pikAso يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 03:22 PM
ما گەپ بۇلاپ قالدى
بىزنىڭ نايىدە 90% دىھقاننىڭ ھويلىسى ...
مۇشۇ جەھەتتىكى ئىسراپچىلىق ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئون يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ يېزىدىكى ئۆيلەرگىمۇ مۇشۇ خىل پاتقاق گازى كۆلچىكى ياسىتىدىغان ئىش كەپتىكەن، دېھقانلارغا «كۆلچەكنى سىلەر كولاپ تەييار قىلىپ بەرسەڭلار قالغان 5000يۈەن تەننەرقىدىكى قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن قىلدۇرۇپ، گاز ئوچاقتىن تارتىپ قويۇپ بېرىمىز»دىسە ماسلىشىپ كۆلچەك كولاپ بېرىدىغان دېھقانلار ئاز چىقىپ، كادىرلارنى ناھايىتى كۆپ گەپ قىلغىلى ساپتىكەن. مەن بېرىپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيگە ۋە چوڭ ئىنىمنىڭ ئۆيىگە كۆلچەك كولىتىپ بەردىم. بىزنىڭ ئائىلىدىن ئىككىلا ئۆيگە كۆلچەك كولاۋاتقىنىنى كۆرۈپ خوشنىلارمۇ قىزىقىپ، قىزغىنىپ دىگۈدەك بىردىن-ئىككىدىن كۆلچەك كولاپ ئاشۇ بىر مەھەللىدىكى %70پىرسەنت ئادەم شۇ بىر تۈركۈمدە پاتقاق گازى كۆلچىگى كولىتىۋاپتىكەن. پۈتكەندىن كىيىن مەن يەنە ئىنىمغا پۇل بېرىپ، خوشنا كەنىتتىكى بىر باقمىچىلىق چوڭ ئائىسىدىن ئىككى تېراكتور قىغ ئەكەلدۈرۈپ ئىككى كۆلچەككە تۆكتۈردۈم. دەسلەپتە گاز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، كىيىن كۆلچەكنىڭ بىر يەرلىرىدىن گاز قېچىپ ئەپلەشمەپتۇدەك. رىمونت قىلدۇرۇپ خېلى پايدىلانغان بولدى. كىيىن بۇ كۆلچەكنىڭ ئورنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى يول كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا توغرا كېلىپ كۆمۈلۈپ كەتتى. كىيىن سۈرۈشتۈرسەم بۇ پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىدىن ئەمەلى پايدىلانغانلار ناھايىتى ئازكەن، يەنە بىر قىسىم دېھقانلار ئاشلىق ساقلاش ئامبىرى قىلىۋاپتۇدەك
بىر قىسىملىرىدىن بىزنىڭ ئۆيدە كۆرۈلگەندەك گاز قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئوڭشىيالماي تاشلىۋەتكەن، يەنە بىر قىسىملىرى بىر مۇددەت ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن بىكارلاپ قايتا ماتىرىيال سېلىشقا قولايسىز بولۇپ تاشلىۋەتكەن دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن تاشلىنىپ قاپتۇدەك. يېزىلاردا مۇشۇ خىل ئىسراپچىلىق مەسىلىلىرى بىر قەدەر ئېغىر، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسە ياكى «ھۆكۈمەت»كە، ياكى شۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان، قىلغان، قىلدۇرۇۋاتقان كادىرلارغا چېتىلىپ توختاپ قالىدىكەن، ھېچكىم ئۆزىدىن كۆرمەيدىكەن. مېنىڭچە بۇ يەنىلا كۆزقاراشتىكى مەسىلە بولسا كېرەك. ئەسلىدە بۇ خىل سىياسەتنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان كادىرلار «خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» شوئارىنى ئۆز ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ(بۇ خەلق خەقنىڭ خەلقى ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ خەلقى بولغاندىكىن)، ھۆكۈمەتكىمۇ، خەلىق ئاممىسىغىمۇ مەسئۇل بولۇپ، ئاۋارىچىلىقتىن قورىقماي، بەزى ئۆزىگە ھالال بولمىغان شەخسى نەپلەردىن كېچىپ تولۇق ئۆلچەم ۋە سۈپەت تەلىۋى بويىچە ئەمىلىلەشتۈرۈپ بەرسە، خەلق ئاممىسىمۇ كادىرلارنىڭ يىتەكچىلىكىگە ماسلىشىپ، تەلەپ قىلغان ئىشلارنى تەلەپ بويىچە قىلىپ بەرسە ئاندىن بۇ ئىشلاردىن خەلىققە ھەقىقى نەپ يەتكەن بولاتتى......