zapar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 04:49 PM
سودا -سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن يىمەك ...
توغرا ئېيتىسىز زاپەر بۇرادەر!
مەسىلىنىڭ ماھىيىتى دەل شۇ يەردە. تىمىدا تىلغا ئېلىنغان زەھەر سودىسى ۋە ئۇنىڭ قورال كۈچى ھىمايىسىدا ئۆلۈم بىلەنمۇ چەكلىنەلمەسلىكى ، دەل ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدە مۇئەييەن ئېھتىياج بوشلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقى بەلگۈلىگەن .
مۇشۇ نوقتىدا تۇرۇپ مەسىلىنى مەۋجۇت ‹‹ئېھتىياج بوشلۇق››ىدىن ئىزدەشتىن كۆرە ھۆكۈمەت چەكلەپ بېرىشى ۋە پۈتكۈل يوق قىلىشى كېرەك دەپ شۇئار توۋلاۋېرىپ پۇرستنى تۇتۇشنىڭ ئورنىغا مارافۇنچە شۇئارغا ھېرىس بولىدىكەنمىز.
قورال ئارقىلىق مۇتلەقلىق ئىشقا ئاشمايۋاتقان بۈگۈنكى زەھەر ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش ئەمىليىتى، خۇددى يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىمىزغا بۆسۈپ كىرىۋاتقان ئەخلەت يىمەكلىكىنىمۇ بەرىبىر تۈگىتەلمەيدۇ.
چۈنكى ‹‹ئېھتىياج بوشلىقى›› كىشىلەر نەزىرىگە ئېلىنماي، باشقىلار تەرىپىدىن يۇقۇتىلىشى كۈتۈپ تۇرۇلغان جەمئىيەت خەتەرلىكتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 05:14 PM