asma0996 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 02:59 PM
.... سۆزنىڭ پەيغەنبەر ئەلەيۋەسسالامنىڭ ئىكەنلىگىنى ئې ...
مەن نىمە دەۋاتىمەن، سىز نىمە دەۋاتىسىز. ئىنكاس چۈشەنمەيدىغان خۇيىڭىز تېخىچە باركەن. مەن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېھرىگەرلىكنى چەكلىمىدى» دىمىدىم، «قۇرئان كەرىمدە سېھرىگەرلىك ھارام قىلىنمىدى» دىمىدىم، ياكى سېھرىگەرلىك قىلىش توغرا دىمىدىم. ئاۋۋال مىنىڭ گىپىمنى چۈشىنىڭ. مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىمەن.
مەن پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىستە تىلغا ئېلىنىپ چەكلەنگەن سېھرىگەرلىك بىلەن مۇنۇ تېمىدىكى سېھرىگەرلىك ئوتتۇرىسىدا پەرق بولۇشى مۇمكىن دىدىم. بىزنىڭ تىلىمىز ئەرەب تىلىغا ئوخشاش سۆز بايلىقى مول ۋە ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى تىل ئەمەس، شۇنداق بولغانىكەن بەزى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلغاندا سەئۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال، خۇددى ئەرەبچىدىكى نەزىر دىگەن سۆز بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى نەزىر دىگەن سۆزنىڭ باشقا-باشقا مەنىدە بولغىنىغا ئوخشاش.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەشۇ سېھرىگەرلىكنىڭ ھارام ياكى سېھرىگەرلىك قىلغان ئادەمنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلمىدىم، پەقەت بىز ئۇ سېھرىگەرلىكنىڭ ئۇقۇمى ۋە ئوبېكتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس بولغاچقا، ئۇ ھەدىسنى مۇشۇ يەردە قوللىنىپ، فىلىمدىكى ھېلىقى ئادەمنى كاپىرغا چىقىرىۋىتىشتىن ۋە شۇ ئارقىلىق بىھۇدە ئىختىلاپ ۋەكۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنايلى دىگەننى ئوتتۇرىغا قويدۇم. دىمىسىمۇ مەلۇم بىر ھەدىسكە تايىنىپلا ھۆكۈم چىقىرىش پەقەت ئازغۇنلىۇق، ھەم فىقھى ئالىملارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش مېتودى ئەمەس، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىزمۇ ئەمەس. شۇڭا بېرىلىپ بولغان ئېنىق پەتىۋا بولسا نەقىل ئېلىپ سۆزلەيلى، بولمىسا ھەدىسنى ئۆزىمىز بىلگەنچە تەپسىر قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقى چاچمايلى دىدىم.
باشقىلار كىتاب كۆرمىگەن بولسا، كىتاب كۆرۈشكە دەئۋەت قىلىڭ. بىلمىگەن بولسا ئۆگىتىپ قويۇڭ. خاتالىقى بولسا تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىڭ. مانا شۇنداق قىلسىڭىز ئىسلامنىڭ بۇيرۇغىنىنى ئادا قىلغان بولىسىز. بىرەر ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ گۇناھ ياكى ئەمەسلىكىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭغا قالپاق كەيدۈرۈش ھەتتا مۇرتەدكە چىقىرىۋىتىشتىن ئىھتىيات قىلايلى. چۈنكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاسانلاشتۇرۇش، قىيىنلاشتۇرۇش ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-1 03:55 PM