ھازىر Emory University نىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئىزدەپ باققان ئىدىم، بۇ ئاساسلىقى مەزكۇر ئۇنىۋىرىستىت نېرۋولوگىيە فاكۇلتىتى پىرافىسورى Kerry J. Ressler نىڭ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا Science ژورنىلى نەشىرىياتدىن چىقىدىغان Science Tranlational Medicine دىگەن ژورنالدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسى ئىكەن.
[url]http://news.emory.edu/stories/2013/06/ptsd_opioid/[/url]
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئىلمىي ماقالىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇغىلى بولىدىكەن:
http://stm.sciencemag.org/content/5/188/188ra73.short
مەن ئابىستىراكىت قىسمىنى ئوقۇپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، راۋۇرۇس ئاساسلىرى كۈچلۈك تەتقىقات ماقالىسى ئىكەن. بەكلا قىزىقارلىق تەتقىقاتكەن راسلا، سىلەرمۇ ئوقۇپ باقساڭلار خەۋەر ئۈستىدە شۇ ماقالە ئۈستىدە پاراڭ سالساق بولىدۇ. چۈنكى بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن قەستەن «پۇشايمان دورىسى» دىگەندەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىسىم بىلەن بېزىلىپتۇ... ئەمەليەتتە، ئالىملار بۇ ئۇسۇلنى پەقەت ئۇرۇش ياكى ئېغىر دەرىجىدە نېرۋا توسقۇنلۇقى پەيدا قىلىدىغان ھاياتتىكى ئەشەددى ھادىسىلەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن كەشىپ قىلغان دورا ئىكەن .چاشقاندا مۇۋاپىققىيەتلىك بوپتۇ، ئەمما ئادەمدە قانداق تەسىرى بولىدۇ تېخىق ئېنىق ئەمەس. بەلكىم دۇنيادىكى نەچچىلىگەن خىيالپەرەسلەر مۇشۇ دورا بىلەن ئۆز كېسەللىرىگە داۋا تىپلىغاندەك خۇش بوپكەتكەندۇ دەبدبىلىك خەۋەرنى ئوقۇپ.... چاشقاندا ئىشلىگەن دورىلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىنسانلاردا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە ئەمەسلىكى مىڭلىغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلانغان، ئەلۋەتتە ئون مىڭلىغان تەتقىقاتلاردا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ چىققان يەرلىرىمۇ بار، دىمەكچى ئىنسانلاردا سىناپ باقماي تۇرۇپ ئالدىراپ خوش بوپكەتكىلى بولمايدۇ....