ehrami يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 03:37 PM
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم سىز دېگەن مەسىلە ئەمەس، مەن كا ...
خاتالاھتىڭىز،مەن ئاللاھدىن شاپائەت تىلىگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۇپار ياكى كۇپار ئەمەسلىگىنى سىز ،مەن بىلمەيمىز( گەرچە سىز كۇپار دەپ تۇرۇۋېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ). ئۇنداق ئىكەن شاپائەت تىلەش گۇناھ ئەمەس دەپ قارايمەن.
مېنىڭ زېرىكمەي مۇنازىرە قىلىشىمدىن مەخسىدىم ئۈچ:
1.ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۇپار ياكى ئەمەسلىگى بىر ئاللاھقا ئايدىڭ،بىزگە قاراڭغۇ. شۇڭا ئۇلارنى قارىسىغا كۇپارغا چىقىرىۋېتىپ،قارىخانىلاردىن بۇرۇنقى تارىخىمىزنى كۆمۈۋەتسەك بولمايدۇ. باشقىلار ھەدەپ تارىخىنى ئۇزارتىشقا تىرىشىۋاتسا،بىز قىسقارتىپ نىمە مەخسەتكە يېتىمىز؟
2.دىن بىلەن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى بىر بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ،دىن ئارقىلىق مىللەتنى ھىدايەت يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ،شۇنداقلا مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرگىلى،ئىسلامغا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ،شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇسۇلمانلار قەۋمىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،ھەر ئىككىلى دۇنيالىق بەخىت-سائادەت يولىغا باشلىغىلى بولىدۇ.بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا شەخسى بەخىت-سائادىتىنى ئويلايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولساق،ھەرگىز ئاللاھنى رازى قىلالمايمىز،باشقىلار ئالدىدا يۈزىمىزمۇ يورۇق بولمايدۇ.
3.ئۆزىنىڭ مىللىتىگە نىسبەتەن ئالاھىدە پەخىرلىك تۇيغۇسى بولمىغان كىشى،باشقىلار تەرىپىدىن ئەڭ بۇرۇن ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.شۇڭا ئۆزىمىزگەخاس بولغان مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش ئوخشاشلا موھىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 09:41 PM