مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

قارا تاكسى (ۋەھىمىلىك ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16945
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8092
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 2116 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 01:59:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ ھامىلدار ئەسەركەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100162
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 02:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنىڭ ئاخىردىن ئۈمۈتسىزلىنىپ قالمايلى ،ياخشى ئاخىرلىشىشىغا تىلەكداشمەن ،ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈش ئۈمۈتسىزلىكتىن باشلىندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100162
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-11-27
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 02:07:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرنجى قېتىم «بۆرە كەلدى»! دەپ ۋاقىرغانغا ئوخشاش ماۋزۇ بوپتۇ ،ھېكايىنىڭ ئاخىرىنىڭ ياخشى داۋاملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 02:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزنا يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 01:59 PM
يەنە شۇ ھامىلدار ئەسەركەنغۇ

.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4722
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 03:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 03:49 PM
داۋامىنى ساقلايمەن

مانا، ئازلا قالدى 2-سى چىقىدىغانغا.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىملىق كىنودەك ئۈزۈپ يازماي ،ھەممىنى WORD شەكلىدە يېزىپ، بىراقلا يوللىسا ئوقۇرمەنلەرمۇ رازى بولاتتى. ۋەھىمىلىك  ئەسەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق. ياكى ئاخىرى يوق، بىرى ئالدىراتمىغاندىكىن. ۋاقتى چىققاندا ئاز-ئازدىن يېزىپ.بىراقلا يوللىسا،ئاپتورنىڭمۇ،ئوقۇرمەننىڭمۇ ھاردۇقى تەڭ چىقسا،ھازىر ئىشخانا ۋە ئۆيلەردە تور ئومۇملىشىپ كەتتى .يانفۇندىمۇ يازغىلى بولىدۇ،
ئاقساقاللىقىمنى كەچۈرۈڭ، تېمىنىڭ داۋامىغا قىزىققاچقا ،شۇنداق دەپ سالدىم. تىمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن،
سىزگە يەنىمۇ ئىجادى ئۇتۇق تىلەيمەن، قەلەم تولپارىڭىز ھارمىسۇن قېرىندىشىم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               قارا تاكسى (ۋەھىمىلىك ھېكايە)
                                                        رۇستەم بەكرى     
                                                              (2)


*************************************************
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمدىكى تاماكا ئىسىنى تېزلىك بىلەن چىقىرىۋېتىپ ئەنىۋەرگە قارىدىم. ھەم سول يېنىمدىكى دىلمۇراتمۇ بۇ ۋاقىتتا دەرھاللا ئاۋۋال ئەنىۋەرگە ئاندىن ماڭا قارىدى. ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولۇپ ئوغلى ئاتىللانىڭ بۇرنىدىكى ماڭقىسىنى ئېرتىۋاتقان گۈلگىنەمۇ ماڭا بىرخىل ئەجەپلىنىش ئىلىكىدە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى............
**************************************************
ئاندىن كېيىن ئۇلار ماڭا بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن ئەنىۋەر ئاۋۋال گەپنى باشلىدى:
-مەن كۆرگەن ئۇ ئىككى ساندۇق بولسا، بىرى گىتتارنىڭ ساندۇقى يەنە بىرى بولسا ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ ساندۇقى ئىكەن. مەن تاھىرنىڭ يېنىغا كېتىۋاتقاندا، خۇددى بىرسى تارتىۋالىدىغاندەك شۇنداق تېزدىنلا ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى يېپىۋەتتى. مەن شۇ چاغدا شۇنداق ھەيران قالغان بولساممۇ ئەمما بىلمەسكە سېلىپ ئۇ ئىشنى تىلغا ئالمىغان ئىدىم.
-ھە، راست ئۇ گىتتار بىلەن ئاۋاز ياڭراتقۇ كىمنىڭ ئىدى؟ دەپ سورىدى.
-مانا مۋۇ ئەپەندىنىڭ ئىدى دەپ دىلمۇراتنى كۆرسەتتىم ھەم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ئالغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىنچە ھېچكىمگە ئۇقتۇرمىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.
........ئارلىقتا بىز تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىۋاتقان چاغدا، ئىشىك ئالدىدا 4،،5 ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلار قارىماققا سەم مەستتەك قىلاتتى. ئارقىدىنلا ئىشىك ئېچىلىپ 25-30 ياشلاردىكى بەشەيلەن كىرىپ كەلدى دە، ئارىسىدىكى 30 ياشلاردىكى، 10 بارمىقىنىڭ ئۈستىگە ئىسكىلىت چېكىۋالغان بىرى:
-ھوي! ئۇستام! بىزگە بىر ئەكەك توخۇينىڭ ھەر كۈنى كاڭگۇڭ قىلماي تازا چىللايدىغىنىدىن بولسا بىرنى ‹‹داپەنجى›› قىلىپ بېرىڭە. ھەرگىز ماۋۇ سالام جۈجەكتەك چوكۇلدايدىغىنى بولۇپ قالمىسۇن جۇمۇ، دەپ بولدىدە ئۇلار قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن ئارىدىن بىرى:
- ھە راست، سالام، ھېلى ئۇ ئەكەك توخۇينىڭ ئىككى پۇتىنىمۇ سەن يە جۇمۇ، شۇندىلا ئۇزۇنراق بەرداشلىق بېرەلەيسەن، شۇندىلا قايناقسۇ قايناپ بولغىچە ئوتۇڭ ئۆچۈپ قالمايدۇ....
ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چاقچاقلىرى سەل تېتقسىزلىشىشقا قاراپ ماڭدى......    ئاندىن ئارىسىدىكى بىرى:
- ھەي، ھەي، ھەي، ھەي بالىلار بولدى، بولدى. دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ باشقا پاراڭغا چۈشتى.
....................
بىز تاماق يەپ ئولتۇرغاندا دىلمۇراتنىڭ يېنىدىكى ماخسۇس تورغا چىقىدىغان يەنە بىر يانفۇنۇم سايراشقا باشلىدى.
-ئەلقەم ئىكەن رۇستەم ئاكا، دەپ تېلېفۇننى ماڭ تەڭلىدى.
-بولدى سەن ئېلىۋەر دېدىم. ئۇلار بىر نەچچە مىنۇت پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلېفۇننى قويۇپ دىلمۇرات ماڭا:
-قاراڭ، ۋاقىتمۇ بىلىپ-بىلمەي 9 يېرىم بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا مەن بايا تېلېفۇندا ئۇلارغا دېگەندەك، بىز بۈگۈن بېرىپ ئەتە كۈندۈزدىلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشەيلى دېدى.
بۇنىڭغا مەنمۇ قوشۇلدۇم. ھەم بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن قوزغالدۇق ۋە ئەنىۋەرلارنىڭ ئۇنىمىغىىغا قويماي ئۇلارنى مەھەللىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن بىزمۇ سەپىرىمىزنى باشلىدۇق..........
........ مەن ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز دىلمۇرات:
مەن بىردەم ھەيدەيمۇ ماشىنىڭىزنى؟ دەپ سورىدى.
-ماقۇل. دەپ مەن ماشىنىنىيانغا توختاتتىم.
-يېڭى ماشىنا يەنىلا يېڭىدە! دەپ يېڭى ئالغان  JeeP ماشىنامنى ماختاپ قويدى، بىز سىرتتا تاماكا چەككەچ ھاۋا يەپ تۇرغان ۋاقىتتا.
-ھەي! ئاۋۇنىڭغا قارا! نېمە ئۇ؟ دېدىم مەن دەرھاللا.
-ئادەمكەن، دېدى دىلمۇرات بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇلاپلا:
-بۇ قۇشنىڭ پوقىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ھەم بۆرىمۇ تۈزۈك يولۇقمايدىغان بۇ تاش-سېغىللىق قاقاس جاڭگالدا نەدىن ئادەمكەن ئۇ؟! دېدى ئۇ.
بىز مۇشۇلارنى دېيىشىپ تۇغاندا، ئۇ ئىككىسىمۇ بىزگە قاراپ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. ئارلىق يېقىنلىغانچە بىز ئۇلارنى ئېنىق كۆرۈشكە باشلىدۇق. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستى-بېشى قان، چاچلىرى چۇۋۇق، ۋە چىرايى ھەم كىيىملىرىمۇ شۇنداق بەتبەشىرە ئۇ ئىككىسى بىزنى نىشانلاپ قوللىرىنى بىزگە قارىتىپ سوزۇپ كېلىۋاتاتتى. بىز بۇ ۋاقىتتا دەرھاللا ماشىنىغا چىقىپ بۇ يەردىن ئايرىلدۇق.
ئارىلىقتا بىز نەچچە كېلومىتېر ماڭغاندىن كېيىن 30 مېتىرلار ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئوڭ چېتىدىكى تاختاينىڭ يېنىدا بىر ئادەم ماشىنا توسۇپ تۇرۇۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ تۇرۇقىدىن ئۇنى تونۇغاندەك قىلدىم. ئۇ دەل بايامقى ئىككىسىنىڭ بىرى! دەپ ئويلىدىمدە، دىلمۇراتقا:
-توختىما! يانداپ ئۆتۈپ كەت! دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن دىلمۇراتمۇ تېزلىك بىلەن يانداپ ئۆتۈپ كەتتى.......
ئارىلىقتا بىز 10 نەچچە كېلومىتېر ماڭغاندىن كېيىن، يەنە 30 نەچچە مېتىر ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئوڭ چېتىدىكى تاختاينىڭ يېنىدا يەنە بىرايلەن تۇراتتى. ئۇمۇ دەل بايامقى يول توسىغان ‹‹ئادەم›› ئىدى!
-يەنە توختىماي يانداپ ئۆتۈپ كەتكىن! دېدىم دىلمۇراتقا.
ئەمما بىزنى ئارىلىقىمىز10 مېتىردەك قالغاندا ئۇ بىزنىڭ توختىمايدىغىنىمىزنى بىلدىمۇ قانداق، ئۇ بىزنىڭ ماشىنىغا يۈگىرەپ كەلگەن پېيى كېلىپلا ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتتى دە، ‹‹داقاق-دىقىلىق!›› قىلغان ئاۋاز چىقىپ كەتتى.
-ئىم! ئادەم ئوخشايدۇ؟! دېدى دە، دىلمۇرات ئاندىن دەرھاللا ماشىنىنى 20 نەچچە مېتىر ئالدىمىزدىكى يولنىڭ چېتىگە ئاپىرىپ توختاتتى.
بىز چۈشۈپ قارىساق ھېچنىمە يوق. بىز ئاندىن قول چىراقلارنى ئېلىۋېلىپ ماشىنا سوقۇلغان شۇ ئورۇنغا باردۇق، ھەقىقەتەن ھېچقانداق ئىز يوق، ھەم يولنىڭ ئىككى تەرىپىگىمۇ چراقنى چېقىپ كۆزەتتۇق.ئەمما يەنىلا ھېچنەرسە يوق! دىلمۇراتقا قارىسام ئۇ مەندىن بەكىرەك جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن:
-بولدى دەرھال ماڭايلى! بۇ جايدا ئۇزۇن تۇرمايلى دېدىم. ئارقىدىن:  -ماشىنىنى مەن ھەيدەي دېدىم دە، بىز بۇ جايدىن دەرھاللا ئايرىلدۇق.
ئەمما مەن ماشىنىنى ھەيدەپ 6،،7 كېلومىتېردەك ماڭغان ۋاقىتتىا ئۇدۇل 50 مىتېردەك يەردىكى يول چېتىدىكى تاختاينىڭ يېنىدا يەنە بىرەيلەن تۇرىدۇ. ئارىلىق يېقىنلىغانچە مەن ئۇنى تونۇدۇم. ھەم بۇ ۋاقىتتا دىلمۇراتمۇ ئۇنى تونۇۋاپتۇ! ئۇ دەل باشتا ماشىنا توسىغانھەم كېيىن ئۆزىنى ماشىنىغا ئاتقان ‹‹ئادەم›› ئىدى! شۇنىڭ بىلەن دىلمۇرات ماڭا:
-رۇستەم ئاكا يانداپ ئۆتۈپ كېتىڭ! دېدى.
مەن شۇنداق قىلىپ  تېزلىك بىلەن ماشىنىنى يانداپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن رولنى سولغا ئۇردۇم. يولۇممۇ ئوتتۇرا سىزىقنى ئاتلاپ سول تەرەپتىكى يولغا ئۆتكىلىۋاتقاندا، ئەمما بۇ ۋاقىتتا يولدىكى ئۇمۇ تېزلىك بىلەن يۈگىرەپ يەنە ماشىنا ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىشكە باشلىدى! مەن شۇنىڭ بىلەن بۇ جىددىيچىلىكتە ماشىنىنىڭ رولىنى سولغا بىر قانچىنى ئۇرۇشۇم بىلەن تەڭلا، دەقىقە ئارىلىقىدا ‹‹جاققاق!›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ماشىنا سول يانغا سەنتۈرۈلۈپ يولدىن 1 يېرىم 2مېتىردەك يانتۇلۇقتىن، تۆۋەندىكى تاش-شېغىللىق يەرگە قاراپ نەچچىنى دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى......
بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنى تەستە ئوڭشاپ دىلمۇراتقا قارىسام ئۇ ھۇشىدىن كەتكەندەك قىلىدۇ. ماشىنىنىڭ ياڭراتقۇسىدا بولسا ئامېرىكا ‹‹بۈركۈت›› مۇزىكا ئەتىرىتىنىڭ ناخشىسى چىقىۋېتىپتۇ،ھەم بىر ئازدىن كېيىنلا ئۇ ئاۋازلارنىڭمۇ زۇۋانى ئۆچۈپ قالدى. ئوڭ پۇتۇم بولسا قايرىلىپ ياكى چۆچۈپ كەتتىمۇ بەك سىقىراپ ئاغرىپ دەماللىققا ئورنۇمدى تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تەستە ماشىنىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ ماشىنامنىڭ 10 مېتىردەك غەربىي-شىمالىدىكى ئۈستىگە چوڭ بىر ئېلان تاختىسى ئورنىتىلغان يۇغان بىر پولات سىتولبىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ باردىم دە، ئۇ سىتولبىغا يۆلىنىپ يانچۇقۇمغا قولۇمنىڭ ئېىپ بارسام يانفۇنۇم يوق، يەنە بىر مەخسۇس تورغا چىقىدىغان يانفۇن بولسا دىلمۇراتتا ئىدى. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ماشىنامنىڭ ئىچىدىكى دىلمۇراتقا قاراپ تۇرغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى، مەن دەرھال بېشىمنى ئۇدۇلۇمغا قارىدىم، يانفۇنۇم بولسا 7،،8 مېتىر ئالدىمدا سايراۋاتاتتى. ھەم بۇ شاماللىق ئايدىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئىككى ئادەمنىڭ سىماسى كۆزۈمگە چېلىقتى. ئۇلار مېنى نىشانلار ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى......
ئۇلار ماڭا يېقىنلاپ 10 نەچچە مېتىردەك قالغاندا مەن ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ئىلغا قىلىپ تونۇشقا باشلىدىم. ئۇلار دەل بىز باشتىكى تۇنجى ماشىنا توختاتقان جايدىكى ھېلىقى ئىككىيلەن ئىدى! ھەم ئۇلارنىڭ بىرى نەق بايامقى يول توسىغان چاغدا ئىككى قېتىم ئۆزىنى ماشىنىغا ئاتقان ‹‹ئادەم›› ئىدى!
ئۇلار ماڭا قاراپ قوللىرىنى سوزۇپ كېلىپ 6،،7 مېتىر قالغاندا مەن تېزلىك بىلەن ئەتىراپىمغا قاراپ ئەپلىكىرەك بىرەر قوغدىنىش قورالى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن سول تەرىپىمگە قارىسام قاچانلاردا چېقىلغان كىچىك بىر دوپ ئەينەك پارچىلىرى تۇرۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئىزدەشتۇرۇپ بىر 20 نەچچە سانتىدەك كېلىدىغان تارراق بىر ئەينەك پارچىسىدىن بىر ئالدىمدە،ئوڭ قولۇمغا ئېلىپلا كۆتۈرۈپ مۈرۈمگە يېقىن ئېلىپ كېلىپ چىڭتۇتقان ھالدا ئۇلارغا قاراپ تۇردۇم.
بۇ كەچكۈزنىڭ دەشتە جاڭگالدىكى ئاچچىق سوغۇق شامىلىدا، ئەينەك تۇتقان ئوڭ قولۇمنىڭ ئەينەكتىن كېسىلگەن يەرلىرىدىن ئاققان ئىسسىق قېنىم، جەينەكلىرىمگە، ئاندىن كىيىمىم ۋە بۇ تاش-شېغىللىق سوغۇق يەرگە تامچىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى...........
ھەم يانفۇنۇممۇ يەنە قايتىدىن تونۇش نومۇر ناخشا قۇڭغۇرۇقىدا سايراشقا باشلىدى...........


( داۋامى بار )

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

باشقىلار كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4026
يازما سانى: 1963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18664
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2015-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ۋەھىمىلىك ھېكايىلەرنى ئوقۇۋېرىپ شۇنى ھېس قىلدىم.   مۇشۇ «داۋامى بار» دېگەن ئىككى خەت ماڭا بەك ۋەھىمىلىك كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى.

يۇرتۇم__ توققۇزتارا تاشتۆپە    ئىملاغا دېققەت قىلايلى قېرىنداشلار!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 04:42:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kara-yijiran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 04:11 PM
كۆپ قىسىملىق كىنودەك ئۈزۈپ يازماي ،ھەممىنى WORD شەكلىدە  ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەمدى شۇ ۋاقىت مەسىلىسى، چۈنكى ھازىر 2 ئىشنى قىلىۋاتىمەن دۇكاننىڭ ئىشى بىلەن.
يەنە كلىپ ئانچە-مۇنچە تۈزەتكەش يازاي دەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى.
شۇڭا بۇ تەرىپىدىن ئوقۇرمەنلەردىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش