن تىلفۇن قىلمىسام مېنى ئىزلەپمۇ قويمايدىكەنسىز ھە،مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم،گەرچە نۇقتىلىق بولمىسىمۇ ئۈرۈمچىدە بولغاچقا سىزنى سېغىنغاندا كۆرگىلى كېلەلەيدىكەنمەن.
ۋاي-ۋۇي ماۋۇ يۈرىكىمنى،يەنە گۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى ،ئەكرەمدىن كۆڭۈلگە تالىق بىرەر ئېغىز گەپ ئاڭلىساملا يۈرۈكۈم سېلىپ، قىزىرىپ كېتەتتىم.بەلكىم ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنىڭ چىن يۈرەك سۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەم كېرەك.
-ياتاق بىنايىمنى قانداق تاپتىڭىز؟
-مەن دىگەن كىمۇ –دەپ كۈلۈمسىرىدى ئۇ-ئايغا چىقىپ كەتسىڭىزمۇ سىزنى تاپالايمەن.يۈرۈڭ تاماق يەپ كېلەيلى،تېخى چۈشلۈك تاماق يىمىگەنسىز.
بىز بىرلىكتە تاماق يىدۇق. تاماقتىن كېيىن،مەكتەپنىڭ ئىچىنى بىردەپ ئايلاندۇق،كېيىن ئۇ مېنى ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كېين ئۇ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى مېنى ئىزلەپ كېلىپ تۇردى.قوغلاشقاندىن قاچ دىگەندەك مەنمۇ بەزىدە باھانە كۆرسىتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمايتتىم.
لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلار ماڭا چوڭقۇر ساۋاق بولدى ھەم مېنى ئەكرەم توغۇرلۇق قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.بۇ ئىشلار تۈپەيلى ئەكرەمگىمۇ ئازار بېرىپ قويدۇم....
بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ياتاقتا ئولتۇرسام تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى.ئالسام سىنىپىمىزدىكى ھەممىدىن يۇمۇرىستىك،دائىم قىززىق گەپلىرى بىلەن ئادەمنى كۈلدۈرۈپلا يۈرىدىغان ساۋاغدىشىم قەيسەر ئىكەن.ئۇ ئىككى ئېغىز ئەھۋاللىشا ئەھۋاللاشمايلا"ئاسىيە، ماڭا تېگەمسىز؟"دەپ سورىدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.مەن ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنى چاقچاق دەپ چۈشىنەتتىم.چۈنكى ئۇ سىنىپتىمۇ بىرىنى كۈلدۈرۈپ بىرىنى تېرىكتۈرۈپ يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى.شۇڭا مەن ئارتۇقچە ئويلاپ يۈرمەستىن "سىز مېنى بىرەر ۋاق تاماققا تەكلىپ قىلمايلا ،تېگەمسىز، دەپ سوراۋاتامسىز "دەپ چاقچاق قىلدىم.
-ئەمىسە كەچتە بىللە تاماق يەيلى،-ئۇ شۇنداق دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.مەنمۇ بۇنى چاقچاق قاتارىدىلا چۈشەنگەن ئىدىم.لېكىن كەچتە ئۇ ماڭا راستىنلا تىلفۇن قىپتۇ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويغان ،دىگىنىمگە قارىماي بىللە تاماق يەيمىز دەپ تۇرىۋالدى.ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم.
-نىمە تاماق يەيسىز؟
-مەن ئادەتتە كەچلىك تاماققا بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەيمەن،كاۋاپ يەي بولمىسا.
-نەچچە زىق يىيەلەيسىز؟-دەپ چاقچاق ئارىلاش سورىدى ئۇ.
"تازىمۇ بىر ،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆزى بىلىپ بۇيرۇتمامدىكىنە"دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
-ئىككى زىق، دىدىم-مەن ئەسلى مەن ئىككى زىق دىسەم ،ئۇ ئاز كۆرۈپ جىقراق بۇيرۇتار دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن ئۇ راستىنلا ئىككى زىق بۇيرىتتى.
ئىچىمدە ئۇنىڭ تۈز كۆڭۈللىكىگە،قىزلارنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىغا كۈلگۈم كەلدى.
شۇنداق قىلىپ پاراڭلاشقاچ تاماق يىگەن بولدۇق،تاماقتىن كېيىن بىردەم پاراڭلىشايلى دەپ دەرەخ تۈۋىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق.پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇ تۇيۇقسىزلا ئەستايىدىللىق بىلەن:
-ئاسىيە، بىز يۈرۈپ قالايلى،مېنىڭ كۆڭلىمنى قۇبۇل قىلغان بولسىڭىز –دېدى.
مەن بۇ شوخ،چاقچاقچى ساۋاغدىشىمنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل گەپ قىلغىنىنى تۈنجى قېتىم كۆرگەچكە،ئىختىيارسىزلا كۈلۈپ كەتتىم.
-سىزگە چاقچاق قىلمىدىم،ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن،ئويلىشىپ جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ راستىنلا چاقچاق قىلمىغانلىقىغا ئىشەندىم.مەن ئەگەر يۈز تۇرانە ياقلا دەۋەتسەم ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماي دەپ ئويلاپ:
-ئويلىنىپ باقاي- دىدىم چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
-ئەمىسە قانچە پىرسەنت ئۈمىد بار؟
مەن ئەسلى %1 دىمەكچى ئىدىم،لېكىن ئۇنۇڭغا چاقچاق قىلىپ %40 دەپ قويدۇم،راستنى دىسەم مەن ئۇنۇڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالمايۋاتاتتىم.بىز بىردەم پاراڭلىشىپ قايتماقچى بولۇپ ماڭدۇق.ئۇششاق يىمەكلىكلەر ساتىدىغان بوتكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ،سىزگە ۋاخاخا ئەپ بېرىمەن دەپ مېنى بوتكا تەرەپكە تارتتى.
-مۇشۇنداق قىلسىڭىز %20 كە چۈشۈپ قالىدۇ جۇمۇ-دىدىم ئۇنۇڭغا يالغاندىن تېرىككەن بولىۋېلىپ،مەن ئورۇق ،ھەم كىيىنىشلىرىممۇ ئاددى-ساددا بولغاچقا،ئۇ مېنى كىچىك بالىغا ئوخشىتىپ دائىم ماڭا "سىزگە سوسكا ئېلىپ بېرىمەن"دەپ تېرىكتۈرەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ماڭا توختىماي ئۇچۇر يوللايدىغان بولىۋالدىمەن بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،دوستۇم ئاينۇرغا مەسلىھەت سالدىم.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا:"ئاداش،شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ھەممىسىنى رەت قىلىپ كەلدىڭ،ئەمدى بىزمۇ چوڭ بولدۇق،ئەگەر ياخشى بالا بولسا قولدىن چىقىرۋەتمەي ئارلىشىپ باقمامسەن.ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالامسەن تېخى" دېدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئىككىنلىپ قالدىم.
مەن قانداق قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەردە ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم.چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام ئۆزەمنى ئازادە خوشال ھېس قىلاتتىم.بىر كۈنى ئۇ مەندىن جاۋاپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،بىر نەچچە مىنۇت"ھە "بىلەن"ياق"نىڭ ئۇتتۇرسىدا تېڭىرقاپ تۇرۇپ بېقىپ،مەيلى ئارلىشىپ باقايلى دەۋەتتىم.راستنى ئېيتسام ئۇ گەپدانلىقى بىلەن مېنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ بىز يۈرۈپ قالدۇق.
مەن ئەكرەمگە تىلفۇندا تاش يۈرەكلىك" بىلەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالغىنىمنى،مېنى ئەمدى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئىزلىمەسلىكىنى دىگىنىمدە،ئۇ گەپ سۆزسىز تىلفۇننى قويىۋەتتى.(ۋاي ۋۇي ،قۇرۇپ كەتسۇن شۇ ساداقەتمەنلىكلىرىم).كېيىن بىر كۈنى كەچتە مەس ھالەتتە تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ مېنىڭمۇ كۆڭلىمنى يېرىم قىلىپ قويدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى ئىزلىمەس بولدى.
...

داۋامى
ئەكرەم بىلەن كۈنلىرىم خوشال ئۆتىۋاتاتتى.بىز بىللە ئۆگىنىش قىلاتتۇق،بىللە تاماق يەيتتۇق،مەن ئۇنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.ھېساپتا ئۇ مېنىڭ تۈنجى مۇھەببىتىم ئىدى.ئۇ گەپكە بەك ئۇستا بولغاچقا گەپدانلىقى بىلەن مېنىڭ كۆڭلىمنى ئېلىۋالغان ئىدى.كەچلىرى ماڭا شېرىن شىكەر گەپلەرنى قىلىپ ئۇچۇر يازاتتى.مەن ئۆزەممۇ بىلمىگەن ھالدا ناھايىتى تېزلا قەيسەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.لېكىن خوشال كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى...
بىر كۈنى چۈشتە ياتاقتا ئولتۇرسام ياتاقدىشىم رەنا چاقىرىپ گېپى بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن،ئاداش،ساڭا بىر گەپنى دىيىشنى توغرا تاپتىم،قەيسەرنىڭ ياتاقدىشىدىن ئاڭلىسام قەيسەر ياتاقداشلىرى بىلەن سېنى كەلتۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا باغلىشىپ،باشقىلار ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس دىگەچكە،ئۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن سېنى قوغلىشىپتىكەن.سەن ھەم سەمىمى ھەم بەك ساددا،شۇڭا ئويلىشىپ ئىش قىل،بىكاردىن دىلىڭ ئازار يەپ قالمىسۇن...."
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدىكى تاسلا قالدىم پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلىۋەتكىلى،شۇنداق بولسىمۇ ئاۋال قەيسەردىن سوراپ باقماقچى بولۇپ چۈشتىن كېيىن دەرس بولمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تىلفۇن قىلدىم.
ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا گېپىمنى دىيەلمەي يىغلاپ كەتتىم.مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنى "سوتلىدىم".ئۇ ماڭا راستىنلا شۇنداق ئىشنىڭ بولغىنىنى لېكىن ئۇنىڭ ئويلىمىغان يەردىن مېنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ئېيتىپ گەپدانلىقى بىلەن مېنى يەنە ئۆزىگە ئىشەندۈۋالدى.كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشكەن ئىدى.لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.ئىككى كۈندىن كېيىن شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.تىلفۇنىمۇ ئېتىك ئىدى،قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايتتى.ياتاقتا ھېچ ئىش خوش ياقماي ئولتۇرسام مەندىن بىر يىللىق يوققىرى ئوقۇيدىغان ياتاقدىشىم كىرىپ كەلدى.ئۇ تۇيۇقسىزلا مەندىن<ئاسىيە،قەيسەر بىلەن دىيىشىپ قالدىڭلارما" دەپ سورىدى.
-ياق،نىمىشقا بۇنداق دەپ سورايسىز؟-دېدىم مەن ھەيران بولۇپ.
-بايا قەيسەرنى مەكتەپ قوروسىدا بىر قىز بىلەن كۆردۈم.قەيسەر ئۇ قىزنى بېكەتكىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ئاپتۇبۇسقا سېلىپ قويدى.
يۈرىكىم پىچاق تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى.شۇنىڭدىمۇ چاندۇرماي:
-ھە،قەيسەرنىڭ نەرۋە سىڭلىسى كەلگەن ئىدى.دىدىم
-مېنىڭچە نەۋرە سىڭلىسى ئەمەستەك قىلىدۇ،دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ.
مەن ئورنۇمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم،بىر ھازادىن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ قەيسەرگە تىلفۇن قىلدىم،ئۇ تىلفۇننى ئاچقان ئىدى،مەن ئارتۇق گەپ قىلماي كۆرىشەيلى دېدىم.
مەن ئەمدى ئۆزەمنى خېلى تۇتىۋالغان ئىدىم.بۇ قېتىم ئەقلىم ھېسىياتىمدىن ئۈستىن ئورۇندا ئىدى.مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ:
-مەن سىزنىڭ كىم بىلەن نەدە يۈرگىنىڭىزنى،نىمىشقا تىلفۇننى ئېتىۋالغىنىڭىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يۇرمەي،بۇ قېتىم ماڭا يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ راست گەپنى دەڭ.-دىدىم.
ئۇ مېنىڭ نەشتەردەك قادالغان كۆزلىرىمگە قاراشقا جۈئەت قىلالماي ،يەرگە قاراپ تۇرۇپ:
-ئاسىيە ،سىز ياخشى قىز ئىكەنسىز،سىزنى ئالداۋېرىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،مەن ئۆزەمنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن سىز بىلەن يۈرگىنىم راست...ئۇ قىز ...مېنىڭ باشقا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قى..قىزدوستۇم...مېنى كەچۈرۈڭ.."دېدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
ئاخىرىدىكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى،ئاچچىقىمدا ئۇنى كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدىم -دە،كەينىمگىمۇ قارىماستىن ياتاق تەرەپكە قاراپ يۇگۈردۇم.ياتاققا كىرىپلا ئۆزەمنى كارىۋاتقا تاشلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم.ياتاقداشلىرىمنىڭ بەزلەشلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى،سوئاللىرى جاۋاپسىز قالدى...
شۇ ياتقانچە ئورنىمدىن ئۈچ كۈنگىچە تۇرالمىدىم. دەرسكىمۇ چىقمىدىم.تاماقنى ياتاقداشلىرىم ئەكىرىپ بەردى.مېنىڭدىن ئەھۋالنى بىلگەن ياتاقداشلىرىم سىنپتا قەيسەرنى قاتتىق تەنقىدلەپتۇ،مېنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق ئىدى...نىمىشقىدۇر ئەكرەمنى كۆرگۈم كېلىپ قالدى.ئۈچىنچى كۈنى بىلگەندەك ئەكرەم تىلفۇن قىلىپ قالدى.ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا يىغلاپ كەتتىم.
-ئاسىيە سىزگە نىمە بولدى؟-دەپ ئالدىراپ سورىدى ئۇ،-ئاغرىپ قالمىغانسىز؟
-ھەئە ئاغرىپ قالدىم،-دىدىم مەن مىچىلداپ يىغلاپ.ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېققىن تۇققىنىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ئىللىقلىق ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم.
-مەن ھازىرلا باراي،-دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.
مەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ئەينەككە قارىدىم،چىرايىم سارغىيىپ،كۆزلىرىم ئولتۇرۇشۇپ قالغان ئىدى،مەن ئۆزەمنى ئازراق تۈزەشتۈرۈپ ،ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتتۈم،بىردەمدىلا ئۇ "مەن ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىدا،چۈشەلەمسىز؟"دەپ تىلفۇن قىلدى.ئۇ تاكسى توسۇپ كەلگەندەك قىلاتتى.
-خېلى قاتتىق ئاغرىغان ئوخشىمامسىز،نىمىشقا ماڭا تىلفۇن قىلمايسىز،ئورۇقلاپ كېتىپسىز،-ئۇ مېنى كۆرۈپلا سۆزلەپ كەتتى.
-ئۇ سىزگە نىمىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؟مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن.
-بولدى ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ،-كۆزىمدىن ياش ئەگىدى.
-يۈرۈڭ سىزگە شوپا ئېپ بېرەي،بەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندەك قىلىسىز.
بىز مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىغا كىردۇق،ئۇ بىر كىشىلىك شورپا بۇيرۇتتى.
-سىز ئىچمەمسىز؟-ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن.
-مەن تاماق يەپ بولغان ، ئىسسىقىدا تېزراق ئىچىۋېلىڭ.سوۋۇپ قالمىسۇن.
ئۇ ئۇدۇلىمدا ماڭا قاراپ ئولتۇردى،مەن ئۇنىڭمۇ ئورۇقلاپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم
-سىزمۇ ئورۇقلاپ قاپسىز.
-دەت يامان- دەپ قويدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
تاماقتىن كېيىن مەكتەپ قوروسىنى بىردەم ئايلاندۇق.مەن ئۇنىڭغا قەيسەر بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتتىم ،لېكىن سەۋەبىنى دىمەي،مىجەزىمىز كېلىشمىدى،دەپلا قويدۇم،باشقا ئىشلارنى دىگۈم كەلمىدى.ئۇمۇ ئارتۇقچە گەپ سورىمىدى،چىرايىدىن خوشال بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
ئۇمېنىڭ تاماقنى ۋاقتىدا يىيىشىمنى تاپىلاپ ،ياتاققا ئەكىلىپ قويدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ئەكرەم ماڭا يەنە بۇرۇنقىدەك تىلفۇن قىلىپ تۇردى.مەنمۇ ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ قالدىم.لېكىن قەيسەرنىڭ چىرايىغا زادىلا قارىغۇم كەلمىدى.مېنى كۆرسىلا ئوڭايسىزلىنىپ باشقا ياققا قارىۋالاتتى."مەن بىلەن ئىككىنچى يۈز كۆرۈشمەيدىغاندەك،مېنى ئەخمەق قىلغانتىڭغۇ ئەبلەخ"دەپ ئىچىمدە تىللاپ قويىمەن بەزىدە.
داۋامى بار

.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93397
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-3-16
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 04:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 04:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر باشلىقى،خاپا بولما تېمامنىڭ ئىككىنچى قېتىم يوللانغىنىنى تەستىقلاپ بەرگەن بولسىڭىز،بىرىنچى قېتىم يوللىغىنىم ئېھتىياتسىزلىقتىن يوللاپ بولغان قىسمى يوللىنىپ كېتىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 04:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى نىمە دىگەن قىزىق ئىنكاسلار بۇ!!!  

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 05:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 01:41 AM
مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە سىزگە ئوخشاش قۇلۇمنىڭ ئۇچىنى  ...

ئەگەر قىزنى راسلا ياقتۇرسىڭىز ھەم ياخشىلىقىنى ھەقىيقەتەن ھىس قىلغان بولسىڭىز ئىككىلىنىپ ئولتارماي  بىر قارارغا كىلىڭ ، كىيىن ياخشىلار قولدىن كەتسە پۇشايمان قىلىپ قالدىغان ئىش چىقىدۇ. لىكىن ھۈرمەتلەشنى ئۇنۇتماڭ!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 05:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
艾海提江 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 12:27 PM
ھازىرقى تۇرمۇشىڭىزدىن رازى ئەمەس ئوخشىمامسىز؟

ئەمدى چىققان لايىقلار  كۈڭلۈمگە ياقماي شۇ ،  بالدۇرراق بىرىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ  مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلغىچە ۋاقتىدا توي قىلىغان ياخشىكەن دەپ شۇنۇڭغا دىگىنىم .

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش