مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kara-yijiran

پانى ئالەمدىن ھەيدەلگەن جەسەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95848
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاخىرى يەنە يوققۇ.....................

ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام شۇنداق.

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5801
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ....ساقلاۋاتىمىز

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:40:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇدا سەل مەسىلە بارمۇ قانداق؟

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97297
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 01:03:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى...يوققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:23:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار كەلگەندىن كىيىن ئىمامنىڭ يىتەكلىشىدە بايامقى يەرگە قاراپ يول ئالدۇق.قەدەملىرىمىز ئۆزىمىزگە بوي سۇنمىغاي تىلسىمات ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك، ئاپپاق قار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرۇپ بارا-بارا ئۇيەرگە يىقىنلاشتۇق،تۇپىغا بىرسى بىنزىن چىچىۋەتكەندەك يەنىلا سۇس ئوت كۆيگەچ تۈتۈن چىقىۋاتاتتى. پارتىلاشتىن چوڭ ئورەك پەيدا بولغان بولۇپ.قاپقارا ئىسلىشىپ كەتكەن بىر پومزەك ئورەكتىن سەل نىرىدا تۇراتتى.ھەممىمىز پومزەككە قىزىقىپ ئۇنىڭغا يىقىنلاشتۇق،
يا رەببىم قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي!
مەن كىتاپلاردىن ،قورقۇنۇچلۇق كىنولاردىن مۇنداق فانتازىيەلەرنى كۆرگەن بولساممۇ، ئەمەلى تۇرمۇشتا مۇنداق ئىشقا يۇلۇقۇشۇم ھەم ئۆز كۆزۈم بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈم بولغاچ ،تىلىم كالۋالىشىپ كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كەتكىدەك دەرىجىدە كىرىلىپ قورقۇنۇچ ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىدىم، باشقىلارمۇ بۇ ئىشتىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.
يۇمۇلاق نەرسە جەسەت بولۇپ، ئۇنى بىرى پومداقلاپ قويغاندەك يۇمۇلاق شەكىلگە كىرىپ قالغان، بىز تېخىمۇ يىقىنلاشتۇق قارىغاندا ئۇ ناھايىتى قىينالغان بولسا كىرەك، كىپەنلىگى تىتىلىپ ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتكەن.بېشى چاتىرقىغا قىستۇرولغان، پۇتى ۋە قولى بىر يەرگە يىغىلىپ قالغان،كۆز، قۇلاق، لەۋ، قاتارلىقلار ئەزالىرى قەستەن جەسەتنىڭ چىرايىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغاندەك يوق تۇراتتى.ئۇنىڭ قارداپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ تىنىمىز شۈركۈنۈپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ يۇقارقى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىن چايانلار پىتىراپ چىقىپ يەنە بايامقى پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ئورەككە كىرىپ كېتىشتى.
مىڭەم ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك بىشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ ،قولاقلىرىم غوڭۇلداپ كۆز ئالدىم ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىپ ،كۇنتۇرۇللۇغۇمنى يوقاتتىم،كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن،ئايالىم يىنىمدا پاي-پىتەك بولۇپ قىلىدىغان ئىششىنى تاپالماي، پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك مىشىلداپ ئۇيان-بۇيان مىڭىپ يۈرەتتى.
مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىگى سەل ئىزىغا چۈشتى بولغاي يىنىك تىنىپ،
-سىزگە نىمە بولدى؟نىمىشكە تويۇقسىز مۇنداق بولۇپ قالدىڭىز؟
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ ئۇكامنى چاقىرىشنى ئېيتتىم،
-مۇرادىلغا نىمە بولدىكىن بىر ئىشتىن بەك چۆچۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بولۇپ قاپتۇ ،ھەممەڭلارغا زادى نىمە بولدى؟ قەبرىستاندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ چىرايى بۆلەكچىلىغۇ؟
ئايالىمنىڭ بۇئىشلاردىن خەۋرى يوقلىغىنى بىلىپ كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشكەندەك بولدى. چۈنكى ئايال كىشى مۇنداق تەساددىبىلىققا دۇچ كەلسە ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىغى تەبى ئاسانلا خۇدىنى يۇقۇتۇپ نىرىۋىسىغا ئىتتىك تەسىر قىلاتتى. مەن دەل شۇنىڭدىن ئەنسىرگەن ئىدىم،
قولۇمدىكى ئاسما ئوكۇل چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆيۈمگە يىنىپ كەلدىم،ئەمما نەچچە كۈنگىچە ھەممىمىز دىگۈدەك خامۇش يۈردۇق،بۇ ئىشنىڭ تىگىدە قانداق سىر بارلىغىنى بىلگىم كىلەتتى.ئەمما ئېغىز ئېچىشتىن قورقاتتىم،
رىيىمجان ئىنىمدىن ئىككى ياش پەرىقلىنەتتى،يۈرۈش-تۇرۇش چىراي جەھەتتە تەڭتۈشلىرىنىڭ ئالدى ئىدى،لىكىن كىچىك بولغىنىغا قارىماي بەكمۇ ئۇيۇنچى بالا باشلانغۇچ مەكتەپنى ھەممە ئادەم 5 يىلدا پۈتتۈرسە بۇ نوچى 8 يىلدا پۈتتۈرگەن،
تولۇقسىزدىمۇ تۈزۈك ئوقىماي ئۇيۇنغا بېرىلىپ 2-يىللىقتامەكتەپتىن چىكىنگەن،شۇندىن كىيىن جەمىئەتتىكى ناچار بالىلارغا قوشۇلۇپ قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنماي، داپ داراڭلىغان ئىشەك ھاڭرىغان  بېشى قايغان پۇتى تالغان يەردە يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئىدى.
ئۆيدىكىلەر ئۇنى ئادەم قىلىش ئۈچۈن قاتناش ساقچى مەكتىۋىگە خىلى جىق پۇل تۆلەپ مىڭ جاپادا ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، توشقان تېرىسى ئۈچ كۈن چىداپتۇ دىگەندەك رېھىمجانمۇ ئاران ئۈچ ئاي چىداپ ئو يەردىنمۇ قوغلاندى بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە بىكارچى بالىلار بىلەن لاغايلاپ يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى.
يىراق -يىقىندىن قولىقىمىزغا ئانچە -مۇنچە ئو توغۇرلۇق مىش-مىش ياۋا گەپلەرمۇ كىرىپ قالاتتى،بىراق سادىق بۇ سۆزلەرنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى ‹مەلۇم سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ›دەپ بىزدىن قاچۇراتتى.ئاغرىقنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دىگەندەك كىيىنچە ئۇنىڭ ‹ ياخشى› ئىش ئىزلىرى مەھەللىدىلا يۈز بېرىشكە باشلىدى.
نەچچە قېتىم ساقچىلار ئۇنى مەھەللىدىن تۇتۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سادىقنىڭ ھەمەللىدىمۇ خىلىلا ئىناۋىتى چۈشۈپ يۈزى تۆكۈلدى.
ئاچچىغى كەلگەن سادىق بۇ ئىش توغۇرلۇق ئاچىسى بىلەن تالاي رەت سوقۇشتى.كىيىن رېھىمجان تاغىسى سادىقنى ئادەم بار يەردىلا ئالدىنى تۇسۇپ ھاقارەتلەپ، ئۆزىنىڭ ئىششىغا ئارلاشماسلىقنى بولمىسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تەھدىت سالدى.
خۇرلۇق ھىس قىلغان ئۆز جىيەنى تەرىپىدىن قاتتىق كەمسىتىلگەن سادىق رېھىمجانغا قول تەككۈزدى،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سادىقنىڭ ئاچىسى تەتۈرلۈك قىلىپ ئىنىسى بىلەن بىشەملەرچە سوقۇشۇپ تۇققاندارچىلىق ئوتتۇرىغا ئاداۋەت چىچەكلىرىنىڭ ئۇرىقىنى چاچتى. شۇندىن كىيىن ئۇلار يات كىشىلەردەك ئۆتۈشتى.
شۇنچە قاتتىق جىدەلگە نىمە سەۋەپ بولغىنىنىڭ ئۆزى بىزگە بىر سىر ئىدى،
بىر كۈنى رەھمەتلىك قاسىم جودا، سادىق، مەن ئۈچىمىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ گەپ تىمىسى رىيىمجانغا يۆتكەلدى،
-سادىق ئاداش، ئاچاڭلار بىلەن شۇنچە قاتتىق ئاداۋەت تۇتۇشقىدەك نىمە جىدەل ئۇ؟ يات بىلەن يات ئۇرۇشسىمۇ بۇۋاقىتقىچە ئەپلىشىپ قالىدۇ، بىز ياخشىلاشتۇرۇپ قويايلىمۇ يا؟
-شۇنداق قىلىڭلار سادىق، ،مىڭ قىلمىسا تۇققان ئەمەسمۇ؟سەت تۇرىدۇ،
-بولدى ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت،ياخشىسى كاللىمۇ يىمەي، چىشمۇ چاقماي.شۇ خەقتىن نىرى تۇراي،بۇ نىمىلەرنى ئۆلسە يەرمۇ قوينىغا ئالمايدۇ،گۆرىدىن توڭگۇز قوپىدىغان مۇناپىق،ھامىنى بىششىنى يەيدۇ،مەن ئۇنىڭغا ئاتا يوللۇق، ياخشى يولغا باشلىسام قىلىپ يۈرگەن ئىششىنى كۆرمەمدىغان؟
-نىمە بولغان دىمەمسىلەر؟قولىمىزدىن كەلسە ياردىمىمىزنى ئايىمايمىز،
-ھەي... بۇ گەپنى كىملا بولسا دىگىلى بولمايدۇ،سىلەرگە قانداق دىيىشىمنى،  قانداق چۈشەندۈرۈشۈمنىمۇ بىلمەيمەن،
سادىقنىڭ نىمە دەيدىغىنىغا قىزىقىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا تەقەززالىق بىلەن تىكىلدۇق،

داۋامىنى چۈشتىن كىيىن تولۇق پۈتتۈرىمەن،سېسىق گەپ قىلماڭلار،بۇ قانداقتۇر فانتازىيەمۇ ئەمەس،ھەر قانچە بولسىمۇ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى فانتازىيەلەشتۈرىدىغان دەرىجىدە كاللىدىن كەتمىدىم،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kara-yijiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 02:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:29:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qiqakkiz يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 12:06 PM
يوقاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟ قۇربانلىق ئايال  نىڭ ئاخىرىنى پەق ...

قۇربانلىق ئايال نەشىرگە بېرىلدى. ئاللا خالىسا يىقىندا چىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1534
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1241 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئورۇنسىز ئىسراپ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. بۇنداق ناچار ئادەتنى مىسرانىمدىن يوقاتساق بولاتتى. نەگىلا قارىسا شۇ ئاخىرى بار دېگەن گەپ. ئاۋال كومپيۇتېرغا ساقلاپ قويۇپ، ھەممىسى تولۇق پۈتكەندە بىراقلا يوللىسا بولىدۇ ئەمەسمۇ. مىسرانىمدىكىلەر نەلەردىنمۇ يۇقتىرۋالغاندۇ بۇنداق نىجىس كېسەلنى.

بۇندىن كېيىن ئاخىرى بار تېمىلارنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ATAMAN25 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 02:35 PM
باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئورۇنسىز ئىسراپ قىلىش ياخشى ئىش ئ ...

ئۆچكىنىڭ  دائىم ئۇچۇق قالسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئۇچۇق قالسا زاڭلىق قىپتۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىكەنسىلەر،
مەنمۇ خىزمەت قىلىمەن، ئائىلەمگە قارايمەن، بوش ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئىبرەت بولسۇن دەپ يازسام ،تېما يوللىغانغا تويغۇزۇپ قويىدىكەنسىلەر،
ئەمىسە مۇنبەر باشلىقىغا دەڭلار، مىنىڭ كىرىشىمنى بىراقلا چەكلەپ بارلىق تېمىلىرىمنى ئۈچۈرىۋەتسۇن،
باشقىلار نەچچە ئابزاس يوللاپلا بولدى قىپتۇ، مەن ئۇنداق قىلمىغاندىمەن؟
بولسا مىنىڭمۇ بىراقلا تولۇق يېزىپ پۈتۈن يوللۇغۇم بار،
بۇ يەردە ۋاقىت مەسلىسى مەۋجۈت، ھازىر يىل ئاخىرى ھەممىمىزنىڭ خىزمەت خولاسىمىزنى چىقىرىش، يىڭى خىزمەتلەر توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان ئىش.ئۇنتۇپ قالماي دەپ يېزىپ مىڭىۋاتىمەن،توۋا قىلدىم خۇدايىم،

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1684
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1534
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1241 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kara-yijiran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 02:48 PM
ئۆچكىنىڭ  دائىم ئۇچۇق قالسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم  ...

مەن يالغۇز سىزگىلا دېمىدىم، ھازىر مىسرانىمدا بۇنداق ئىش بەكلا ئاينىپ كەتتى، شۇڭا دەۋاتىمەن. دىگىنىڭىز توغرا ۋاقتىڭىز بولسىلا يېزىۋاتىسىز ھەم باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن دىيشى مۇمكىن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى يازغان نەرسىنى كومپيۇتېرغا ساقلاپ قويۇپ پۈتكەندە بىراقلا يوللىساڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟ كومپيۇتېرغا ساقلاپ قويۇپ پۈتكەندە بىراقلا يوللانسا تېما يوللىغۇچى نۇرغۇن ۋاقتىنى تېجەپ قالالايدۇ. بۇ ھەممەيلەنگە ئايان. دەۋاتقىنىم تېما يوللىغۇچىغىمۇ ھەم تورداشلارغىمۇ ياخشى.
دېگىنىڭىزدەكلا ھەممە ئادەمنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا ۋاقىت. تېما يازغانلارغا رەدىيە بەرمەكچى ئەمەسمەن، شۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلمىسا ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلماي بىراقلا يوللىغان بولسا دېگەن ئۈمۈدتىمەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش