مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: zokra

ئىستىقبال سەھنىسى 1-2-3- سانلىرى (فىلىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19913
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5356 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 06:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yattasu يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 12:23 AM
ھەممە  ئادەمنىڭ   ئۆز تاللىشى بولىدۇ   توۋا دەپمۇ  كەتم ...

‹توۋا› سۆزىنى تۇغرا ئىشلەتمەي قاپتىمەن، ئەپۇ قىلىڭ. ئەلۋەتتە ھەر بىر ماھىرنىڭ ئۆز تاللىشى بار، مېنىڭ ئەپسۇسلىنىپ قالغىنىم، يۈقىرىدا دېگىنىمدەك باشقىلارغا بىر پۇرسەت بولسا ئۇنىڭغا قوش پۇرسەت كەلگەن ئەمەسمۇ، ئۇ تەرەقىي قىلىمەن دەيدىكەن تىل ۋە تىگىشلىك نەزىريە بىلىشى ئىنتايىن زۇرۇر، چۈنكى كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى تىل سىستىمىسى ئىنگىلىز تىلى، بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىز. شۇڭا راستىنلا ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.
ئەمدى باشقا رەت قىلغان ماھىرلارغا ئەلۋەتتە ئەپسۇسلانمايمەن، چۈنكى ئۇلار بەلگىلىك ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر سىناپ بېقىپ مۇۋاپىق بولمىسا باشقا جەھەتتىن ئىزدەنسە ئەلۋەتتە بولىدۇ.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10897
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1696 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستىقبال سەھنىسىنى يولغا قويغانلىقى بەكمۇ ياخشى بوپتۇ. بۇ ساھەدە نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئۆز ئىستىقبالىنى تاپقۇدەك. مەن بۇ پروگراممىنى قوللايمەن ھەم ياخشى كۆرىمەن. مىللىي كارخانىچىلىرىمىز كۆپلەپ بارلىققا كەلگۈسى. ئىستىقبال گۈللەپ ياشنىسۇن. كارخانىچىلىرىمىزنىڭ سوئاللىرىمۇ مول بىلىمگە ئىگە ئىكەن. كەسپىي دىكتورلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى نېمىدىگەن ياخشى! مۇشۇنداق پروگراممىلارنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101273
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2014-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 04:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 09:39 PM
ئەمىليەتكە باغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدىم ، ئويلاپ بېقىڭە ، ھا ...

  پىكىرىڭىزگە ئەگەشتىم .

تولۇق كۆرۈپ كىلۋاتىمەن ، مىنى تولىمۇ بىئارام قىلۋاتقىنى شىركەتلەر تاللىغان كۆپ سانلىق تالانىت ئىگىللىرى قوبۇل قىلغان شىركەتلەردى ۋاز كەچتىم ! ۋاز كەچتىم ! دەپلا خوشلىشىپ چىقىپ كىتىۋاتىدۇ . ئاندا-ساندىكىللىرى  تاللاۋاتىدۇ .

    سورۇنغا قارسام شىركەتلەر 20 مىگە بارمىغۇدەك . بىر توپ جۇجە  بىر سىقىم دانغا ئولاشقاندەك ئىش بولۋاتىدۇ .
  ئىش ھەققى ھەقىقەت بىر ئاز تۆۋەنكەن .بىراق بۇ ئىشلارنى شىركەتلەردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ .چۈنكى ئۇلارمۇ تاپاۋەتكە قاراپ ئىش تۇتىدۇ .

........دىققىتىم داۋاملىق شۇ ئېستىقبال سەھنىسىدە .
   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 04:33:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yattasu يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 12:19 AM
خەقنىڭ بەدىنىنى ئۇلاشنىمۇ  نورمال  دائىرىدە  دەمدۇق     ...




مانا سېكىرتار يامان يەردىن ئالدى . ھې ھې ھې

سېكىرتارنىڭ دىگەنلىرىدىن قىز-ئاياللار ،مەخسۇس قىز-ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئۇۋلىسا دىمەكچى . ئىچكىردە ئەرلەرگە   مەخسۇس ئەرلەر ،قىز-ئاياللارغا مەخسۇس قىز-ئاياللار مۇلازىمەت قىلدىغان ئىستىراھەت شەھەرچىللرىى ۋە كىچىك دارئىدىكى دۇكانلار شۇنداق كۆپ .
   بۇ بىر قىسىم ئايالىنىڭ دەردىگە يەتمەيدىغان ،  باشقا ئايالنىڭ قىشىدا دۇخاۋا قول ،ئايالىنىڭ قىشىدا كىرپە تىرسىگە ئايلىندىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق قولى بارلارنىڭ ھىرىپ-چارچىغان ئاياللرىغا نىسپەتەن ياخشى ئىش ۋە سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارسا كىرەك دەپ چۈشەندىم .  

   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 04:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86476
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 765
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:10:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلغاندا ئىستىقبال سەھنىسىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
ھەممىمىز كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق،مىنڭىچە:
1.ئىستىقبال سەھنىسىگە تىخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەلپ قىلىش لازىم.يەنى،كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا ۋە رىقابەتلىشىشكە يىتەكلەش.بۇ پىروگراممىنى بەرگەندە ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئېلانىنى قويماسلىق، باشقا شىركەتلەرنىڭ قوللىشىنى ئۆزىگە لازىم قىلماسلىق كىرەك. (ئاتايىتەن،شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسى بىلەن پالانچى بىرلىكتە باشقۇرىۋاتقان پىروگرامما دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق)شۇ شىركەت ھەقىقەتەن قوللىماقچى بولسا بۇ سەھنىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ بەرسىلا كۇپايە!
2.پىروگراممىنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۇزارتىش كىرەك.بىر ئادەمنى چۈشىنىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، كارخانچىلارنىڭ يىنىغا نورغۇن كىشلەر ئىش ئورنى ئىزدەپ بىرىۋاتقان بۇ شارائىتتا، كارخانچىلار ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، تونۇشقىلى يىرىم سائەت بولمىغان ئادەمنى قانداقمۇ خاتىرجەم تەكلىپ قىلالىسۇن.ھازىر كارخانىچلار ئەڭ ئەھمىيەت بىرىۋاتقان مەسلە-ئىناۋەت مەسلىسى.تىلۋىزىيە ئىستانسىدا ئۆزىنى چاغلاپ گەپ قىلماي،كىيىن ۋەدىسىدە تۇرالمىسا ئىناۋەتكە دەز كىتىشتىن ئۇلارمۇ قورقىدۇ. شۇڭا ئۆز-ئارا چۈشىنىشىدىغان پۇرسەتنى ئۇزارتىش كىرەك.
3.ئىش ئىزدىگۈچى ياشلار بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلەش كىرەك.باشقىلار قوشۇقتا ئاغزىمىزغا سېلىپ قويغان تاماقتىن،ئۆزىمىز تۈتۈن پۈۋلەپ ئەجر قىلىپ ئەتكەن تاماقنىڭ تەمى تىخمۇ تاتلىق بولىدۇ.تىلۋىزىيە ئىستانسى شۇنچى جاپا چىكىپ تەييارلىغان بۇ پىروگراممنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە، ئىش ئىزدىگۈچىلەر تۇرۇپلا بۇ شىركەتلەردىن ۋاز كىچىدۇ، نىمىشقا ۋاز كەچكەنلىكىنى سورىغاندا تۇتامىغا چىققۇدەك جاۋاپ بەرمەيدۇ،بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ چۈنكى، بۇ ياشلار بۇ يەرگە پەقەت ئۆزىنى سىناپ بىقىش ئۈچۈنلا كەلگەن، چىن يۈرەكتىن بۇ كارخانىلاردىن بىرەرنى تاللاش ئىرادىسى چىڭ ئەمەس!ئازراق بەدەل تۆلەپ،ئىشسىزلىقنى ئازاپىنى كۆپرەك تارتىپ،تىزىملىتىش جاريانىدا ئانچە-مۇنچە جاپالارنى تىتىپ سەھنىگە چىققان بولسا ئىدى،بۇنچە ئاسان ۋاز كەچمىگەن بولاتتى.
4.ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كارخانىدىن بىرىنى تاللاش،دەيدېغان بىر بۆلەك بار، مىنىڭچە بۆلەكنىڭ ئاساسەن ئەھمىيىتى يوق، ئۆزىنى تاللىغان سەككىز كارخانىدىن ئىككىنى تاللىدى، ئاندىن گەپ-سۆزسىزلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللىدى، ئۇنداق ئاۋارە بولغاندىن كۆرە،ئاشۇلارنىڭ ئارسىدىن بىرىنىلا تاللاپ، ئۆزى كۆڭلىدىكى شارائىت تەلىپىنى كارخانىدىن سورىسا، كارخانىمۇ ئۇنىڭ چاماسىنى يەنە بىر دەڭسەپ كۆرسە، ئاندىن ئۆز-ئارا قارار چىقارسىلا بولمىدىمۇ؟
بۇ پىروگراممىنىڭ  تەسىس قىلنىش ئۇيغۇر كارخانچىلىرى ئۈچۈنمۇ ،شۇنداقلا ئىش ئىزدىگۈچى ياشلار ئۈچۈنمۇ شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەلققە قىلغان بىر ياخشى سوۋغىسى ھىساپلىنىدۇ، لىكىن بۇ پىروگراممىنى قانداق قىلىپ تىخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش تىلۋىزىيە ئىستانسىدىن باشقا كەڭ كارخانچىلارنىڭ، ئىختىساسلىق ياشلارنىڭ، سىز ۋە مەندەك قوللىغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

مەدەنىيەتلىك ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتسىز ئائىلىنىڭ پەرقى-ئۆيىدە كىتاب جازىسىنىڭ بار يوقلىقىدا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش