مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

كۈتۈلمىگەن مىھمان (ئاخىرقى قىسىملىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 06:23:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 06:16 PM
ئاشۇ تىمىدا تىتىقسىز پاراڭنى ئاز قىلغان بولساڭ يوق بۇ ...

سىز ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئۆزىڭىز بەك ئوخشايدىغان ئوخشىمامسىز ؟
مەندە ئاداۋىتىڭىز باردەكلا كۆرگەنلا يەردە چوقۇپ يۈرىسىز ؟ مەندە بىرەر ئاداۋىتىڭىز بارما ؟ ئۈزۈمچى قىزلىرىغا ئوخشىمايىسز دەپ كىتىپسىز . سىز ئۆزىڭىز بەك ئوخشايدىغان ئوخشىمامسىز؟
نەدە ئۈرۈمچىلىك ئوغۇللار كۆرگەنلا يەردە قىز بالىنى تىللاپ يۈرىدۇ . سىزدىن قۇتۇلغىنى بولمامدۇ نىمە ؟

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 06:25:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arapat886 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 06:16 PM
ئاشۇ تىمىدا تىتىقسىز پاراڭنى ئاز قىلغان بولساڭ يوق بۇ ...

دەردى بار ساراڭ دەپ سىنى دىسە بولىدۇ ساراڭ قادىخان .
يوقالغىنە ماڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي يوقالغىنە . كاللاڭنىڭ سۈيى بارمۇ قانداق؟

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100674
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2013-12-9
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:11:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا بۇ يەردىمۇ ئۇرۇشقىلى تۇرۇپسىلەرغۇ؟؟؟   
قايسى تىمىغا كىرسە ئۇرۇش، يەنە كىلىپ جىلۋە قىزنىڭ تىمىلىردا .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98390
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يوققۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:54:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈتۈلمىگەن مىھمان (ئاخىرقى قىسىملىرى)

ئىليار ئىلاجىسىز تەقدىرگە تەن بەرمەكچىمۇ بولدى ، بىراق مەن ئوغۇل بالا تۇرسام دىگەنلەرنى ئويلاپ يەرگە قارىدى . 7 -قەۋەت بولغاچمۇ ئۇ ھەرگىز يەرگە چۈشەلمەيتى . ئىشىكنىڭ قاتتىق ئىتتىرلىپ كىرىشى بىلەن ئىليار دىرىزە ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى .
-بولدى ، ئۆلسەممۇ ئۆلەي ، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدا ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمۇ .
ئىليار ئۆز-ئۆزىگە غودۇرلاپ ئۆي ئىچىگە قارىدى ، بىر قانچەيلەننىڭ يۈگۈرۈپ كەلگىننى كۆرۈپ كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ دىرىزىدىن سەكرىدى ..
ئىليار ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ھالدا سەكرىدى ، بىراق كىمدۇر بىرىنىڭ تۇتۇۋالغىننى سىزىپ كۆزىنى ئاچتى .
-دەرھال ماشىنىغا چىقىڭ .
ئىليار ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئادەمنىڭ ئەرەفات ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، خىلى يەڭگىللەپ قالدى ، ئۇلار قاچايلى دەپ تۇرىشىغا قاراپ تۇرغانلار ئۇلارنىڭ يىنىغا يۈگۈرۈپ كىلىشى بىلەن ئىليار بىلەن ئەرەفات ئۇلارنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە قاتتىق ئۇرۇۋاتاتتى.
بىر ئازدىن كىيىن ، ساقچى ماشىنىسىنىڭ چورقىراپ كىلىشى بىلەن ئۇلار قىچىپ كىتىشتى ، بىراق ئەرەفات بىلەن ئىليار ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ساقچىلار ئۇلارنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئىلىپ ماڭدى ، ئۇلار ساقچى ماشىنىسىغا چىقىپ ، ئۇلارنىڭ تولىمۇ بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ تۇرغىننى كۆرۈپ قالغان ئىدى .
-سەن ھەرگىز گەپ قىلما ، ئىليار .
-ماقۇل .
-جىنىڭ چىقىپ كەتسىمۇ گەپ قىلما
-ماقۇل .
ئۇلارنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ساقچى ئۇلارنى بەزلىدى .
-گەپ قىلىشما .
ئىليار ساقچى ماشىنىسى بىلەن ساقچىخانىغا قاراپ ماڭدى ، ئىليارنىڭ خىيالى ئەكرەم بىلەن لالە دە قالغان ئىدى ، ئەجەبا ئۇلار نىمە قىلىۋاتقاندۇ ؟ھەجەپ ئەنسىرەتتى ؟ ......




ئەكرەم كۆزىنى تەستە ئىچىپ ئۆزىنى دوختۇرخانىدا كۆردى ،  ئۇنىڭ يىنىدا لالە بىلەن پەرى قاراپ تۇرغان ئىدى ، ئەكرەم پەرىنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدى .
-سىز ؟ سىز ؟ گۈلپەرنىڭ دوستى پەرى ..
-شۇنداق ، ئەكرەم قانداقراق تۇرىسىز ؟
پەرى ئەكرەمنڭ ئۆزىنى تونۇپ قالغىننى سىزىپ يەنە ئەھۋالنى يۇشۇرغىسى كەلمىگەن ئىدى .ئەكرەم ئۇھ تارتىقىنىچە پەرىدىن سورىدى .
-مەن ياخشى ئەمەس .
ئۇنىڭغىچە لالەمۇ ئەكرەمنىڭ بىلكىگە ئۇرۇپ قۇيدى .
-ئەسكى ، ئادەمنى شۇنداقمۇ ئەنسىرىتەمسىز ؟ مىنىڭ ھازىر ئىليار ئىككىڭلاردىن باشقا نىمەم بار ئەخمەق .
-بولدى ، يىلىمىغىنە لالە .
ئەكرەم لالەنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكەچ سورىدى .
-سەن بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭ ؟ ئىليارمۇ سەن بىلەن بىللە كەلدىمۇ ؟
-ياق ، مەن ئەزمەت بىلەن كەلگەن ، يىرىم يولدا بىزنى ئەسكىلەر تۇتۇۋالدى ، ئەزمەتنى نىمە قىلدى بىلمەيمەن ، لىكىن مىنى ........
-ساڭا بىرەر نىمە بولمىغاندۇ ھە ؟ راسىت گەپ قىلە
-ياق ، پەقەت مىنى ئۇردى . سىزدىن بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم ، ھازىر قانداقراق تۇرىسىز ؟ راسىت گەپ قىلىڭە .
- مەن ياخشى ئەنسرىمە .
ئەكرەم تۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغىنىدا پەرى بىلەن لالە ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزغاندىن كىيىن  لالە ياشلىرىنى سۈرتۈپ جاۋۇرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى . پەرى بولسا تاماق قاچىسىدىكى يىڭىلا ئىلىپ كىرگەن ئاشنى پىيالىگە ئۇسسىغاچ ئەكرەمگە قارىدى .
-گۈلپەر .....
ئەكرەم سۆزىنى توختىتىۋىلىپ قايتا سورىدى .
-گۈلپەر ، ئۇ قانداقراق ؟
-ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بىرى بەك سۇلغۇن ....
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
ئەكرەم ھەيرانلىق بىلەن پەرى گە قارىدى ، پەرى ئۆزىنى توختىتىۋالغاندىن كىيىن گىپىنى ئوڭشاۋالدى .
-ياقەي ... سىز بەك ئورۇقلاپ كىتىپسىز ئەكرەم .
-بەلكىم شۇنداقتۇ ، ھەي .......نىمە دەپمۇ  گۈلپەر بىلەن تونۇشقان بولغۇيتۇم ؟ ئۇ ئىككىمىزنىڭ  ھامان رىسقىمىز قوشۇلمايدۇ ، شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ؟ ...
-ئۇنداقمۇ دىمەڭ ، سىز گۈلپەرنى ياخشى كۆرگىنىڭىز ئۈچۈن خوش بولسىڭىز بولىدۇ ، گۈلپەر بەك ئىىسىل قىز .
-خوش بولۇڭ دەمسىز ؟ مەن ئۇنى ئەسكى قىز دىمىدىم ، بىراق ئۇنىڭ لايىقى بار ، بىراق مەنچۇ ؟ ئەڭ چۇڭقۇر ئازاپتا قالدىم .
جاۋۇردىكى سۇنى كۆتۈرۈپ كىرىۋاتقان لالە ئەكرەمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى تولىمۇ يىرىم بولدى ، ئۇ چاندۇرماستىن جاۋۇرنى ئىلىپ كىرىپ ، ئۈستەلگە قويۇپ قۇيغان لىكىن ئىشىلتىپ باقمىغان لۆڭگىنى ئىلىپ ئەكرەمگە سۇندى .
- ھەر قاچان يەرگە چۈشەلمەيسىز ؟ پۇتىڭىزمۇ تىڭىقلىق ...قولىڭىزنى يۇيۇپ قۇياي ...
-بولدى ، ئۆزۈم يۇياي .
ئەكرەم لالەنىڭ قولىدىكى لۆڭگىنى ئىلىپ قوللىرىنى سۈرتكەچ پەرىگە قارىدى .
-گۈلپەر ھازىر نەدە ؟
-ئۇ ...ئۇ ..چەتئەلدە ، يىقىندا كەلمەكچى ئىدى .
ئەكرەم قوللىرىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن پەرى ئىلىپ كەلگەن تاماق قاچىسىغا قارىغاچ سورىدى .
-نىمە تاماق ئىلىپ كەلدىڭىز ؟
-چۆچۈرە ، سىز ئەڭ ئامراق تاماقنى .
-ھەجەپ ياخشى .
ئەكرەم چۆچۈرىدىن بىر تالنى يەپ بىر ئاز خىيالغا چۆمۈپ يەنە بىرنى يىگەچ پەرىگە قارىدى ، خۇددى ئۇ بىر ئىشىنى سىزىپ قالغاندەك بىر ئاز سۈكۈتكە چۈمدى .
-بۇ چۆچۈرىنى گۈلپەر چەتئەلدىن ئەۋەتىپتۇ دە ؟
-بۇ ...نىمە دىگىنىڭىز ؟ مەن بازاردىن ئىلىپ كىرگەن ئىدىم ..
پەرى ئەكرەمنىڭ بۇنى قانداق سىزىپ قالغىننى چۈشەنمەي بىشىنى تۆۋەن سىلىپ يەرگە قاراۋالدى . ئەكرەم بولسا تولىمۇ سالماق تەلەپپۇزدا :
-گۈلپەرگە ھىچقاچان بىرەر يامانلىقنى راۋا كۆرۈپ باققىنىممۇ يوق ، ئۇ مەندىن ئۆزىنى شۇنچىلىك قاچۇرغان بولسا مەندىمۇ ئامال يوق . ئۇنىڭغا سالام دەڭ .
-ئۇنداق ئويلىماڭ ئەكرەم ....
-بولدى ، گۈلپەر توغۇرلۇق گەپ قىلىشمايلى ، بۇ تاماقنى يىگۈم يوق ، ماڭا سىرتتىن تاماق ئەكىرىپ بىرىڭە .
-نىمىشقا بۇ تاماقنى يىگۈم يوق ، گۈلپەر ئەتكەن تاماقنى  يىگۈم يوق .
پەرى بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ تاماقنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ تۇرىشىغا ، گۈلپەر بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرگىنىچە ياتاق ئىچىگە كىرىپ كەلدى .
-گۈ...گۈ..گۈلپەر ...
لالەنىڭ ئىىشىك تۈۋىگە قاراپ ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇپ قالغىننى كۆرگەن ئەكرەم  ئىشەنىمىگەندەك ئىشىك يىنىدا قاراپ تۇرغان گۈلپەرنى كۆردى . گۈلپەرنىڭ كۆزلىرىگە غۇۋا ياش لىغىرلاپ تۇراتتى .
-كىرسەم بولامدۇ ؟
گۈلپەرنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى .............
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 06:18 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 06:19:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈتۈلمىگەن مىھمان (ئاخىرقى قىسىملىرى)

-قىنى كىرىڭ .
گۈلپەر قولىدىكى بىر دەستە گۈلنى ئۈستەل ئۈستىگە ئىھتىيات بىلەن قويغاچ ئەكرەمنىڭ يىنىغا كەلدى .
-قانداقراق تۇرىسىز ؟
-ياخشى .
گۈلپەر كۆزلىرىدىكى تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان ياشلارنى ئىيتىشقا ئاجىز كىلىۋاتقان ئىدى . ئەكرەممۇ گۈلپەرنى كۆرۈپ بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ قالدى .
-سىزچۇ ؟ قانداقراق تۇرىسىز ؟
پەرى بىلەن لالە بىر -بىرىگە ئىشارەت قىلىپ قۇيۇشۇپ ئىىشكنى ئىھتىيات بىلەن يىپىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ، ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئەكرەم ئۇھ تارتىپ قۇيغىنىچە جاۋاپ بەردى .
-نىمىسىنى دەيسىز ؟ سىز كىتىپ قالغاندىن بىرى دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇلدى ، بىراق كۆنۈپ كەتتىم .
گۈلپەر بىر ھازا سۈكۈتكە چۈمگەندىن كىيىن ئەكرەمگە قارىدى .
-ئەكرەم ....مەندىن نەپرەتلىنەمسىز ؟
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟
-مىنىڭ بىلىپ باققۇم بار ، بىلەمسىز ؟ مىنى پەقەت ........
گۈلپەر سۆزىنى توختىتۋالغاندىن كيىن ياشاڭغۇراپ تۇرغان ياشلارنى سۈرتتى . ئەكرەمنىڭ بۇنچە سولغۇن ئولتۇرغىنىغا قاراپ سۆزىنى توختاتتى .
-مىنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمسىز ؟
گۈلپەر بۇ گەپنى شۇنچە تەستە دىيەلىگەن ئىدى .
-ياق ، سىز مەن ئۈچۈن پەقەت بىر ئۆتمۈش ، ھازىر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم دەل لالە ، كىيىنكى كۈنلەردە سىزنى تۇيۇمغا چارقىرىمەن .
ئەكرەم كۆزلىرىنى قاچۇرغىنىچە يان تەرىپىگە قاراۋالدى .
-بەك ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ . ئاللاھ بەختىڭلارنى بەرسۇن ئەكرەم ...مەن قايتاي ...
-شۇنچە تىزما ؟
گۈلپەر بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ ياتاقتىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى . لالە بىلەن پەرى ياتاق ئىچىگە قارىدى ، ئەكرەمنىڭ  كۆزلىرىدىن بىر نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈۋاتقان ئىدى ، لالە بىلەن پەرى بىر -بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ئىغىر ئۇھ تارتىپ قويدى ............




ئىليار بىلەن ئەرەفات ساقچىخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئىليار لالەگە تىلفۇن قىلىپ باقتى ، لالە تىلفۇندا بولغان ئىشلارنى بىر قۇر دىگەچ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ، دەرھال كىلىشىنى دىگەن ئىدى .
ئىليارمۇ ئەكرەمنىڭ تىنىچ ئامانلىقىنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا كىلىشى بىلەن تەڭ ئاغزىنى تۇتۇپ يىغلاپ كىتىۋاتقان گۈلپەرنى كۆردى ، بىراق چارقىرماقچىمۇ بولدى يۇ يەنىلا ئۇنىڭ بۇنچە سۇلغۇن تۇرغىننى كۆرۈپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغنىدا ، گۈلپەر ئىليارنى كۆرۈپ يىنىغا كەلدى .
-ھەر ھالدا قۇتۇلۇپ قاپسىز ، ئەمدى ئەكرەمدىن ئايرىلماڭ . مىنىڭ ئۆيۈمدە تۇرغىنىڭىزمۇ چاتاق بولدى ، ئەمدى بىزنىڭ ئۇ ئۆيدىمۇ ئادەم تۇرالمايدۇ .
-بولىدۇ ، بىلدىم گۈلپەر ، ئەكرەم بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتىڭىزما ؟
-شۇنداق ...
-نىمىگە يىغلاۋاتىسىز  ئەمسە ؟
-ھىچنىمىگە ....ئەكرەمگە ياخشى قاراڭ مەن ئەمدى چەتئەلگە قايىتمىسام بولمايدۇ . سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار ئەمسە . ھە راسىت مەن بەرگەن  نەرسىلەر بارمۇ ؟
-بار ، بار .ئۇنى سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە قويۇپ قۇيغان ئىدىم .
-ئۇنى ئەچچىقىۋىلىڭلار ، يىقىندا ئۇ ئۆينىمۇ قايتۇرىمەن ماقۇلما؟
ئىليار ماقۇللۇقنى بىلدۈرۈپ ، ئەكرەمنىڭ يىنىغا چىقتى .ئۇلار خىلى قىزغىن كۆرۈشكەندىن كىيىن بولغان ئىشلار توغۇرلۇق ئاز -تولا پاراڭلاشتى . بىراق ھازىرقى مۇھىم مەسىلە دەل ئەلىنىڭ قانداق قىلىپ ھايات بولۇپ قالغىنى بولغان ئىدى ......






ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ ، ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئەكرەمنىڭ سىڭلىسى ئالىدەنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كەلگىنىدە ، دوختۇرلار ئالىدەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەلگىننى ئىيتتى .
ئەمەليەتتە ، ئەكرەمنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولۇشى كىرەك ئىدى ، بىراق ھىچكىم ئۇنىڭغا بۇ تۇغۇرلۇق گەپ قىلمىغان بولۇپ ئۇنىڭ كاللىسىدىن ھەرخىل خىياللار ئەگىپ ئۆتۈشكە باشلىدى ...
-ئاداش ئەمدى قانداق قىلىسەن ؟
-ئەمدى ئۆيگە بىرىپ ئاپام بىلەن كۆرىشىمەن ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە قايتايلى ئاداش ......توۋا دەيمەن .....ھەجەپ جىق ئىشلار بولۇپ كەتتى .
-ئەمدى ئەلىنى ئىزدەمدۇق ياكى ئەزمەتنى ئىزدەمدۇق ؟ ياكى ئابلەتنىمۇ ؟  كىمنى ئىزدەيمىز نىمانداق جىق ئىشلار بۇ ؟ بولمىسا تۇرپانغا بىرىپ باقامدۇق يا ؟
دىدى ئىليار خىيالى ھالدا
-ساراڭلىق قىلماڭلار ،
دىدى لالە گەپنى بۆلۈپ
-نىجات بىلەن ئەكرەم تۇرپانغا بارغاندا بىشىغا ئاز ئىش كەلگەنمۇ ؟ يەنە شۇ تۇرپانغا بارىمىز دىگنىڭلار نىمىسى ؟
-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماي ئىلاجىمىز يوق لالە ، سەن مەكتەپكە  قايتىۋەر بىز  كەينىڭدىنلا بارىمىز ماقۇلمۇ ؟
-بولدى ، ئاۋال يۇرتتىكى ئىشلار تۈگىسۇن قانداق ؟
ئەكرەم بىلەن ئىليار بىشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە مىڭشىتى . ئىليارنىڭ كۆز ئالدىغا دەل قايسى كۈنىكى ئىشلار كەلگەن ئىدى .
-ئەكرەم سىنىڭ ئۆيۈڭگە كىرسەم ، ئۆيۈڭدە بىر قانچە ئەركىشى تۇرىدۇ ، بۇ نىمە ئىش بىلەمسەن ؟
-مىنىڭ دادامنىڭ ئىنىسى ياكى ئاكىلىرىدۇ ؟ ئۇلار دائىم دىگۈدەك يوقلاپ كىلىپ تۇرىدۇ بىزنى ...
ئىليارمۇ كۆڭلى تىنىغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمىدى ، ئۇلار ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن گۈلپەرنىڭ دىگەنلىرىنى ئىسىگە ئىلىپ گۈلپەرنىڭ ئۆيىگە كىردى . تەلىيىگە نەرسىلەر جايى-جايىدا تۇراتتى .
ئىليار نەرسە- كىرەكلەرنى ئالغاندىن كىيىن ئەكرەمگە تاپشۇرغان ئىدى ، ئۇ نەرسە -كىرەكلەرنى چامدان ئىچىگە سالغاندىن كىيىن سىرتمىسىنى چىڭڭىدە ئىتىپ كەچلىك تاماققا ئەمدىلا چوكا سالاي دەپ تۇرىشىغا ئەكرەمنىڭ تىلفۇنى سايرىدى .
ئۇ نامەلۇم تىلفۇننى ئالغىنىدا بىر بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقان ئىدى ، تۇلىمۇ سىلىق ھەم سەمىمي بىلىنىۋاتاتتى .
-ئەكرەم تاماقنى يىمە ،
-سەن كىمۇ ؟ نىمىشقا ؟
-تاماقنى يىمە ، ئاۋال ئۇ تاماقنى مۈشۈكۈڭگە بىرىپ باق  ئاندىن بىلىسەن .
-ۋەي ..ۋەي ..
ئەكرەمنىڭ تىلفۇنى ئۈزۈلۈپ كەتتى ، ئۇ ئىليارنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى تارتىپ ئىلىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارغا بوش ئاۋازدا پىچىرلىدى .
-تاماقتا زەھەر بار ئىكەن يىمەڭلار ...
-نىمە ؟
ئىليار بىلەن لالەنىڭ قولىدىكى چوكا يەرگە تەڭلا چۈشۈپ كەتتى ، ئۇنىڭغىچە گۈلنۇر ھەدە ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ تاماق يىمەي ئولتۇرغىننى كۆرۈپ ھەيرانلىق ھىس قىلغاچ سورىدى .
-تاماق يەڭلار بالىلىرىم .
ئەكرەم ئاچچىقىدا تاماقنى خالتىغا تۆكۈپ ئاپىسىغا ھومىيىپ قاراپ چامداننىمۇ كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتى .
-نەگە بارىسەن بالام؟
-بۇ ئۆي ساڭا قالسۇن ، تامىقىڭنى يولدا يەپ ماڭايلى ، ئۆلسەكمۇ مىيىتىمىز بۇ ئۆيدە چىقىپ قالمىسۇن ئاپا ....
ئەكرەم قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە ئۆيدىن چىققاندىن كىيىن تاماقنى  چىملىقتىكى بۇش ئورۇنغا تاشلاپ قۇيۇپ ماڭدى .
-بۇنى ئىلىپ بىرىپ تەكشۈرۈتسەك بولمامدۇ ؟
-ياق بولدى ، دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتايلى ، قالغان ئىشلارنى ساقچىلار ئۆزى بىر تەرەپ قلسۇن بولدى ...................

ئەكرەملەر ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى ، لالەنى مەكتەپكە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ئالىدەنىڭ دىرىكىنى قىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىلاردىنمۇ سۈرۈشتە قىلدى بىراق ھىچ بىر دوختۇرخانىدىن ئالىدەنىڭ دىرىكى بولمىغان ئىدى .
ئەكرەم بىلەن ئىليار يۇرتتىن ئىلىپ كەلگەن پىلاستىنكىنى شۇنداقلا سىلىپ قۇيۇشىغا ئەينى چاغدىكى ئۇلار تەسەۋۇر قىلىپمۇ يىتەلمىگەن مەسىلىنىڭ باش قىسىملىرى بارا-بارا يىشىلىشكە باشلىدى ........................


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 07:04 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98390
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 06:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە يوققۇ،شۇنچە تەقەززالىق بىلەن ئوقۇۋاتسام،قاچان چىقار ئەمدى ئاخىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98390
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 06:34:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى قاچان يوللايسىز ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 07:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلپەر ئەكرەمنى ياخشى كۆرىدۇ شۇنداقمو ؟ مەن بۇرۇنلا ھىس قىلىپ يەتكەن يەنە شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ھىسياتىنى يۇشۇرىدۇ ؟
گۈلنۇرمۇ بەك رەززىلىشىپ كەتتى ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ تامىقىغا زەھەر سىلىپ ، سەن گۈلنۇرنى بەك ئىپلاس رولغا چىقرىۋەتتىڭمۇ قانداق ؟

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 07:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكرەم پىلاستىنكىدىن ھەممە ئەھۋالنى چۈشىنىپ يىتەمدۇ ياكى يەنە بىر قاتار مەسىلىلەر بارمىدۇ ؟ ئەلىنىڭ ھايات قالغىنى قانداق ئىشتۇ ؟ يەنە كىلىپ ئاۋزەرنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى كاللامدىن ئۆتمىدى .
ئەكرەمگە يۇشۇرۇن ياردەم قىلىۋاتقان شەخىس گۈلپەرمۇ قانداق؟

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش