سەنجەر يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:28 AM
مۇشۇ ئالتۇننىڭ باھاسىنى قىزلار بىلەن باغلىۋالىدىغانل ...
قىزلارنىڭ باھاسىنى ئالتۇن بىلەن ئۆلچىمەيمىز، نۇرغۇن قىزلار ئىمانلىق ياخشى يىگىتلەر بولسا تويلۇق بەرمىسىمۇ توي قىلىشقا رازى، بىراق ئەڭ مۇھىم مەسلە ئاتا- ئانىسىدا، مانچىلىك نەق پۇل، مانچىلىك ئالتۇن، ئۆي، خىزمەت.... دەپ، قىزلامۇ شۇ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىدىكەن. مېنىڭچە ھازىر بۇ ئىشلاردا خېلى زور ياخشىلىنىش بولۇۋاتىدۇ، ئاكامنىڭ تويىغا مەسلەھەتلەشكەندە، قىز تەرەپ: ئۆزۈڭلار بىلىپ قىلىڭلار، بىز تەلەپ قويمايمىز، بۇ سودا ئەمەس دېگەنتى. ئاكامنىڭ ئايرىم ئۆيىمۇ يوق، ھۆكۈمەتتە خىزمىتىمۇ يوق، ماشىنىسىمۇ يوق، ئەمدى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن چېغىتى.