مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

6- قېتىملىق ئىلىم چېيىدا‹سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 01:44:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 04:16 AM
ئەھمىيەتلىك چاي بوپتۇ . مۇنازىرنىڭ چىكى يوق . بىلىمدارل ...

سىزچە ئەھمىيەتلىك چايدا بىلىمدارلار قانداق يىغىلسا بولار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 01:47:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman7 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 10:48 PM
چوقۇم بىر پىسخولۇگمۇ بولىشى كېرەك سېپىڭلاردا.

     سىز ماۋۇ «پىسخولۇگ» سىپىڭلاردا بولسا بولاتتى دەپ بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ باقسىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79465
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 01:50:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 09:43 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!
6-قېتىملىق ئىلىم چېيىمۇ بەكمۇ ئەھم ...

ئىلىپ بىرىلغاننى كۆرگەندىن كېيىن سىزدە قايسى تەرەپلەر باركەن؟ نىمىلەر يوقكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:28:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر دوستۇمدىن ئىلىم چېيى ھەققىدىكى سۆھبەت فىلىمىنىڭ مىسرانىم تورىدا قويۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇزۇندىن بېرى خىزمەت ھەلەكچىلىكى سەۋەبلىك مىسرانىم تورىغا چىقالمىغانىدىم. بۇنداق ياخشى بىر خەۋەرنىڭ ئۇچۇرى بىلەن مىسرانىم تورىغا چىقىپ بىر قانچە قېتىملىق ئىلىم چېيى فىلىمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. بىرىنچى تەسىراتىم سۆيۈنۈش!!!
  مەن بۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك يىغىلىشنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى بۈگۈنكىدەك كىرزىسقا پېتىپ كېتىۋاتقان رىئاللىقىمىزدا، كىملىكىمىز ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارىدىم. زۇلپىقار بارات ئاكىمىزنىڭ مۇساپىرەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىپلا موشۇنداق بىر سورۇن ئارقىلىق ئىلىمخۇمار ياشلارغا دەرس بېرىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. شۇنداقلا تور ۋاستىسى ئارقىلىق بۇنىڭدىن ۋاستىلىك نەپ ئالدىم. شوڭا موشۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئىلىمخۇمار ياشلارغا ۋە خالىس خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا، مىسرانىم توردىكى خادىملارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
  مېنىڭچە، مەزكۇر ئىلىم چېيى ئۈرۈمچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئويغاق زىيالىيلىرىمىزنى كۆپرەك توپلاپ، تېما سۆھبەت تېما دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ قارىدىم. ئۆز نۆۋىتىدە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىنىڭ ئامېرىدىكى ئىزدىشلىرى ھاسىلاتلىرىنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك تەتقىقات ۋە سۆھبەت تېمىسى بولالايدۇ. مۇمكىن بولسا زۇلپىقار بارات ئاكىمىز بۇ ھەققىدىمۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق توختىلىپ ماڭسا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلىم چېيىدىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىپ تۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمىز.
  ئۈمىد كۈتۈش ئەلۋەتتە ئۈمىد پەيدا قىلغۇچىنىڭ تۆھپىسىدۇر. سىلەرنىڭ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە موشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك يىغىلىشنى تەشكىللىگىنىڭلار يىراق سەھرادىكى تورداش دوستلىرىڭلاردا تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى تۇغدۇردى. ھارمىغايسىلەر!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىلىم چېيى ھەققىدىكى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى تەسىراتىم يەنىلا سۆيۈنۈش!
  بىزدە سېرىق يومۇرغا كۆمۈلۈپ كېتىدىغان، ھاراق-شاراب بىلەن ئۆزىنىڭ گىرادۇسىنى تەڭشىۋېلىپ لاۋزا پاراڭ سورۇنىغا باغلىنىپ كۈنلىرىنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزىۋېتىدىغان تالاي ئولتۇرۇشلار بار. بۇنداق ئولتۇرۇش ۋە چايلاردا كىشىگە مەنىۋى جەھەتتىن نەپ بەرگۈدەك بىرەر ئەھمىيەتلىك تەرەپ يوقنىڭ ھىسابىدىلا.  ئەكسىچە، بۇ خىل ئولتۇرۇش ۋە چايلار غەيۋەت-شىكايەت چېيى، قورساق كۆپۈكىنى بوشۇتۇش چايلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئەھۋاللار بار. ئەمما بۇ ئىلىم چېيى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغان ئەھمىيىتى بىلەن ئالقىشقا مۇيەسسەردۇر. قورساق دىگەن گېزى كەلسە بىر نانغىلا تويىدۇ. ئەمما بىز نۆۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئاچلىقىمىزنى تولدۇرۇشقا بەكرەك مۇھتاجمىز. مەنىۋى جەھەتتىكى ئاچلىق ۋە نامراتلىق بىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ۋە سەۋەنلىكلەرنىڭ بېشىدۇر. ئەلۋەتتە، ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەستۇر. ئىنساننىڭ خاتالىقى ئەزەلىيدۇر. بۇ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىغا باغلىنىدۇ. ئەمما، سەۋەنلىك ھەققىدە ئويلانماسلىق ۋە ئۇنىڭ داۋام قىلىنىشى ئەخمەقلىقتۇر. مەن ئىلىم چېيىدىكى ئەھمىيەتلىك ئۆگۈتلەردىن خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشتىم دەپ قارايمەن.
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:43:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىلىم چېيى ھەققىدىكى فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى تەسىراتىم يەنىلا سۆيۈنۈش!!!
  بۇ ئىلىم سۆھبىتىدە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كىتابخۇمار دوستلارغا ياخشى كىتاب ئۇچۇرى بېرىلىدىكەن. مەنمۇ موشۇ قېتىملىق ئىلىم سۆھبىتى ئارقىلىق «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز» ناملىق كىتاب ئۇچۇرىغا ئىگە بولدۇم. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، مۇمكىن بولسا كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتلەردە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، «مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»، يالقۇن روزىنىڭ «ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى»، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، ئاندىن ئۇيغۇر رىئاللىقىدىكى بىر قىسىم رىئال مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەرنى ئويۇشتۇرۇپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەجرىڭلار يەردە قالمىغاي!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 329
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:58:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مېنىڭچە بىز ھىسسىيات تىپى ئېغىر پىكىرلىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىزغا ھوجۇم قىلىشتىن ساقلانساق ياخشىمىكىن!!! توپ تارقىتىش بازىرىدىن پايپاق ئېلىپ ساتىدىغان يايمىكەشمۇ مۇۋاپىق پايدا ئالمىسا قولىدىن شۇ پايپاقنى چىقارمايدۇ، چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە پۇل بولمىسا ئاچ قالىدىغان بىر رىئاللىق بىزنى ھامان كۆرەش ىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ بىر رىئاللىق. ئاچقان قورساققا شېئىر ياقمايدۇ، ئاچقان قورساققا داڭلىق روماننىڭ، تېتىملىق يازمىنىڭ لەززىتى تېتىمايدۇ!!! شوڭا، زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغانلاردىن مۇۋاپىق ھەق تەلەپ قىلىشىنى بەك ئەيىپلەپ كەتكىلى بولماس.  چۈنكى، بۇ ئىلىمنىڭ تاۋارلىشىشىدۇر. چۈنكى، بۇ ئىلىمنىڭ قىممەت يارىتىشىدۇر. ئەگەر زىيالىيلىرىمىز مەنىۋى توقلۇقى بىلەن قورساق توقلۇقىنى قامدىيالىسا ئىدى، چوقۇم ھەق تەلەپ قىلماس ئىدى. ئىشقىلىپ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىمىزدا پاراۋۇز بولۇپ كېلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزغا سەزگۈرلۈكىمىز ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇئامىلە قىلماستىن ئۇلارنىڭمۇ قايغۇ ۋە ئازابى، قىيىنچىلىقلىرى بار ئىنسان، ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىساق!!! بۇ شەخسىي پىكىرىم خالاس. قارشى چىققۇچىلار بولسا بۇ ھەقتە ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق بولىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101417
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-12-28
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 01:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
g-0 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 09:31 PM
**** يازغۇچى چەكلەنگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، مەزمۇن ئاپتومات ...

بۇ كىتاپنى مەنمۇ شۇنداق ياقتۇرمەن ، ھەم  ئادەم مىجەزىنى تەڭشەيدىغان  مەنىۋى دورىغا ئوخشىتىمەن . رەخمەت سىلەرگە .

ئويغان1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100805
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 06:12:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BAGWAN01 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 07:26 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ،بۇ قېتىملىق چاي سۆھبەتم ...

شۇ  مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم    دەپ بىرىڭلارچۇ

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15312
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9549 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 01:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 10:50 AM
ئىلىم چېيىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھازىرقىدەك ياخشى  ...

بۇ قېتىمقى چايمۇ بۇرۇنقىدەك شۇنداق مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ، تولىمۇ سۇيۈيۈندۈم. چاينى ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
تەكلىپ: 1. چاي ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كىيىنىش- ياسىنىش، يۇرۇش- تۇرۇش، گەپ- سۆزلىرىدە «مىللى كىملىكى» يەنىمۇ گەۋدىلەنسە. يەنى، ئاددىسى چاي ئەھلىنىڭ تۇنۇشتۇرۇلغان چاغدىكى سالام بىرىش قىياپىتىگە ئەھمىيەت بىرىلسە.
2. پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئىمكان بار ئانا تىلمىزنىڭ پاساھەتلىكلىكىنى يەنىمۇ نامايەندە قىلسا.
3. چاي سورۇنىنى رىستۇران ئايرىمخانىسىدىن يەنە باشقا سورۇنلارغا(مەسىلەن، ئۆيگە) ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ كۈرۈلسە.

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش