مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 17

ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ: كېتىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101022
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:39:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، مېھىر-مۇھەببەت، ۋاپا، ساداقەت، ئىنسانىيلىق، ئانا تۇپراق، قېرىنداشلىق... تېمىسىدىكى ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ ۋە ئۆزگىچە مۇڭ بىلەن ئورۇندىغان مەشھۇر سەنئەتكار ئاخۇنجان مەدەلىيېۋ ھەققىدە سۆزلىگۈم كەلدى.
ئاخۇنجان 1963-يىل21-ماي كۈنى فەرغانە ۋادىسىدىكى قەدىمىي مەرغىلان شەھىرىنىڭ ئالتەئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى نۇسرەتئەلى مەدەلىيېۋ ئۇستا ياغاچچى ۋە توي-تۆكۈندە پولو ئېتىدىغان ساددا كىشى ئىدى. ئاخۇنجان 1981 - يىلى فەرغانە پېداگوگېكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1985 - يىلى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلى ھەبىبە ئىسىملىك سېستىرا قىز بىلەن توي قىلغان. بالىلىق چاغلىرىدا ناخشىدا تەربىيەلىگەن تۇنجى ئۇستازى ئەل ئىچى سەنئەتكارى قىلىچبېك تاجىيېۋ بولغاچقا، ئۇستازىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 1990 -يىلى 17-يانۋار تۇغۇلغان ئوغلىغا قىلىچبېك دەپ ئىسىم قويغان.

ئاخۇنجان 1989-يىلى "كامالەت 1989" ناملىق دۆلەت دەرىجىلىك ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان (مۇھرىددىن خالىقوۋ بىرىنچى بولغان). 1991-يىلى مۇھەممەد يۇسۇف ئاپتورلىقىدىكى "قوينۇمدا بىر يارۇ كۆڭلۈمدە بىر يار" ناملىق ناخشا ئاخۇنجاننى پۈتۈن ئۆزبېكىستانغا تونۇتقان. 1992-يىلى مۇھەممەد يۇسۇف ئاپتورلىقىدىكى "تۈركمەن قىز" ناملىق ناخشىسى يەنە بىر مەشھۇر بۇلبۇل --يۇلدۇز ئۇسمانوۋا بىلەن ئاخۇنجان ئوتتۇرسىدىكى سەككىز يىللىق ناخشا مۇنازىرەسىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياققان. سەنئەت ساھەسىدە دولقۇن قوزغىغان "تۈركمەن قىز ماجراسى" 2000-يىلى 30-ئىيۇن ئاخۇنجاننىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاخۇنجان 20 يىللىق سەنئەت ھاياتىدا 100 دىن ئارتۇق ناخشا ئىجاد قىلغان. ھەممىسى دېگۈدەك كىلاسسىك ناخشىلارغا ئايلانغان. ئۇنىڭ "كۆڭلۈمدە بىر يار"، "تۈركمەن قىز"، "دادام يوق"، "سېنى بۈگۈن كۆرمىسەم بولماس"، "ئۇنۇتماق ئاسانمەس بىزلەرنى"، "سۆيۈلمىگەن كېلىنچەك"،  "يۈرىكىمدە سىزدىن قالغان داغ جاي بار"، "ئانامنىڭ دۇئاسى مېنى ئاسرايدۇ"، "بۇ دۇنيادا مەن بولمىسام ھەم"، "ئەلەم"...قاتارلىق ناخشىلىرى تۈركىيلەر دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ھايات چېغىدا چۇستىي، ئابدۇللا ئارىپوۋ، مۇھەممەد يۇسۇف، سىراجىددىن سەييىد، قوچقار نۇرقابىل،  شۆھرەت ئەھمېدوۋ، ئىقبال مىرزا...قاتارلىق شائىرلار بىلەن ھەمكارلاشغان. 37 يېشىدا تۇپراققا قايتقان ئاخۇنجاندىن تۆت پەرزەنت قالغان بولۇپ، ئۈچىنچى بالىسى قىلىچبېك مەدەلىيېۋ كۈنىمىزدە تونۇلغان ناخشىچىغا ئايلاندى.

مەن سىلەرگە سۇنۇۋاتقان "كېتىمەن" ناملىق بۇ شېئىرنى ئابدۇلئەزىز مۇبارەك يازغان. ئاخۇنجان بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتىپ، كۆپ ئۆتمەي ۋاپات بولغاچقا، سەنئەت شەيدالىرى بۇنى ئاخۇنجاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن باغلاپ: "'تىلىسەڭ تاپارسەن'دېگەندەك ئىش بولدى" دەپ ھەسرەتلەنگەن ئىدى.

ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار

ئابدۇلئەزىز مۇبارەك (ئۆزبېكىستان)

كېتىمەن

كېتىمەن بۇ يەردىن باش ئېلىپ،
مەجنۇننى سىلىغان سەھراغا.
كېتىمەن كۆزۈمگە ياش ئېلىپ،
يۇلتۇزلار ۋەتىنى ساماغا.

بولمىسا بىر تاشقا باغلىنىپ،
چۆكىمەن تۈۋى يوق ئۇممانغا.
ياكى كۆك كەپتەرگە ئايلىنىپ،
ئۇچىمەن كوھىقاپ تامانغا.

دوست تۇتۇپ تاڭدىكى شەبنەمنى،
مەن سىڭىپ كېتىمەن تۇپراققا.
كېتىمەن يىغلىتىپ ئانامنى،
بارسا كەلمەستىنمۇ يىراققا.

كېتىمەن، بەرىبىر كېتىمەن،
شۇ مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم.
سۆيمىسەڭ، سۆي كېلىپ، نېتەرمەن؟
ئەلۋىدا سۆيۈلگەن دىلدارىم.

كېتىمەن، بەرىبىر كېتىمەن.

(مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Axunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-25 11:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85736
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 01:13:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سالام يۇرتۇم سېغىنىپ كەلدىم،
يىللار ئۆتكەن دىدارلىشالماي.
دېمەك بۈگۈن مۇرادقا يەتتىم،
قانداق تۇراي قۇشاقلار قاتماي.





جامالىڭغا ئاشىق پەرزەنتىڭ،
يىراقلاردىن كۆرگىلى كەلدى.
يۇرتنى ئۇنتۇش ئىشى نامەرتنىڭ،
بالاڭ سېنى سۆيگىلى كەلدى.





سەھرالارنى ئايلاندىم ئاۋال،
چۈنكى سەھرا دىھقاننىڭ يۇرتى.
سەھرالىرىم مەڭگۈ ئامان قال،
بۇ پىقىرنىڭ مەڭگۈلۈك دۇرتى.




يارىشىپتۇ ئىگىز بىنالار،
قامىتىڭگە قامەت قېتىپتۇ.
مەشرەپتىكەن ئىشچى دىھقانلار،
خەلقىڭ يەنە بەركەت تېپىپتۇ.




كونا ئاتۇش قالماپتۇ مانا،
دەۋىر سەندە خامان چەشلەپتۇ.
چالا قويماي ئايلىنىپ چىقتىم،
ئىزلىرىمدىن بالام دە كەپتۇ.
رۇستەم قاراسۇ...2011.8.ئاتۇشتا يېىزىلغان

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 02:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا قىلىپ ئېيتقىنى بولسىچۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 03:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 03:49:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
eerpan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 03:09 PM
ناخشىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟

manzil


http://www.yoryor.com/o/ohun-madaliev/


Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 03:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇسۇپۇرنىڭ كېتمەن ناملىق ناخشىسىمۇ بىرخىل پەيزى .. بۇمۇ شۇ ناخشىنى ئۆزبىكچە قۇشۇقتىن  ئۆزلەشتۈرگەنغۇ دەيمەن.  

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 04:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 02:45 PM
ناخشا قىلىپ ئېيتقىنى بولسىچۇ

bu yerdan soqlab olashiz mumkin.



http://www.yoryor.com/o/ohun-madaliev/ketaman/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-25 04:01 PM  



Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 869
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5681
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2237 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 04:36:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا،  ئەھمەت گىتتار " كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە،  نەگە كەتتىڭ ئوغلۇم دېگۈدەك " دەپ كەتسە،  پەرىدە قاسىم بولسا " مەن يەنە مۇبارەك ياشىسام يەنە،  سۆيىمەن سېنى دۇنيا سۆيىمەن سېنى " دەپ كەتسە،  بۇلىشى كېتىمەن دەپلا كەتسە ھەم.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 04:20:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاستىن بىرنى ئويناپ قوياي .

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 09:39:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 04:20 AM
ئىنكاستىن بىرنى ئويناپ قوياي .

ئوينىۋېلىڭ،بەربىر كىتىدىغان ئىش بولغاندىكىن.  ئەمما ئوينىسىڭىزمۇ ئويلىۋېلىڭكى: تىلىسەڭ تاپارسەن دەپتۇ؟!!!

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش