ھېس قىلىشىمچە ھەر بىر سان ناۋا پىروگراممىسى يوللانسىلا جېدەل باشلىنىدىكەن . ياقتۇردىغانلار كۆرسە ، ياقتۇرمىغانلار كۆز قارىشىنى ئىلمى ، چۈشىنىشلىك ئوتتۇرغا قويسا ،قوللاش تەرەپدارلىرى ئامال بار ئېغىر بېسىق ، سالماق بۇلۇپ ، قېرىنداشلىق مېھرىنى ، ئىنسانى مېھرى مۇھەببەتنى ، قارشى تەرەپنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىززەت ئابرويىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇپ تىنىچلىقنى ئاساس قىلسا ، قېرىنداشلار ئارا دىل ئازارى بولمىسا ، مىسرانىم مۇنبىرىمىزدە كۈندە خۇشال ، كۆڭۈللۈك كەيپىيات جۇلالىنىپ تۇرسا ، مەن سىزگە ئىنكاسىم ئارقىلىق سەمىمىيتىمنى ھېس قىلدۇرسام ، سىز ماڭا ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق قېرىنداشلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرسىڭىز ، مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق ئۆز ئارا قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولسا ، ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزلىرىمىز مېھرى مۇھەببەتتىن شاتلانسا نىمىدىگەن ياخشى قېرىنداشلىرىم ؟
چارچىمىدىڭلارمۇ ئەزىز تورداشلار ؟ زېرىكمىدىڭلارمۇ شۇ ئۇرۇنسىز جېدەل ماجرا ، تالاش تارتىشلاردىن ؟ بىزار بولمىدىڭلارمۇ شۇ بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقلاردىن ؟
بەزىدە ئىنكاس ئارقىلىق كۆڭۈل ئاغرىتىۋاتقان ۋە ئاغرىق تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا شارائىتىم يار بەرسە ، ھەقىقى رېئال دۇنيادا كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغان بولسا قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ، تۇغقىنىم ، قېرىندىشىم ، ھەمشىرەم ، دوستۇم ، سىڭلىم ، ئىنىم ، ئاكا ، ھەدە ، ماڭا قاراڭ ، سىزدىن ئىككى دۇنيالىق خۇش بۇلاي ، ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە سەۋر بەرسۇن ،سىز كۆڭلىنى ئاغرىتىۋاتقان قارشى تەرەپمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم ، قېرىندىشىڭىز ، تىلدىشىڭىز ، دىلدىشىڭىز ، دىندىشىڭىز ، يۇرتدىشىڭىز ، بىر قەدەمنى كەم ئالغانغا ، بىر ئېغىز گەپنى ئاز قىلغانغا ھەرگىزمۇ بىر ئەزايىڭىز كەملەپ كەتمەيدۇ ، بىر پۇڭ پۇلىڭىز ئازلاپ كەتمەيدۇ .
دىلىڭىزدىكى ئەپۇچانلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ خىسلەتكە سەۋرچانلىقتىن ئىبارەت ياخشى خۇلىقنى قوشۇپ بىر مىنۇت كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالسىڭىز ئۇمۇ ، سىزمۇ ، مەنمۇ ھېچكىممۇ دىل ئاغرىقى تارتمىغان بۇلاتتى ، قوللىرىڭىزنى ماڭا بىرىڭ ، مىسرانىم مۇنبىرىدە ئاغرىغان ، ئازار يىگەن دىلىڭىزغا بىر مىنۇت تەسەللى بولاي ، كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ ، مەڭزىڭىزدىكى ، يۈرىڭىكىزدىكى سىزنى ئازاپلاۋاتقان ياشنى سۈرتۈپ قۇياي ، باغرىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ ، پۈتۈن مېھرى مۇھەببىتىم بىلەن مېھرىبان ئانىڭىز كەبى سىزنى ئەللەيلەپ قۇياي ، قەلبڭىزدىكى ئازاپقا ئۇرۇن بەرمەيلى ، جاپاكەش دادىڭىز كەبى باش كۆزىڭىزنى سىلاپ قوياي ، ئوماق سىڭلىڭىز كەبى تاتلىق تاتلىق ۋىچىرلاپ سىزنى سەبىي بالىلىقىڭىزغا قايتۇراي دىگۈم كىلىپ كىتىدۇ
نۇر جاھاننىڭ تېمىسى ئىنتايىن ياخشى تېما ، ياخشى سوۋغا بۇپتۇ . ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ ئارلىقى قاش بىلەن كىرپىكتىنمۇ يېقىن . بىر بىرىمىزگە قەتئى ئازار بەرمەيلى قېرىنداشلار . باشقىلارغا قىلغان بىر جۈملە ياخشى سۆزىمىز ، شۇنداق بىر ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قارىشىمىزمۇ ياخشىلىققا يول ئاچىدۇ .