مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

توي تاماششالار چۈشكە يۇزلىنىۋاتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 03:32:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇللۇقلارنى پۈتۈﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﭙﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪﻡ ، ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﯩﻘﻜﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ !
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﻧﮕﺎﺭﺗﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﮬﻪ !!!

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1013 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 11:02:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ھەممە يەردە تويغا ئەتتىگەندە چاقىرىپ زىياپەت بىرىدۇ ، ئەمدى ۋىچىركا دىگەن بىرنىمە بارغانچە چوڭلاپ ، كونىلارنىڭ كىتىپ قېىلىشى بىلەن ئاستا ئاستا رېستۇرانلاشقان ئادەملەر توللاپ كەچلىك توي زىياپىتى ئاساسى ئورۇننى ئىگەللىگەن ، مانا ئەمدىلىكتە ئاشۇ كەچلىك زىياپەتنى چۇشكە ياكى ئەتتىگەنگە ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان ئوخشايمىز .

مەن قاراپ باقسام ياشلارمۇ توينى ھاراق بىلەن قىزىتىپ زورمۇ زور كەچىلىكى ۋىچىركا قىلىشتىن زېرىكىپ قاپتۇ . بۇنىڭغا ئامال يوق ،مەلۇم بىر نەرسە ئۇزۇنغىچە تۇرىۋەرسە خەلىقتە زىرىكىش پەيدا قىلدىغان گەپ ، ھاراقمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئۇنۇڭدىن ،سەھەردە ياكى چۇشتە ياش قېرى چوڭ كىچىك ۋىچىركا پىچىركا دەپ ئايرىماستىن ، ناھايىتى پاكىز ئۇزاتسا بەلەن بولىدىكەن .

ئاندىن تويلاردا چېلىش قىلىش ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ھاراقتىن ئىبارەت ناچار سۇپەتلىك ئايلىنىشىنىڭ ئورنىغا چېلىشتىن ئىبارەت ياخشى سۇپەتلىك ئايلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۇرۇش تولىمۇ ئاقىلانىلىك ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5270
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 11:05:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«توي تاماششالار چۈشكە يۇزلىنىۋاتىدۇ»دېگەن تېمىنى كۆرۈپ،ئۇخلىغاندا كۆرىدىغان چۈشنى ئېسىمگە ئېلىپ، بۇ نېمە دېگەن گەپتۇ دەپ،يۈگرۈپ كىرىپتىمەن،ئەسلىدە مۇنداق گەپ ئىكەندە؟راست،چۈشتە توي مەرىكىسى ئـۆتكۈزسە ئىسراپچىلىق بولىدىكەن،بىز تەرەپلەردىمۇ بەزى تويلار 12،11لەرگە ئېيتىلىپ،ئۆتكۈزۈلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مېھمانلار ئۆيىدە چۈشلۈك تامىقىنى يېمەستىنلا كېلىپ،تويغا قاتنىشىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تاماقلارمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.ئەمما بەزىلەر سائەت 1:00،2:00لەرگە مېھمان چاقىرىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مېھمانلار ئۆيلىرىدىن تاماق يەپ كېلىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن تويدىكى تاماقلار شۇ بويىچە دېگۈدەك يېيىلمەي قېلىپ ئىسراپ بولىدۇ،شۇڭا ،مېنىڭچە توي-تۆكۈنلەرنى قىلغاندا ئىسراپچىلىق قىلىماسلىقنىمۇ ئويلۇشىشىمىز كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:03:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېگىنىڭىز بەك ئۇرۇنلۇق گەپ جۇمۇ

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99550
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 857
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 08:57:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ توي -تۆكۈننى قانچىكى ئاددىي ساددا ئۆتكۈزۈپ بىزۈرۈر چىقىملارنى ئازايىتسا  تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ  كىينكى تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى بۇلارمىكىن دەيمەن !
توينى «ئۆمرۈمدە بىر بۇلىدۇ » دەپ ھارماي قەرىز ئېلىپ  توي قىلىپ تويدىن كىيىنلا قەرىز قايتۇرغۇچە چىراي تاتارتىپ يۈرۈش پەقەتلا ئەرزىمەيدۇ !


بۇ تىمىڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىددىيە ناھايتى ياخىشى ئىكەن .دىمىسىمۇ نىمە پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاپ بېقىش كېرەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 11:16:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 11:59:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرلىق توي قىلسا ناماز بامداتتىن كېيىن بىرنەچچە مەسچىدنىڭ جامائېتى بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەتىگندە كەلگەن ئەر جامائەت مىۋە-چىۋە بىلەن پولولا يەيدۇ، يەرلىك سازەندىلەر چاڭ كەلتۈرىۋېتىدۇ، بۇنداق خالىس نەزىرگە پۇل كەتمەيدۇ، باغاق تەگسە كېلىدۇ، بولمىسا كەلمەيدۇ، بۇنداق سورۇن ئادەتتە ئېسىل بىزەلگەن چايخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ بىر ياخشى تەرەپ.
لېكىن چۈشتىن كېيىنكى رېستۇرانغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان پۇل كېتىدىغان زىياپەتكە-زە، سائەت 2گە چاقىرسا، 4 تە، 4 كە چاقىرسا، 6 دە پەيدا بولىشىدۇ، ئاياللار قانچە كېچىكىپ كەلسە، شۇنچە ئەتىۋارلاپ تۆرگە (ئۇدۇلغا) باشلايدۇ، ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىسراپچىلىق بەك ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 12:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 12:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
basut يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 11:05 AM
«توي تاماششالار چۈشكە يۇزلىنىۋاتىدۇ»دېگەن تېمىنى كۆر ...

چۈشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ دىسە، مەنمۇ قۇرۇق خىيالغا يۈزلەنگەن ئوخشايدۇ، دەپقاپتىمەن تېخى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1980 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 12:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توينى قايسى ۋاقىتتا بەرسە مەيلى ئەمەسمۇ .
   ئاتۇشتا ئاساسەن رىستۇراندا توي قىلمايدۇ ،سەۋەب ئوغۇل تىپىپ ئۆلەيدىغان ،قىز تىپىپ چىقىرىدىغان كىشى  تويغا يارىغۇدەك قىلىپ ناتۇنۇش يەردە بىر ئۆمۈرلۈك ‹ئۈمۈر سودىسى›نى قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ .توي پۈتۈنلەي ئائىلىدە بولىدۇ ،ئەگەر تۇققانلىرىڭىز ئاز،جەمەتىڭىزدىكى تۇققانلار ،دوست بۇرادەرلەر ئاز بولسا رىستۇراندا قىلسىڭىزمۇ ،ھەجەپ ئانداق قىپتۇ دىمەيدۇ .
بۈگۈن مەن  توي قىلماقچى بولسام باغاقنى قازان ئاسقانغا دەپ تويدىن بىر كۈن بۇرۇن چۈشتىن 4-5لەرگە يازىمىز كىچىچە توي قىزىتىمىز ،تويلاردا زامانىۋى سازلار بىلەن مىللى سازلار ئورۇنلىنىدۇ ،ئۇسۇلغىمۇ تەرتىپ بىلەن چۈشىدۇ .مەسىلەن :مەھەللە ياشلىرى ،يېگىت دوستلىرى ،سىرتتىن كەلگەن ياشلار ،ساۋاقداشلار ،تۇققانلار ،ئاتا-ئانا،ئاتا-ئانا قىرىنداشلىرى بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ توينى بەك قىزىتىدۇ .ئالدىراپ ئاخىرلاشقانلىرى بىرلەر بىلەن ،سەل كىچىككەنلىرى كەچ ئۈچلەرگىچە داۋاملىشىدۇ .ئەتىسى ئەتىگەندە قىزنى كۆچۈرگىلى بارىدۇ .ئالدى بىلەن دادا بولغۇچى يۇرت چوڭلىرى ،تۇققانلارنى باشلاپ قۇدا تەرەپنىڭ ئالدىن ئۆتىدۈ .ئاندىن ياشلار يىگىتنى قىز  كۆچۈرىدۇ .قىز كۆچۈرىلگەندىن كىيىن ،قىز تەرەپ ‹‹بوخچا››ئىلىپ تويلۇقنى سالىدۇ .بۇ جەرياندا ئاتۇش ناخشىللىرى ،مىللى ناخشىلار ئۈزۈلمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ھىسابتا توي 2كۈن ئۆتلۈزىلىدۇ .توينىڭ ئالدى كەينى بولۇپ ئون نەچچە كۈن كىتىدۇ ،ئىسسىقلىق ،چىلاق(ئوغاللىق ،قىزلىق ئايرىم -ئايرىم ئالدى كەينى بولۇپ ئۈتكۈزىدۇ )ئىشنى قىلىپ توي مۇۇشنداق ئۆتىدۇ .مەن جەنۈپتا 7ساۋاقدىشىمنىڭ شىمالدا(ئاساسەن غۇلچا)4توي كۆردۈم ئاتۇش تويلىرىدەك قىزىمايدىكەن .غۇلجىنىڭ قىزىيدىكەن لىكىن بىز جەنۈبلىقلارغا نىسبەتەن ئۇنداق مەسلىھەت چاي ماس كەلمەيدىكەن .سەللە دىققەت قىلمىسىڭىز بومباردىمانغا ئۇچرايدىكەنسىز ،سەل ئىلمىيرەك چاقچاقچىللىرى ياقا يۇرتلىقلارغا ئو چقارمايدىكەن ،لىكىن ......
  مەنچە ھازىرقى چىقىۋاتقان پەتېۋالار ئۇيغۇر تويلىرىنىڭ  ناخشا-ئۇسۇللۇق بولىشىنى توسىۋاتقان بولسىمۇ ،لىكىن توي تويدەك بولىشى كىرەك .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 11:22:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.  بىز.  تەرەپلەردە بالا تۇغۇلسا يەتتىنجى كۈنى ئەقىدە دەپ بىر خىل ئەتىگەندىلا مەسچىتتىن جامائەتنى چاقىرىپ يا نەزىرگە ئوخشىمايدىغان يا مەرىكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ ئۆتكۈزىۋاتىدۇ....بۇنىڭغا قولۇم قوشنىلارۋە ئۇرۇق تۇققانلاردىن ئاياللارمۇ قاتنىشىدۇ....سائە ت ئونلارغىچە تۈگەيدۇ. سوۋغات سالاملارنى ئاساسەن ئالمايدۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش