مەنمۇ ئازراق قوشۇپ قۇياي .يۇقىرىدا تورداشلار ئېيتىپ ئۆتكەندىن باشقا يەنە بېييجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىرۋېرسىتىنىڭ غەربى ئىشىكىدىن چىقسىلا بۇغدا دەپ بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ،ئادىرىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،بىز ئادەتتە پىيادىلا بېرىپ تاماق يەيدىغان .يەنە شۇ غەربى ئىشىكتىن چىقىپ ئوڭ تەرەپ يەنى شىمال تەرەپكە ماڭسا يەنە بىر ئوڭ تەرەپكە ماڭغان بىر كىچىك كوچا بار ،بۇ كوچىغا كىرمەيمىز ھە
، يەنە ئازراق ماڭساق يەنە بىر ئوڭ تەرەپكە يەنى شەرىق تەرەپكە ماڭغان كوچا بار ،بۇ كوچىغا كىرىپ ئازراق ماڭسىلا ئاماننىسا دەپ بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار .تاماقلىرى خېلى ئوخشايدۇ .يەنە بىرسى يۇقىردىكى تورداشلار دىگەن شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىغا يېقىن ،ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرمەي ،دەرۋازىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى كىچىك كوچىدىن كىرىپ 150 مىتىردەك ماڭسا بىر بولقا شەكىللىك كوچا بار ،بۇ كوچىدىن ئوڭ تەرەپكە يەنى شىمال تەرەپكە ئازراقلا ماڭسا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ،تاماقلىرى بەك ئوخشايدۇ .ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاشخانىغا كىرسەك خۇددى ئۇيىمىزگە كەلگەندەك ھىسياتتا بۇلاتتىم . دىيارىمىزدىن بېيجىڭغا ساياھەتكە ياكى ئىش بىجىرگىلى بارغانلار ئادەتتە شىنجاڭ ئىش بىجىرىش ئورنىغا بارىدىكەن .