tafakkur يوللىغان ۋاقتى 2013-12-18 01:52 PM
سىزنى راسا تىلىغىم كەلگەن ئىدى ئۇزۇمنى بىسۋالاي، مى ...
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ! شۇڭا ئاۋۋال ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇپتىكەنمەن تەلىيىمگە...
سىلەر ئوغۇللارنىڭ بۇ فىلىمگە بەك ئۆچلۈكۈڭلارنى بىلىمەن. بىراق، كۆرۈپ..‹ ھە...مۇنداق بوپتىكەن›
دوپ قويغاننىڭ نەرى يامان؟ سىزنىمۇ ‹كۆرىسەن!› دەپ تۇرىۋالمىدىمغۇ؟
‹بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك› دەپتىكەن.....ھەر كاللىدا ھەر خىيال، ئەلۋەتتە سىز بىلەن مېنىڭ ئوخشاش
نۇقتىغا نىسبەتەن پىكرىمىز ئوخشاش بولمايدىغىنى ئېنىق. مەن ياقتۇرغاننى سىز ياقتۇرماي قېلىشىڭىز
مۇمكىن، ئېنىقلا سىز ياقتۇرغاننى مېنىڭ ياقتۇرۇپ كېتىشىممۇ ناتايىن. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىش.
بىز مەسلىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ قارىسىڭىز ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن كۆرەلەيسىز ئەمەسمۇ؟!
مەن بۇ يەردە نوقۇل ‹بەك ياخشى، ھەممىڭلار كۆرۈڭلار!› دەپ شوئار توۋلاۋاتقىنىم يوق، پەقەت ئۆزۈمنىڭ قارىشىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم خالاس! ئارتۇقچە ئويلاپ كەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
يەنە ئاخىرىدا، سىزنىڭ ئىنكاسىمغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!