كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىن __ ئادەمنىڭ تۇنجى ۋەتىنى . ۋەتەننى سۆيگەنلىك _ مىللەتنى سۆيگەنلىك . ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلىنىشنى بىلىش __ ئەڭ ئەقەللى ۋەتەن سۆيگۈسىدۇر ، مەكىتتىكى ئاشۇ تارىخى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن پەقەت مەكىتلىك قېرىنداشلىرىمىزلا ئەمەس ، بەلكى باشقا يۇرتتىكىلەرمۇ پەخىرلىنىۋاتقان يەردە ، ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ يۇرت ۋارسلىرى نىمىشقا پەخەرلەنمىگۈدەك ؟
مەملىكەتنى سۆيۈشنتىن بۇرۇن ، ۋەتىنىڭىزىنى سۆيۈڭ ، ۋەتەنىڭىزنى سۆيۈشتىن بۇرۇن يۇرتىڭىزنى سۆيۈڭ ، يۇرتىڭىزنى سۆيۈشتىن بۇرۇن كىندىك قېنىڭىز تۆكۈلگەن تۇپراقنى سۆيۈڭ .
مىللەتنى سۆيۈشتىن بۇرۇن ، يۇرتداشلىرىڭىزنى سۆيۈڭ . يۇرتداشلىرىڭىزنى سۆيۈشتىن بۇرۇن ، ئەل _جامائەت ، تونۇش - بىلىشلىرىڭىزنى سۆيۈڭ ، ئۇنىڭدىنمۇ ئاۋال ئائىلىڭىزدىكىلەرنى __ئاتا -ئانىڭىز ، قان -قېرىنداشلىرىڭىزنى سۆيۈڭ ...
ئىشلار دىگەن مۇشۇ تەرتىپتە ماڭسا ، ئاندىن ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللەت سۆيگۈسى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ .
ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلەنگەن ئادەمنى چىشلەپ تارتقانلىق __ بۇ توغرا قىممەت -قاراش ئەمەس . مىللەت دىگەن چوڭ ئۇقۇم . ئۆز يۇرتىنى ، ئۆز قەۋمى -قېرىنداشلىرىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەتنى سۆيىمەن دىيىشى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس .
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۇيغۇر تارىخى __ئەجدادىمىز ياشاپ ئۆتكەنلىكى ھەر بىر يۇرتنىڭ تارىخىنىڭ بۈيۈك بىرلەشمىسى .
مەن بەك مۇرەككەپ ئۇقۇملار ئارقىلىق ، كۆز -قارشلىرىمغا زىننەت بېرىشنى خالىمىدىم ، شۇڭا تەپسىلى
نەقىلمىىساللار بىلەن ئىزاھلاپمۇ كەتمىدىم .
شۇڭا ، بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارغا يۇرتۋازلىق قالپىقىنى كىيگۈزۈشنىڭ ھېچقانداق مەتقىلىق ئاساسسى بولمىسا كېرەك .
ئۇيغۇر تارىخىدىكى سەئىدىيە خاندانلىقى ، 12 مۇقام تارىخى توغرىسىدا يەكەن - مەكىتنى ؛ قارا خانىلار خاندنلىقى تارىخىدا قەشقەر -ئاتۇشنى ، موغۇلىستان تارىخىدا " ئالتە شەھەر " ( تۇرپاندىن -خوتەنگىچە بولغان تارىم ئويمانلىقى ۋادىسى ) نى ؛ قۇچۇ ئۇيغۇر خاندنلىقىدا تۇرپاننى ، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيەت مەركەزلىرى چەمبىرىكىدە تۇرپان -كۇچا -باي نى ؛ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر دېموكىراتىك ئىنقىلاپلىرىدا تۇرپان -قۇمۇل ، ئىلى -ئالتاي -تارباغاتاينى تىلغا ئالماي ئۆتـۈش مۈمكىنمۇ ؟
يۇرتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالسا ۋە ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلەنسە __سىزنىڭچە يۇرتۋازلىق قىلغان بولىمىزمۇ ؟
____________
دىمەكچى بولغىنىم ___ھەر بىر يۇرتنىڭ تارىخى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن كۆپرەك خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى ، ھەم يۇرتلىرىمىزدىن پەخىرلىنەيلى ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatsoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 05:36 AM