zulayha يوللىغان ۋاقتى 2014-1-8 03:42 AM
ئارتىسلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەلنىڭ غېمىدە كۆزىنى ياشلايدى ...
«ئارزۇ» ناملىق فىلىم ھىندىستاننىڭ شۇ ناملىق كىنوسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ئارتىسلارنىڭ خاراكتىرىنى ئۇ رول ئالغان فىلىمگە قاراپلا بىلگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار دىگەن سەنئەتچى. خالىغاندا ھەرخىل ئوبرازلارنى يارىتالايدۇ. ئۇنى پەقەت پىشقان ئاكتىيور دەيمىز. ئابلىز ئابدۇرېشىت «ئارزۇ» فىلىمىدە ساخاۋەتچى ئاتىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بولسا، «سىرلىق تۇمان» فىلىمىدە خىروئىن ئەتكەتكەسچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى، ئۆز نەپسى ئۈچۈن قەبىھ ۋاستە قوللىنىدىغان ياۋۇز، مەلئۇننىڭ تىپىك ئوبرازىنىمۇ شۇنچە تەبىئى ياراتقان.
شۇڭا، «رەنانىڭ تويى» فىلىمىدىكى پاتەم دەللالنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان ئارتىسنى دەللالكەن دەپ قارىسىڭىز، «سايىم نوچى» دىراممىسىدىكى مايسىخاننى ئېرىنى دائىم بوزەك قىلىدىغان ھازازۇل ئايال دەپ تونىسىڭىز توغرا بولمايدۇ.