مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3487|ئىنكاس: 8

ئائىلە تۇنجى مەرىپەت مەكتىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

9

يازما

13

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101022
يازما سانى:
9
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
28
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-16
ئاخىرقى:
2014-3-7
ۋاقتى: 2013-12-19 10:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ھاجىئۆمەرجان رەھىم ئوغلان

. j. W) P2 W0 w; O, X" o; a
ئائىلە تۇنجى مەرىپەت مەكتىپى
# s* R$ E: i( A' @0 [2 e6 i
ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى مەلۇم مەنىدىن قىز - ئاياللار قوشۇنىنىڭ ساپلىقى، بىرلىكى،ئىجابىي قوزغىلىشچانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر ئاياللار بىلىمسىز، غەيۋەتخور بولىدىكەن، ئەشۇ ئەلدە تۈرلۈك يېتىشسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ.
ئانىلار تۇنجى مەرىپەت مەكتىپى. ئۇلار بالىلىرى تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئۇلارغا ئەدەب - قائىدە ئۆگىتىدۇ، ساغلام خاراكتېر سىڭدۈرىدۇ. قوشاق، ھېكايە، چۆچەك، جەڭنامە، ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ،ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ.
تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەر ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئانا تەربىيەسى ئاساسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى بايقايمىز. ساپدىل، پاك ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ۋە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ خىل روھ ئانا تەربىيەسىنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا يېتىلگەن، ئەلۋەتتە.شۇڭا دانالىرىمىز: «ئاناڭنى يەتتە قېتىم ھەرەمگە ھاپاش قىلىپ ئېلىپ بارساڭمۇ، بىرقېتىملىق بەرگەن سۈتىنى تۆلىيەلمەيسەن» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئانىلاربالىلارغا ئەدەب - ئەخلاق، غورۇر - ۋىجدان بەرگۈچى ھەم تىلىگۈچى. ھەربىر ئىنسانئاشۇ ئانىدىن  تۇغۇلۇپ دەسلەپكى تەربىيەنىئەنە شۇ ئانىدىن ئالىدۇ. شۇنداقلا ئاز بولغاندا ئۈچ - تۆت يىل، كۆپ بولغاندا بەشئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئانا تەربىيەسىدە بولىدۇ. ئەگەر پاك قەلبئىگىسى بولغان شۇ نارەسىدە بالىغا كىچىك چېغىدىلا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ھايات قىممىتىنىڭ نېمە بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى، ۋەتەن - مىللەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى،ئۆمۈر، قىسمەت، تەلەي، كۈرەش، بەخت، غايە ۋە ئىستىقبال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشى، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ تىكلىنىشى...قاتارلىقلارنى مېھرىبان ئانىلار بىلدۈرگەچكە، زېرەك، ۋىجدانلىق، نومۇسچان، غايىلىك، ئىزدىنىش روھىغا ئىگەساغلام كىشىلەر يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق چاغدا ھاياتنىڭ قىيىن توساقلىرىغاجەڭ ئېلان قىلالايدىغان پاكىزە روھ بىلەن يېتىلىدۇ. قەلبىدە بولسا كەلگۈسىنىڭ پارلاق نۇرى جىلۋە قىلىپ، مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدا ھالال ئەجرى بىلەن ئۆز بەختىنى يارىتالايدۇ. ئەگەر سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىز ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئاشۇ خىل تەربىيەنى بېرىشكە سەل قارىسا، ئەزىز بالىلىرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە مەڭگۈ تولدۇرىۋالغۇسىز بىر بوشلۇق قالىدۇ. تالاي پۇل خەجلىگەن بىلەنمۇ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدۇ. تەربىيەسىز پەرزەنتلەرنىڭ ئۆمرى ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ، بەخت - سائادەتتىن مەھرۇم بولىدۇ. ھەتتائۆزىگە تەۋە بولغان نەرسىلىرىنىمۇ قوغدىيالماي ئارماندا قالىدۇ.
شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرى ئاڭلىق ھالدا شۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، قوغدىشىمىزغا،مىھرىبانلىقىمىزغا، ئۆزىگە لايىق ئىللىق ئائىلىگە مۇھتاج بولۇۋاتقان خوتۇن - قىزلىرىمىزغائەڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بىرىپ، ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنى مىللەتنى تەربىيەلىگۈچى ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلىشىمىز كېرەك.
ئەپسۇسكى، بەزى ئەرلەر خۇشاللىقىمىز ھەم بەختىمىز بولغان خوتۇن - قىزلىرىمىزغا، شۇنداقلا بىزنىڭ تەربىيەلىشىمىزگە،مېھرىبانلىقىمىزغا ئېھتىياجلىق بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە رەھىمسىز مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ.
دەۋرىمىزدىكى بىر دانا شۇنداق تەنە قىلغان ئىكەن: «پەزىلەتلىك ئانىلارنى، بىلىمگە مۇھەببەت باغلىغان قىز - چوكانلارنى يوقلايدىغانلار چىقمىدى ياكى ناھايىتى ئاز چىقتى. ساۋاتسىز سەتەڭ - تومۇچۇقلارنى،پەيزى بار نازىنىنلارنى يوقلايدىغانلار ناھايىتى كۆپ چىقتى.»
بۇ قىسمەنلىك، ئەلۋەتتە. شۇڭا "ئائىلەتەربىيەسى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك" دەپ ئويلايمىز.
بىز تۆۋەندە خەلقئارادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى كۆرۈپ باقايلى:
فىرانسىيەدە بالىلار ئومۇمەن مۇتەئەسسىپلەرچە تەربىيىلىنىدۇ. بالىلار كىچىكىدىنلا ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشى ئاستىدا، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىنىدۇ. تاماق ۋاقتىدا بالىلارنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەربالىنىڭ زۆرۈر سۆزى بولسا، ئۇنى تاماقتىن كېيىن دېيىشكە بولىدۇ. تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىنمۇ شۇ قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. كەچلىرى بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئاتا - ئانىلار كىنوغا ياكى يىغىلىشلارغا بالىلارنى ئېلىپ بارمايدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ دوست تاللىشىغىمۇ دىققەت قىلىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىنلا ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن تەربىيەلەشكەئەھمىيەت بېرىدۇ. بالا قىلالايدىغانلىكى ئائىلە ئىشلىرىنى ئۇلارغا قىلدۇرىدۇ.مېھرىبانلىق بىلەن قاتتىق تەلەپنى بىرلەشتۈرۈش فرانسىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئائىلەتەربىيىسىدۇر.
گېرمانىيەنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدە، مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بالىلارغا ئاتا - ئانىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، ئەجدادلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق تەلىپى قويۇلىدۇ. ئۇلاردا ئەنئەنىۋى ئىدىيەچوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغانناخشىلارنى ئېيتقۇزىدۇ. ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىتىدۇ.
شىۋېتسارىيەدە ئاتا - ئانىلارپەرزەنتلىرىدە كىچىكىدىنلا جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشكەچۈرۈش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ. مەسىلەن: 16 -،  17 ياشلىق قىزلار ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپلاياقا - يۇرتلارغا تۇرمۇش ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ. نۇرغۇنلىرى ئەنگىلىيەگە بېرىپ،تەربىيە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە بىر يىل ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئائىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەردە يېرىم كۈن ئىشلەش ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، بايلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بالىلار بىر تەرەپتىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشيولىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شىۋېتسارىيەدە "ئۇزۇن مۇددەت ئاتا - ئانىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن كىشىنى يارامسىز، نومۇسسىز ئادەم"دەپ تونۇيدۇ. شىۋېتسارىيەلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتى شۇكى، ئۇلارئۆزلىرى ئەخلاقلىق بولۇپ، ئەمەلىي ئىش - ھەرىكىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلار ئاددى - ساددا تۇرمۇش ئىستىلى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئوبدان ئۈلگە بولالايدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا تەسىرى ئېرسىي جەھەتتىن ۋە تەربىيە جەھەتتىن بولىدۇ
بالىلارغانىسبەتەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئېرسىي تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
زېھنىي قابىلىيەت جەھەتتىن ئانىنىڭ تەسىرى ئاتىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. زېھنى قابىلىيەت بەلگىلىك ئېرسىيەتچانلىققا ئىگە. لېكىن مۇھىت، ئۇزۇقلۇق ۋە تەربىيە قاتارلىق كېيىنكى ئامىللارنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ،ئەلۋەتتە. ئالىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىغا قارىغاندا، ئېرسىيەتنىڭ زېھنىقابىلىيەتكە بولغان تەسىرى تەخمىنەن ℅50 ياكى ℅ 60 ئەتراپىدا بولىدىكەن. قالغىنىنىكېيىنكى تەربىيە بەلگىلەيدىكەن.
ئېرسىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاتا بىلەن ئانىنىڭ تەسىر كۈچى پەرقلىنىدۇ. ئومۇمەن ئانىلارنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىنىڭ تەسىرى ئاتىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقىللىق ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى كۆپىنچە ئەقىللىق بولىدۇ. ئوغۇللار تېخىمۇ شۇنداق. ئاتىنىڭ زېھنى قابىلىيىتى تۆۋەن، ئانىنىڭ زېھنى قابىلىيىتى نورمال ئەر - خوتۇنلارپەرزەنتلىرىنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش نىسبىتى ℅ 10 كىمۇ يەتمەيدۇ.ئانىنىڭ زېھنىي قابىلىيىتى تۆۋەن، ئاتىنىڭ نورمال بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش نىسبىتى كۆپىنچە ℅10 تىن يۇقىرى بولغان بولىدۇ.  
خاراكتېر جەھەتتىن ئاتىنىڭ تەسىرى ئانىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى تۇغما بولسىمۇ،ئەمما ئاساسلىقى كېيىنرەك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ سۆزى ھەم ئەمەلىيىتى تېخىمۇ مۇھىم. ئاتىنىڭ تەسىر كۈچى ئانىنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات يەكۈنىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاياللار نازۇك ھېسسىياتى،ئەستايىدىللىقى ئىنچىكىلىكى، شۇنداقلا مۇلايىم خاراكتېرى ئارقىلىق پەرزەنتلەرگەتەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ مۇكەممەل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى ئاتا - ئانىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولۇپ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتامېھرىنىڭ قىزلارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىر پىسخولوگىيە ئالىمى:«ئاتىلار قىزلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاش، سالاھىيىتىنى بىلىش ھەم يېقىملىقخاراكتېر يېتىلدۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاتىلار يەنە قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغامۇھىم تەربىيە، تەجرىبىلەرنى سىڭدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن.
ئاياللار سېھىرلىك ۋە مېھرىباندۇر. ئۇلارئۆز تەسىرىنى بالىلارغا بىۋاسىتە ئۆتكۈزگۈچى.
دېمەك، ئاياللار يۇقىرى بىلىملىك،ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەلەيدىغان بولسا، شۇ ئائىلە كىشىلىرى جەمئىيەتكە ئىجابىيتەسىر كۆرسىتىدۇ.
قەدىرلىك دوستلار، ئاتا - ئانىلار،قىزلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى، ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلايلى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بەختى، جەمئىيىتىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۈچۈن بارلىقىمىز بىلەن ياردەم قىلايلى.
خەلقىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئاياللىرىمىزنى تەربىيەلەش ۋە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى مەنپەئىتىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  M8 _  R# L, j5 z: J) w
, L, s4 d$ O8 ?4 o9 X: a  g/ s بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-19 01:36 PM  6 p, d' M- a. t$ p9 H

! ]; {* i. _; c+ `2 T* O

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

493

يازما

500

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 99851
يازما سانى:
493
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1907
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
205 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-20
ئاخىرقى:
2014-11-4
ۋاقتى: 2013-12-19 16:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  دەيسز قېرىندىشىم، پەرزەنتلەرنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ، پۈتۈنلەي ئائىلە ۋە ئا نىلار غا  باغلىقتۇر.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

16

تېما

551

يازما

567

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94615
يازما سانى:
551
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2898
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1199 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-10
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2013-12-19 17:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ھەقىقىتەن بەك مۇھىم.

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2487

يازما

2502

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2487
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7648
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7955 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2013-12-19 21:21:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز ناھايىتى ياخشى بىر سىگىنال خاراكىتىرلىك  يازما بوپتۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

1

تېما

630

يازما

644

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100308
يازما سانى:
630
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3173
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
283 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-30
ئاخىرقى:
2014-1-29
ۋاقتى: 2013-12-20 02:41:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zubayda0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-19 04:03 PM 1 A9 X* c+ k! X7 |
توغرا  دەيسز قېرىندىشىم، پەرزەنتلەرنىڭ قانداق ئادەم ب ...
( K7 Z" J9 l( L2 x3 \
خو ، قېرىندىشىم . سىزگىمۇ خۇدايىم ئوباما دەك ئوغۇل بەرسۇن . قارا رەڭلىك بولسۇن دېدىڭ دەپ تىرىكمەڭ ئەمدى ؟

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەنقەر

6

تېما

53

يازما

60

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46460
يازما سانى:
53
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3518
تۆھپە :
140
باھا :
138
توردا:
167 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-7-2
ئاخىرقى:
2015-2-5
ۋاقتى: 2013-12-21 00:13:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئۇستاز !

شىرىن

31

تېما

2011

يازما

2042

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79492
يازما سانى:
2011
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8708
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
944 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-29
ئاخىرقى:
2016-1-8
ۋاقتى: 2013-12-21 00:39:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى توغرا . ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن . لېكىن ھازىر بەزى ئاتا -ئانىلار زامانىۋىلىپ كېتىپ پەرزەنتلىرىنىڭ غۇبارسىز قەلبىنى خاراپلاشتۇرماقتا.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

6

تېما

313

يازما

325

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 99159
يازما سانى:
313
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1704
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1252 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-1
ئاخىرقى:
2015-12-3
ۋاقتى: 2013-12-21 01:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.
) E* R5 ?3 S6 H4 l
* A$ C. l& G! wھازىر جەمئىيەتتە مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەر بار. مۇشۇ ئىككى تۈردىكى ئادەملەر كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ھالاكەتكە سۆرەپ ماڭماقتا.
- @: @) x) G, \2 _1 @9 @# tبىرى، بالىمىزنى مەكتەپكە بەرسەك بولمايدۇ دەيدىغان چېكىدىن ئاشقان خۇراپاتلىق. بۇنداقلار بالىلىرىنى نەچچە ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا دىن ئۆگىنىشكە بۇيرۇيدۇ، مەكتەپ يۈزى كۆرسەتمەيدۇ. گەرچە دىن جەھەتتە كۆپلەپ ئىلىم ئالغاندەك تۇرغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۆگەتكەن بويىچە چۈشەنسىمۇ لېكىن ئۆز كۆڭلىدە يەنىلا بىر تۈگۈن پەيدا بولىدۇ. ئۇ بالىلار چوڭ بولغاندا دۇنيا قارىشى، جەمئىيەت ئىلمى، سىياسىي، تارىخ ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردىن تەپەككۇر يۈرگۈزەلمەيدىغان ھالەتتە بولىدۇ. كېيىنچە جەمئىيەتنى ئاز تولا چۈشىنىپ، ئىدىيىسى ئازراق ئېچىلغاندا بولسا دىندىن يىراقلىشىدىغان، جەمئىيەتنى، دۇنيانى، سىياسىي، تارىخنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەر خىل خاتا يولغا قەدەم باسىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
+ i$ J( O! ?/ W! T/ ?* wيەنە بىرى، بالىلىرىنى پەقەت مەكتەپتە ئوقۇتۇپلا دىن بىلەن ئۇچراشتۇرمايدىغانلار. بۇنداقلار دىننى بىرخىل خۇراپىيلىق دەپ قارايدۇ، يىلدا ئىككى قېتىم ھېيىت نامىزىغا چىقسىلا بولدى دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار قاراشتا ئىنتايىن بىلىملىك زىيالىيدەك تۇرغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. دۇنيادا پەقەت يېيىش، ئىچىش، ئويناش، ئۇخلاش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىچە بەختلىك ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلاپ يۈرىۋېرىدۇ. ۋاقتى كېلىپ ئاتىسى ياكى ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە شۇ ئەتىۋارلىق بالىنىڭ بىرەر ئايەت ئوقۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ. ئاتا-ئانا شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ خاتا-قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن ھېس قىلغان شۇ ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ۋە بالىسىنىڭ قانچىلىغان گۇناھلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ.2 c; }8 C8 r5 c2 e1 [
2 U9 f% O5 u+ k4 }$ Y; z, m
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرزەنتلەرنى نوقۇل ھالدا دىندا ياكى پەندە تەربىيلىمەي، دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلىگەندىلا ئاندىن پەرزەنت ھەقىقى بىلىملىك، ئۆز ئالدىغا ھەر قانداق ئىشقا توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ئادەم بولالايدۇ. شۇندىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بولىسىز.5 V# I" v1 f: [3 I# X
نۇرغۇن ئادەملەر قىز بالا ئوقۇسا بولمايدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇنداقلار دىننىڭ ھەم مىللەتنىڭ دۈشمىنى. شۇ كەلگۈسى ئانا بولغۇچى قورساقتا ھېچقانداق ئۇماچ يوق بالا تەربىيلىسە، ئۇ ئانا بالىسىغا نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ تاماق يېيىش، ئۇخلاش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ؟ بۇنچىلىك ئىشنى ئادەم ئەمەس ھايۋانمۇ ئۆز بالىسىغا ئۆگىتەلەيدۇ.
5 r& l) N8 b' q5 n( e4 d9 Y  pپەرزەنتلەرنىڭ ساپالىق، بىلىملىك، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن بوپ چىقىشنىڭ بىرىنچى ئامىلى ___ ئانا. شۇ ئانا بولغۇچى بىلىملىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق، شەرمى-ھايالىق..... بولغاندىلا شۇ ئانىنىڭ تەربىيلىگەن بالىسىمۇ كەلگۈسىدە دىنى، مىللىتى ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ياراملىقلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا قىزلىرىمىز ئوقۇشسىز، مەكتەپسىز قالمىسۇن.# w1 `7 V, ]9 H, F' K- Y- \8 O

8 {/ K1 V, _' j, I بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATAMAN25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-21 01:56 AM  . v( K% F/ c: L4 K

0 M1 x8 D+ O) ?5 n- P% X* K) g& ~1 J

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

باشقىلارغا تەبە

15

تېما

2487

يازما

2502

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18033
يازما سانى:
2487
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7648
تۆھپە :
306
باھا :
443
توردا:
7955 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-18
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2013-12-22 22:13:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ھەر بىر كىشىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ،ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:17 AM, Processed in 0.122062 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش