بەخىت بۆشۈگىدە ياشاۋاتىمەن ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ قارا يامغۇر تامچىسى
بۇرۇندا بىر قىز تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ناھايتى ئۇماق بىر قىز بارىكەن.ئۇ قىزنىڭ ئىسمى شىرىنئاي ئىكەن،ئىسمىغا لايىق شۇنداق تاتلىق قىز ئىكەن.شىرىنئاي شۇنداق بەخىتلىك ئىكەن.ئاتا-ئانىسى،ساۋاقداشلىرى دوسلىرى،ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن.ئەمما تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كىم بىلسۇن دەيسىز؟ئۇ قىزنىڭ ئاق قان كېسىلى بارىكەن.ئاتا-ئانىسى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ شىرىنئاينىڭ يىلىكىگە ماس كېلىدىغان يىلىك تاپالماپتۇ.يىغلاپتۇ قاخشاپتۇ ھىچ ئامال تېپىلماپتۇ.ئاخىرى ئۈمۈدىنى ئۈزۈپتۇ.ئەمما شىرىنئاي ھاياتتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ باقمىغان ئىكەن،ھاياتقا ئۈمۈت بىلەن قارايدىكەن.ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كېتىغىنىنى بىلسىمۇ ناھايتى خۇشال ياشايدىكەن. شىرىنئاي ئوقۇيدىغان سىنىپ كولىكتىۋى ئىنتايى ئىناق ئىكەن.ئوغۇللىرى قىزلىرىنى ئاسرايدىكەن،قوغدايدىكەن.قىزلىرىبولسا ئوغۇللارنى ئاكىلىرىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلىشىدىكەن.ئىشقىلىپ ھەممە بۇ سىنىپنىڭ ئىتىپاقلىقىغا قايىل ئىكەن.شىرىنئايغىمۇ ساۋاقداشلىرى بەك ئامراق ئىكەن.شىرىنئاي دائىم قىزىق يۇمۇرلارنى ئېيتىپ،قىزىق ھەركەتلەرنى قىلىپ ساۋاقداشلىرىنى كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە كۈلدۈرۋېتىدىكەن.ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاق قان كېسىلى بارلىقىنى بىلىدىكەن.ئەمما ئۇنىڭدىن يىراقلاشماي ئەكىسچە ئۇنىڭ ھالىدىن ئىنتايىن ياخشى خەۋەرئالىدىكەن،سىنىپتا ھىچ ئىش قىلدۇرمايدىكەن.ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا تەسەللىي بېرىدىكەن.شىرىنئاي ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى،ئىناق بىر سىنىپ كولىكتىۋىدا ياشىغانلىقىدىن خۇش بولىدىكەن،پەخىرلىنىدىكەن. بىر كۈنى شىرىنئاينى مەكتىۋىدىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى:«سەندە ئاق قان كېسىلى بار ،نىمىشقامەكتەپكە كېلىسەن،كېسىلىڭ يۇقۇپ قالىدۇ،بىزدىن يىراق تۇر»دېگەندەك گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپتۇ.شىرىنئاينىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بوپتۇ.يۈرەكلىرى ئازاپتىن پارە-پارەبوپتۇ،پۇچىلىنىپتۇ.ئەمما يەنەلا چىشىنى چىشلەپتۇ.بۇ گەپلەر شىرىنئاينىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ قۇلۇقىغا يېتىپ بېرىپتۇ-دە،ھېلىقى ئوغۇل بالىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇبالىنى تىللاپتۇ،ھەمدە شىرىنئايدىن كەچۈرۈم سورىغۇزۇپتۇ.شىرىنئاي يىغلاپ كېتىپتۇ.بۇ ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم يىغلىشى ئىكەن.ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يېگىنىنى بىلىپتۇ،ھەم كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپتۇ،ئۇنى كۈلدۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ شىرىنئاي يىغلاشتىن توختاپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشگەئەگىشىپ شىرىنئاينىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپتۇ.ۋاقتىمۇ ئاز قاپتۇ.بىر كۈنى شىرىنئاي مەكتەپكە كەلمەپتۇ.ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى يوقلاپ بېرىپتۇ.قارىغۇدەك بولسا شىرىنئاي بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىرئۇستىخان بوپ قاپتۇ.چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ.لەۋلىرى چاك-چاك يېرىلىپتۇ.ساۋاقداشلىرى دوختۇرخانىغا كەلگەندە شرىنئاي ئۇخلاۋاتاتتىكەن،شۇنداق شېرىن . شۇنىڭ بىلەنساۋاقداشلىرىنىڭ شىرىنئاينى ئويغاتقۇسى كەلمەي كۆڭلى يېرىم ھالد اقايتىشىپتۇ.ئەتىسى مەكتەپكە كېلىپلا ساۋاقداشلىرى شىرىنئاينىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپتۇ-دە دەرسلىرنى تاشلاپ دوختۇرخانىغا چېپىپتۇ.ئۇلار دوختۇرخانىغا كەلگەندە شىرىنئاي ئاللا بۇرۇن جان ئۈزگەن ئىكەن.شىرىنئاي كۆزى ئۇچۇق پېتى كېتىپتۇ،خۇددى بۇ دۇنيادىن رازى بولمىغاندەك... دوختۇرخانا ئىچى يىغا ئاۋازىغا تولۇپتۇ.خۇددى يەر زىمىنمۇ شىرىنئاينىڭ كەتكىنىگە كۆزى قىيمىغاندەكسىم-سىم يامغۇرى بىلەن ياش تۆكۈپتۇ. شىرىنئاينىڭ ئۈچنەزىرىسىنى بەرگەن كۈنى شىرىنئاينىڭ ئاپىسى شىرىنئاينىڭ بىر پارچە خېتىنى شىرىنئاينىڭ سىنىپ باشلىغىنىڭ قولۇغا تۇتقۇزۇپتۇ. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: بەخىت بۆشۈگىدە ياشاۋاتىمەن،ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلىرىم،ئەڭ ئاۋال سىلەرگە دەيدىغىنىم سىلەرگە كۆپ رەھمەت.سىلەر بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭلاردا مەن ئاللا بۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن ياق سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان بولىمەن.مەندەك ۋاپاسىز ساۋاقدىشىڭلارنى كەچۈرڭلار،سىلەر بىلەن بىللە تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا تۇرۇپلا بالادۇر خوشلاشقىنىمنى كەچۈرۈڭلار.ئەمما مەن بىرئاجىز بەندىدە نىم ئامال،مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا بىللە قاتنىشىپ،ئوپچە سۈرەتكە چۈشكۈم بارىدى،ئەمما ئامال بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ساۋاقداشلىرىم،سلەر بىلەمسىلەر؟بىزنىڭ سىنىپ بىرئىناق ئائىلىگە ئوخشايدۇ.مىھىر-مۇھاببەتكە تولغان.كۈلكە چاقچاققا تولغان.مەن بىزنىڭ سىنىپنى .ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.سىلەردىن قەتئىيلا ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ.ئەمما كىممۇ بۇنداق تەغدىرنى ئۆزگەرتەلىسۇن.ساۋاقداشلىرىم،سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىم بەخىت بۆشۈگىدە ياشىغان كۈنلىرىم،ئەمما بىلىمەن،ئۇزۇنغابارمايدۇ. شۇڭا سىلەر بىلەن ئۆتكەن كۈنۈمنى شۇنداق قەدىرلىدىم،ئەمما يەنىلا شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى.ساۋاقداشلىرىم مەن كەتكەندىن كېيىن سىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىجىل-ئىناقئۆتۈشۈڭلارنى،ھەممىڭلارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىڭلارغا يېتىشىڭلارنى،بەخىتلىك بولۇشۇڭلارنى تىلەپ شىرىنئايدىن يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى بولغان ساۋاقداشلارغا ھەم ئۆزۈمگە بېغىشلايمەن. مەنبە:ئۆزقەلىمىمدىن (قارا يامغۇر تامچىسى) ئەگەر ئەسەرنى باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tirikjassat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 10:07 PM
|