ئالدىمدا نەچچە رەت ھىجايدىڭ كۈلدۈڭ،
بىلىمەن كەينىمدىن قىلىپسەن غەيۋەت.
ئۆزۈڭنى ئەر دەيسەن قىلقىڭغا باقماي
ۋىجداندىن ئەسەر يوق سۆزلىرىڭ ھەيۋەت.
قىلساڭمۇ نامەردلىك كەچۈردۈم نەچچە،
دوست دېدىم يامانلىق قىلمىدىم خەخچە.
ئۆزۈڭنى تىپىلماس چاغلىدىڭ شۇدەم
دەردىمنى مەيداندا سۆزلىدىم خەتچە.
ئالدىمدا يالغاندىن ھىجايغىنىڭدا،
كۆزۈڭدىن نەچچە خىل نەيرەڭنى كۆردۈم.
تۈزىلەر ۋىجدانى سوتلىغاندا دەپ
قۇلاقنى يۇپۇرۇپ ،ئۈن تىنسىز يۈردۈم.
بۇ يىلنىڭ ئاخرى كەتسۇن شۇ پىتى،
ئۆتۈنەي نامەردلەر ئەمدى تۈزەلگىن.
يىڭى يىل قوينىغا ۋىجدان بىلەن كىر
كوچىدا ئەركەكتەك مەغرۈر يۈرەلگىن ..
مەنبە: مۇھەممەد رېھىم ئابلىز ئوت
2012-12-29.23:44
كونىلار :”ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ،ئۆزگىنى شىر چاغلا “ دەپتىكەن . كونا ئىشلار كونا پىتى قالسۇن ،
سىنى كەچۈرگەنلەرنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرما. بۇجاھان ھىچكىمگە باقمايدۇ ، ئەتە دۇنيادا كىم بار ، كىم يوق ، بۇنىسى پەقەت بىر ئاللاھقىلا مەلۇم.