kaqvr يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 06:12 PM
مىسرانىمدا بۇرۇن ئوتياق دەپ بىر ئەزا بولىدىغان ، داۋام ...
خوتۇن تەتقىقاتچىسى دەپ ئۆز كەسپىگە دەل كەلگۈدەك نام بىرىپتىكەنسىلەر .
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ داڭلىق خوتۇن تەتقىقاتچىسى مىسرانى ئوتياق ئەپەندىم ، ئۈزۈن يىللىق ىوتۇن تەتقىق قىلىىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەڭ مىسرانىم مۇنبىردىكى بويتاق يىگىتلەرگە ‹‹ خوتۇن ھەققىدە دەسلەپكى ئاساسى بىلىملەردىن چۈشەنچە ›› ،‹‹ مۈشۈككە چاشقان مەنپەت قىلىدۇ، بويتاقلارغا خوتۇن مەنپەت قىلىدۇ ›› ، ‹‹ بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان قىز-ئوغۇللار سۆزلىشىپ ئۆتكەن ياخشى ، سۆزلىشىپ پىكىر بىر يەردىن ئۈسكەكلەپ قالسا تويلىشىپ ئۆتكەن ياخشى ››، ‹‹ ئۆچكە باقساڭ جاڭگالدا باق ، خوتۇن باغدا باغدا ›› چۈنكى باغدىكى توڭ-پىشىشقلارنى پۇتاپ بىرىپ ئاسان باقالايسىەن دىمەكچى ئوخشايدۇ شائىر .‹‹ خوتۇنىڭنى ئەتلەشتۇرسەڭ ،ئۆزۈڭگە پۇتلاشتۇرسەن ›› ،‹‹ ئەسكى قىزدىن جۇۋان ياخشى جۇۋاندىن جۇۋاز ياخشى ›› ،..........................قاتارلىق نادىر نەسىر ،پوۋسىتلىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرشۈپ بويتاق يىگىتلەرگە يىڭى ئۈمۈت نۇرى ئىلىپ كەلگەن ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ‹‹ ئۆچكە باقساڭ جاڭگالدا باق ،خوتۇن باقساق باغدا ›› دىگەن ئەسسىرى ئاۋزلاشتۇرۇپ ، خوتۇن-قىزلارنىڭ چىقىمى ئىشىپ كىتىۋاتقان مۇشۇنداق تەخىرسىز دەۋىردە ئامېرىكنىڭ، ئامېرىكا ئاۋازى ئالتۇن ھەپتىلىك پىراگوممىسنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا ، ئەنگىلىيە تايمىس رادىئو ئېستانسى ، قاتار ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئېستانسىنىڭ ئالتۇن كۆزنەك پىراگىراممىسىدا ،روسىيە سىبىريە كۆك ئاسمان رادىيو ئىستانسى ........... قاتارلىق نۇپۇزلۇق مەدبۇئاتلاردا كەڭ ئاڭلىتىلىپ كەڭ دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ياقتۇرشىغا نائىل بولدى .
زامانى مىسرانى ئوتياق ئەپەندىم ،يۇقارقىدەك نادىر يازمىللىرى ئارقىلىق سانسىز بويتاق يىگىتلەرنىڭ قەلبىگە ئوت يىقىپ چۈچۈلگە ئايلاندۇرۇپ ، ئەرلەرگە خۇشاللىق ۋە راھەتتىن باشقىنى زىيادە قىلالمايدىغان يېشىل مەھسۇلات دەپ قارالغان قىز-ئاياللار ئۈستىدە ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ئىلىپ بىرىپ ، بىز ئەرلەرگە ناتۇنۇش،سىرلىق بولغان يىتەرسىز تەرەپلىرىنى دادىل ئىچىپ بىرىپ بىر قىسىم پوتلىسى تىشىدا ، ئوتلىسى ئىچىدە قىز-ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ۋە نارازلىقىغا ئۇچۇرغان ، ئۇ بۇ پىشكەنچىلىك ئالدا يەرگە چاپلىشۋالماي تىزلانغان ھالدا قايغۇسىنى كۈچكە ، قەلىمنى قەغەزگە نىكاھلاندۇرۇپ غەزەپ نەپرىتى بىلەن بۇ بىشەم قىز-ئاياللار بىلەن كەشكىن كۈرەش قىلىپ .دۇنيادا ئۈچ يېشىل مەھسۇلات قىز-ئاياللار ، ئەمۋاي ،ئورفىلەم دىن ئىبارەت ئەڭ داڭلىق ماركا ئىچىدىن قىز-ئاياللارنى يىتەرسزىلىگى بار يېشىل مەھسۇلات ئورنىغا چۈشۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۇرگەن
2013 -يىلى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسنىڭ قورال-ياراق ئىدارىسدە كاتىباتلىق قىلدىغان سارا خانىمنى يولدىشى تەبئىيلىكىدە مەسىلە بار دىگەن قاراش بىلەن ئەيىپلەپ ئۆزى تۇرۇشلۇق مكچىگان شىتاتىنىڭ ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇنغان . بۇ ئشىتىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن سارا خانىم ئۆزىنىڭ يولىدىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەبئىي مەھسۇلات ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ سوت ئورگانلىرىنى ئاقلاش ئىسپاتى بىلەن تەمىن ئىتىش ئۈچۈن كەڭ دۇنيا جامەتچىلىگىنىڭ بىردەك ئىتىراپىغا ئىرىشكەن خوتۇن تەتقىقاتچىسى مىسرانى ئوتياق ئەپەندىمنىڭ تەتقىقات ئورنىغا كىلىپ تەكشۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان ، جانابىي مىسرانى خوتۇن تەتقىقات ئالىمى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كىلىنكىلىق تەكشۇرتۇش ئۇسۇلى بويۇنچە بۇ خانىمنى تەكشۇرۇش ئۆيىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ قولى سارا خانىمنىڭ قولىغا تىگىپ كەتكەن ، ئۇزۇن يىل قورال-ياراق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان سارا خانىمنىڭ پۇتكۈل بەدىنى قورال-يارقلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچۇرشۇش جەرياندا كۆپلىگەن پارتىلغۇچ مادىللارنىڭ ئۇچۇن مادىللىرى بىلەن قاپلانغان بولغاچقا ئوتياق ئەپەندىمنىڭ بەدىندىكى مۇسبەت زەرەتلەر قولى ئارقىلىق سارا خانىمنىڭ بەدىندىكى پارتىلغۇچى تەركىبلىك مادىللارنىڭ كۈچلۈك پارتىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ، زاتى مىسرانى ئوتياق ئەپەندىم 2013 -يىلى تەتقىقات ئورگىندا سارا خانىم ۋە بالىنىستتا يىتىۋاتقان 25 كە يىقىن بىمارلار بىلەن بىللە پارتىلاشتا جىندىن ئايرىلىپ ئۆلۇپ كىتىپ قازا بولۇپ كەتتى .
ئوت ئىدىڭ يۇ ئوت ئىدىڭ ،
خاتۇن كەسپىدە ئوت ئىدىڭ ،
تور دۇنياسىدە بۇ ھەقتە
چىپىپ تۇرغان ئات ئىدىڭ .
ھە دەپ قويساق بىلىمىدىڭ .
ئەسلىڭنى بىز ئىزدسىەك .
ئاشلىقلارغا كات ئىدىڭ .
قىرغىزىستاننىڭ داڭلىق شائىرى مۇسبىك قادىرى ئېسمايىلۋا ئۆزىنىڭ ئوتياق ئەپەندىگە بولغان كۈچلۈك سېغىنىشنى ئىپادىلەپ يۇقاردىكىدەك يازسسا ،ئىلھامىنى تومۇز قىلالمىغان مىسرانىڭمنىڭ داڭلىق شائىرى تارىمى 548 مۇنداق دەپ جىجىلايدۇ .
يازار ئىدى قوللىرىڭ توختىماستىن بوران كەبىي تىرىت-تىرىت .
تەسىرلىنىپ يىغلار ئىدى تورداشلار يازماڭغا خىرىت-خىرىت.
سەن بىلەن خۇشى يوقلار يىرتار ئىدى ئوقۇماستىن جىرىت-جىرىت .
مىيىتىڭنى ئۇ ئالەمگە ئەۋەتىشتە ئەڭ نوچىسى بىرىت-بىرىت .
مىسرانىم مۇنبىرنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل قىزلىرى زاتى مىسرانى ئوتياق ئەپەندىمگە بولغان كۈچلۈك سېغىنىشنى ئىپادىلەپ كىلەر يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچ سائەت 23 دىن 56 سېكىنۇت ئۆتكەندە مسرانىم ئوتياق كۈنى قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلدى .
ئۈزۈمتال بۇ خەۋەرنى زىركىپ قىلىپ بىكارچىلىقتا پىيادا ماڭغاچ ئاڭلاتتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 02:28 PM