مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ahsaxum

مەن پەقەت سېنىڭلا سارىڭىڭ ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100383
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2014-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 03:59:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام!!! ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ... ۋەقەلىك قۇرۇلمىڭىز، بايان ئۇسلۇبىڭىز، پىرسۇناژلار ئوبرازىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. بىراق ھېكايىدە ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن مۇئەييەن تەسەۋۇر بوشلۇق بولىشى كېرەك، شۇندىلا ئوقۇرمەنگە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدۇ. سىزنىڭ بۇ ھېكايىنى بىرەر مەتبۇئاتقا سۇنۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن،
مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق تەھرىرلەپ باقتىم، كۆرۈپ باقارسىز، ياخشى چىقمىغان بولسا ئۆزۈرلۈكمەن...



مەن پەقەت سېنىڭلا سارىڭىڭ
ئاخسا شۇم
ھېكايە
ئۇنىڭ تۇغلىشىدىنلا نېرۋىسى سەل ئاجىز، ئاچچىقى كەلسە بىراقلا كېسىلى قوزغۇلۇپ، كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئالدىغا ئۇچۇرغاننى ئۇراتتى، چاقاتتى، بۇزاتتى. شۇڭا كىچىكىدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق دوستى بولمىغانىدى. ئۇنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوينىغۇسى، كۈلگۈسى، خۇشاللىققا جۆر بولغىسى بار.
ئۇمۇ باشقا بالىلاردەك مەكتەپكە كىردى، دەرىسكە قاتناشتى، ئۇ ئەقىللىق ئىدى، باشقا بالىلار ئۇنى كەمسىتىپ «ساراڭ» دېگەندە ئۇ ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئالدىراپ قارشىلاشمايتتى، تىلىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۋالاتتى.
ئۇ باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقىغا چىققاندا شەھەردىن بىر قىز يۆتكىلىپ كەلدى، ئۇ قىز باينىڭ بالىسى بولۇشىغا قارىماي ھالى چوڭ ئەمەس ئىدى، ھەممىنى ئوخشاش كۆرەتتى. شۇ قاتاردا «ساراڭ»نىمۇ ساق ئادەملەرگە ئوخشاش كۆرەتتى، پۈتۈن سىنىپتا پەقەت شۇنىڭ يېنىدىلا بوش ئورۇن بار ئىدى.
− ئەقىدە، مەن بالىلارنى بۇيرۇي سىزگە يېڭى پارتا، ئۈستەل ئەكىرىپ بەرسۇن − ئوقۇتقۇچى شۇنداق دېيىشىگە قىز سومكىسىنى كۆتۈرگىنىچە «ساراڭ» بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
− مۇشۇ يەردە ئورۇن باركەنغۇ، بولدى مۇئەللىم .
ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇنداق دىيشى بۇ قىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، دادىسىدىن پايدىلىنىش ئىدى، شۇنداق بولغاندا بۇ باي مەكتەپكە غەمخورلۇق قىلىپ كۆمۈر، قىشلىق كىيىم كېچەك بېرىشى مۇمكىن. دۆلەت قارمىقىدىكى بۇ مەكتەپكە چۈشكەن مەبلەغلەرنىڭ قايسى كادىرنىڭ قولىدا سورۇلۇپ تۈگەيدىغىنى ئېنىق بولسىمۇ، بېرەرسى سىرىتقا چىقىرالمايتتى.
− ئىسمىڭىز نىمە ؟ − ئەقىدە يېنىدا قوللىرىنى غەلتە قىلىۋېلىپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان، كۆزلىرىدە بىر خىل ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇرغان ساۋاقدىشىدىن سوردى.
− ئۇ دېگەن ساراڭ .
ئالدى پارتىدىكى بالا شۇنداق دىيشىگە سىنىپتىكى بالىلار كۈلۈشۈپ كەتتى، «ساراڭ» بولسا قولىنى غەلتە قىلىپ ئورۇندۇق ئاستىغا قاراپ ساناق ساناشقا باشلىدى.
ئەقىدە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن بۇ بالىغا قاراپ قويدى. ئۇ «ساراڭ»نىڭ ساناقنى ساناپ بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈشىنى كۈتمەكتە .
− ئىسمىڭىز نىمۇ ؟
− دېدىمغۇ ساراڭ .
− سېنىڭدىن سورىدىمما ؟ − ئەقىدە ئاچچىقىدا ئۇنى سەنلىمەكتە ئىدى − سورىمىغان سۇئالغا جاۋاپ بەرگەن ئادەمنى ساراڭ دەيمىز.
− ئىسمىڭىز نىمۇ ؟ − ئەقىدە سۇئالنى تەكرارلىدى.
− دىلشات − ئۇ قوللىرىنى غەلتە گىرەلەشتۈردى. ۋە ئەقىدەگە قاراپ − سىز مەندىن قورقمامسىز؟
−  نىمىشقا سىزدىن قورقىمەن؟ سىز يا ئادەم يىمىسىڭىز ؟
− سىنىپتىكى ھەممىسى مېنىڭدىن قورقىدۇ. ئۇلار «ساراڭ» دەپ مەن بىلەن بىرگە ئوينىمايدۇ، بىرگە ئۈگىنىش قىلمايدۇ. سىز راستىنلا مەندىن قورقمامسىز ؟
- قورقمايمەن.
ئەقىدە شۇنداق دېگىنىچە كىتاپ كۆرۈشكە باشلىدى. ئەقىدە دىلشاتنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى تۇنجى پارتىدىشى، تۇنجى دوستى ئىدى. دىلشات شۇ كۈنى بىر كۈن كۈلۈپ چىقتى، ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا «مېنىڭمۇ پارتىدىشىم بار بولدى» دەپ ۋارقىرىغۇسى كېلىۋاتاتتى.
ئەقىدەمۇ دىلشاتقا ھەيران قېلىۋاتقانىدى، دىلشاتنىڭ نېرۋىسىنىڭ ئاجىز بولۇشىغا قارىماي دەرسىلەرگە ئۇستىلىقىدىن، ئىنكاسىنىڭ تىز، كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ھەيران ئىدى. بولۇپمۇ دىلشات ماتىماتكىغا ئۇستا ئىدى، مىسالنى بىر تەرەپتىن يېزىپ بولغىچە يەنە بىر تەرەپتىن جاۋابىنى يېشىپ بولاتتى.
− دىلشات، ماڭا ماتماتكا ئۆگىتىپ قويامسەن ؟
ئەقىدە كېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىلا دىلشات بىلەن سەنلەشتى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، دىلشاتمۇ ئۇنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ، ئەقىدە كەلگەندە بىرگە ماڭاتتى. مەكتەپتىن قايتقاندا ئەقىدەنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ يېنىپ كېلەتتى.
− مەن ئۆگىتەلمەسمەنمىكىن، ئۆزۈم چۈشەنگەن يول بويۇنچە ساڭا چۈشەندۈرسەم بولماس، مېنىڭ چۈشەنگىنىم مۇئەللىمنىڭ ئۆتكىنى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
− ئەمسە بىللە ئۆگىنەيلى، سەن مۇئەللىمنىڭ ئۆتكىنى بويىچە يېشىشنى ئۆگەن، ئۆگىنىپ بولۇپ ماڭا ئۆگەت .
دىلشات شۇ كۈندىن باشلاپ ماتماتكا دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، چۈشەنمىگەنلىرىنى ئوقۇتقۇچىدىن سورىدى. ئۆزى چۈشەنگەن بويىچە يېشىش ئۇسۇلىنى سۆزلىگەندە ئوقۇتقۇچىمۇ تۇرۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ يېىشىش ئۇسۇلىنى خاتا دىيشىكىمۇ بولمايتتى، پەقەت كىتاپتا سۆزلەنگىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭ سورىغان سۇئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇردىغان، ئاچچىقلاپ ۋارقىرايدىغانمۇ بولىۋالدى.
ئۇلار باشلانغۇچنى تۈگىتىپ تولۇقسىزغا چىقتى، دىلشات خۇددى بىر نىمىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بولۇپ قالغانىدى، ئەقىدە تولۇقسىزنى ناھىيەدە ئوقۇماقچى ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى دىلشاتقا دېگەندە قوللىرىنى غەلتە كىرىشتۈرۈپ بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ نارازلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «سەنمۇ كەتسەڭ مېنىڭ يەنە دوستۇم قالمىغۇدەكتە؟» دېگىنىچە كېتىپ قالدى.
ئۇ پارتىداشسىز، دوستسىز ھالدا سىنىپتىكى يەككە بەگلىك بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنىلا بوش ئورۇن بار ئىدى.
ئۇ بىر نەچچە قېتىم يېنىدا ئەقىدە باردەك سۆزلەپ كەتتى. تېخى بەزى مىساللارنى ئۆزىچە چۈشەندۈرۈپمۇ كېتەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنىڭغا كۆنۈپ قالغىننى ھېس قىلماقتا ئىدى. بەزىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ خىيالمۇ سۈرەتتى، كىچىكىنە قەلبىدە زادى قانداق سېزىمنىڭ بولىۋاتقىننى بۇ «ساراڭ» ھېس قىلالمايتتى ئەمەس،  تەن ئالغۇسى كەلمەيتتى.
تولۇقسىزنى ئىككى ئاي شۇنداق يالغۇزلۇقتا ئوقۇدى، بىر نەچچە قېتىم ناھىيەگە بارغان بولسىمۇ ئەقىدەنى يىراقتىن كۆرۈپلا قايتىپ كەلگەنىدى. ئۆزىدەك بىر «ساراڭ» ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسە يۈزىگە سەت بولدىغىننى بىلەتتى.
تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقنى تۈگىتىپ ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا ئەقىدە قايتىپ كەلدى، ئەقىدە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ دىلشات بار سىنىپقا ئالماشتى ۋە دىلشاتنىڭ يېنىدىكى بوش پارتىدا ئولتۇردى. دىلشات شۇ كۈنمۇ تولۇق بىر كۈن كۈلۈپ چىقتى.
ئەقىدەنىڭ كىرىپلا بىر ساراڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىغا سىنىپتىكى بەزى ئوغۇللار ئاچچىقى كېلىپ، ئەقىدەگە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرماسلىقىنى، ئۇنىڭ ساراڭلىقىنى ئېيتتى. بىراق بۇ گەپلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ چىقمايتتى.
ئەقىدەگە بېرەرسى يامان گەپ قىلسا، ئاچچىقلىسا، چىشىغا تەگسە، خاپا قىلسا بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن بېرەر يېرى ئىششىپ ياكى كۆكۈرۈپ قالاتتى ۋە ئەقىدەدىن ئەپۇ سورىغىلى كېلەتتى.
تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇقتا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئېلىندى، ئەقىدە ئۆتەلمىسىمۇ ناھىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغىنى ئېنىق، شۇڭا ئۇ دىلشاتتىنلا ئەنسىرەيتتى. ئۇ دىلشاتنىڭ ھەر قايسى يېزا مەكتەپلىرىگە بېرىلگەن ئەللىك ساننىڭ ئىچىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى .
نەتىجە ئېلان قىلىنغان كۈنى ئەقىدە ھەممىدىن بۇرۇپ چوڭ دوسكا ئالدىدا نەتىجە كۆرۈشكە باشلىدى. قىستا – قىستاڭدا ئۇ مىڭ بىر جاپادا ئەڭ ئالدىغا ئۆتتى. «نىمە قىستايدۇ، ما مىكىجىن» يېنىدىنلا چىققان ئاۋازدىن ئەقىدە ئۆزىگە قارتىپ دەۋاتقىننى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ داۋاملىق قىستالدى. چۈنكى ئۇ تىزىملىك ئارىسىدا دىلشاتنىڭمۇ ئىسمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ خۇشال بولدى، تىزىملىكتە دىلشاتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى. ئۇ ئىشنەتتى، دىلشاتنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشنەتتى. ئۇ شۇنداق ئىشەنسىمۇ يەنىلا ئەنسىرەيتتى، نەتىجىنى كۆرگۈسى كېلەتتى .
− سېنىڭ ئىسمىڭ يوققۇ ؟ − يېنىدىنلا چىققان تونۇش ئاۋازدىن ئەقىدە چۈچۈدى، دىلشات يېنىدا تۇراتتى .
− مەن قانداقمۇ ئەللىكنىڭ ئىچىگە كىرەلەي ؟
دىلشات يەنىلا بۇرۇنقىدەك قولىنى كىرىشتۈرۈپ ئېگىز كۆتۈردى ۋە بالىلار ئارسىدىن قىستالغىنىچە چىقىپ كەتتى.
− كىم مىكىجىن ؟ ئېيتە ھاراملىق !
توپ ئىچىنى يېرىپ چىققان ئەقىدە تۇرغان جايىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدى، دىلشات بىر بالىنىڭ چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇۋالغىنىچە ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۋاتاتتى. ھېلقى بالا ئەتراپىغا بىچارىلەرچە قاراپ، باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتاتتى. بىراق باشقىلار يېقىن بېرىشقا پېتىنالمايتتى، دىلشات تەلۋە ئىدى.
− بولدى دىلشات، ئۇنى قويۋەتكىن − ئەقىدە بېرىپ دىلشاتنىڭ قوللىرىدىن چىڭ تۇتۇۋالدى. دىلشات بارماقلىرىنى ھېلقى بالىنىڭ چېچىدىن ئاجراتقىنىچە يۈگۈرۈپ مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمۇ باشلاندى ئەقىدەنى دىلشات بار سىنىپقا بۆلگەنىدى. ئەقىدە سىنىپقا كىرگەندە دىلشات سىنىپتا يوق ئىدى. بىر ئورۇندۇقنىڭ بىكارلىقىنى كۆرگەن ئەقىدە ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئاساسەن شۇ يەرلىكىنى جەزىم قىلىپ ئولتۇردى. سىنىپتىمۇ بۇنىڭدىن باشقا بوش ئورۇنمۇ يوق ئىدى.
− ھەي بۇ يەردە بىر ساراڭ بالا ئولتۇرىدۇ. سىز ياخشىسى ئوقۇتقۇچىغا ئېيتىپ باشقا ئورۇندا ئولتۇرۇڭ.
ئەقىدە قاپاقلىرىنى چىڭ تۈرگىنىچە ئارقىغا قارىدى . بىراق ئارتۇق گەپ قىلمىدى، چۈنكى بۇ «مىكجىن» ۋەقەسىنىڭ باش قەھرىمانى ئىدى.
ئۇلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى، دىلشاتنىڭ قىزىقارلىق قىلىقلىرى، خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ چۈرۈك، ئوچۇق گەپلىرى، قوپال چاقچاقلىرى ئەقىدەنى كۈلدۈرەتتى، تېرىكتۈرەتتى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىمۇ يېقىنلاشتى، دىلشات بوي تارتىپ راۋرۇس بەردەم يىگىتكە ئايلاندى، ئەقىدەمۇ باشقىلارنى كۆيدۈرگۈدەك چىرايلىقشىپ كەتكەنىدى. دىلشات ئەقىدەنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋالدى، ئەقىدەنىڭ دەرستىن سىرىتقى كىتاپلارنى ئوقۇشىنى توستى. ئۇلار ئارزۇنىمۇ ئوخشاش تولدۇردى.
زارلانسىمۇ، قاخشىسىمۇ، تىللىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگىرىپ قالمايدىغان تەقدىر بۇلارغا ئىككىلا كۆزىدە قارىغانىدى، ئۇلار بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى .
ئەقىدە ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىنىپىدىكى بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. دىلشات بۇنى سېزىپ تۇراتتى، ئۇ ئەقىدەنى ياخشى كۆردىغىننى ھازىرغىچە ئاشكارلىمىدى، ئاشكارلاشنىمۇ خالىمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئەقىدەگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايتتى.
ئەقىدە بارا-بارا دىلشاتتىن يىراقلاشتى، سىنىپتا ئەقىدە بىلەن يەنە بىر يىگىتنىڭ بىر قاتار ياكى ئارقىمۇ – ئارقا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلغىنىغا ئۈن تىنسىز قاراپ تۇراتتى. ئۇ نىمە قىلالايتى، نىمىمۇ قىلالايدۇ…
− دىلشات، قاسىم ماڭا تەلەپ قويدى .
ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي جايىدىلا تۇرۇپ قالدى . بۈگۈن ئۇ ئاشكارلاشنى كۆڭلىگە پۈكتى .
− مەن سېنى ياخشى كۆرەتتىم
ئەقىدە دىلشاتقا قارىدى، ئۇنىڭغا قايتا-قايتا قارىدى .  
− دىلشات، سەن ياخشى كۆرۈشنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسەن؟ − ئەقىدەنىڭ نەزىرىدە ئۇ ياخشى كۆرۈشنى بىلمەيدىغان بىر مەخلۇق ئىدى .
دىلشاتنىڭ كېچە ئۇخلىماي ماتىماتىكا كۆرۈشى، ئۇنىڭ قېرىنداش قەلىمىنى ئۇچلىغىچە قولىنى نەچچە يەردىن كېسۋېلىشلىرى، قىشتا قوللىرى بىلەن ئۇۋلاپ، ئاغزىدا ھورداپ  ئەقىدەنىڭ قوللىرىنى ئىستىشى، ئاغرىپ قالغاندە مەكتەپ دورخانسىدىن دورا ئەكېلىپ بېرىشى، بىرگە تاماق يىگەندە قاچىسىدىكى ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئەقىدەگە بېرىشى،  يازدا ئۇنى كىتاپ دەپتەر بىلەن يەلپۈشى، ئۇنى توڭلىمىسۇن دەپ شىۋىرغالىق قاردا ئەقىدەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ مېڭىشى، باشقا يىگىتلەر ئۇنىڭغا سالام خەت يازغاندا دىلشاتنىڭ مەيدە كېرىپ چىقىپ ئۇلارنى يوقىتىشى، پويىزدا ئۆز ئورنىنى ئەقىدەگە بېرىشى، ئىششىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئۇۋلاشلىرى، ئۇخلاپ قالغاندا چاچلىرىنى مېھىر بىلەن سىيلاشلىرى… مۇھەببەت ئەمەسمىدۇ؟
ئەقىدەدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىقتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. دىلشاتمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى.  ئۆزىنىڭ ئەقىدەنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىشىنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇ بىر ساراڭدە .  
بىر كۈنى قاسىمنىڭ يېقىن دوستى دىلشاتنى ئىزدەپ قاسىمنىڭ بۈگۈن كەچ ئەقىدە بىلەن ياتاق ئېچىپ، ئەقىدەنى بۇلغاپ بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى دەپ بەردى.
دىلشات ئۇلار بار مېھمانخانىنىڭ بەشىنجى قەۋەتكە قانداق چىققىنىنىمۇ بىلەلمەي قالدى، ئۇ ھاسراپ كەتكەنىدى، تۇيۇقسىزلا يېنىدىكى ياتاقتىن ئەقىدەنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، دىلشات ياتاق ئىشكىنى ھەر قانچا ئىتتىرىپمۇ ئاچالمىدى، مىھمانساراي خادىمى ئىشنىڭ يامانلىقىنى پەمىلىدى بولغاي قولىدىكى كارتىسى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى .
دىلشات ياتاق ئىچىگە كىرگەندە ئەقىدە يېرىم يالىڭاچ ھالدا تۈگۈلگىنىچە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى ئۇ دىلشاتنى كۆرۈپ يۈزىنى توسۇۋالغىنىچە يىغلاپ كەتتى، قاسىم دىلشاتنىڭ كىرگىننى كۆرۈپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمىدى، ئۇ ئانىسىدىن تۇغما ھالەتتە تۇراتتى .
دىلشات «ئىپلاس» دەپ ۋارقىرغىنىچە قاسىمنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ ياتاق دېرىزىسىدىن چۈشۈپ كەتتى.
* * *
دوختۇرخاننىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىققان دوختۇر ئەقىدەنىڭ بېشىغا كەلدى .
− ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىۋېلىڭ.
ئەقىدە يۈگۈرگىنىچە جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە كىردى .
− ئەقىدە − دىلشات شۇنداق دىيشىگە ئاغزىدىن لىققىدە قان ساقىپ ئاستىغا سېلىنغان ئەدىيالنى قېپقىزىل بويىدى − سېنىڭ سارىڭىڭ ئەمدى سېنى قوغدىيالمايدىغان ئوخشايدۇ، بىلەمسەن؟ مېنىڭ پەقەت بىرلا ئارزۇيۇم بار ، ئۇ بولسىمۇ ساڭا چاكار بولۇش… بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمىغۇدەك، مەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما سەن ئۈچۈن ئوت دېڭىزىغا كىرىشكىمۇ رازى، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما سەن ئۈچۈن بارلىقىمدىن كېچەلەيمەن. بىراق بۇندىن كىيىن بۇنداق قىلالمايدىغان بولدۇم. مېنى كەچۈر ئەقىدە .
دىلشات قان يۇقى قوللىرى بىلەن ئەقىدەنىڭ يۈزلىرىنى چاچلىرىنى قايتا سىلىدى، پۈتۈن مېھرى بىلەن قايتا-قايتا سىلىدى. ئۇنىڭ قوللىرى ئەقىدەنىڭ چاچلىرى ئارسىدا قېتىپ قالدى .
دىلشاتنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئەقىدە يەرلىكتىن چىققىلى ئۇنىمىدى بىر نەچچە ئەر كىشى تارتىپ چىقارغاندىن كىيىنلا ئۇ دىلشاتنىڭ باش تەرپىنى تۇتۇپ تۇرۇپ
− خاتىرجەم ياتقىن، سېنىڭ سارڭىڭ ساڭا ئۆمۈر بويى ھەمراھ، پەقەت سېنىڭلا سارڭىڭ – دېگىنىچە قەبرىستانلىق ئىچىدە غايىپ بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دىلشاتنىڭ يەرلىكى ئىچىدىن تېپىلدى، ھېچكىم بۇ جەسەتنى كېپەنلىمىدى، مىيىت نامىزىنىمۇ چۈشۈرمىدى، بەلكىم ئەقىدە ئۆزىنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بولغان بولسا كېرەك.

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 05:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 05:32:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم،
تىما ئىگىسىگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 05:37:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئۇنىڭ جەسىدى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دىلشاتنىڭ يەرلىكى ئىچىدىن تېپىلدى ، بىراق ھېچكىم بۇ جەسەتنى كېپەنلىمىدى ، مىيىت نامىزىنىمۇ چۈشۈرمىدى ، بەلكىم ئەقىدە ئۆزىنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بولغان بولسا كېرەك ..........›  مۇشۇ ئاخىرقى جۈملىلەر تازا جايىدا بولمىغاندەك ھېس قىلدىم ! بىر نەچچە كۈندىن كېيىن دىلشاتنىڭ يەرلىكىنى ئىچىپ بېقىپ، ئاندىن ئەقىدەنى بايقىغان بولدىمۇ بۇ ؟؟ شۇنداق دېگەندىمۇ ئۇ قانداقلارچە يەرلىكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى؟ نىمە ئۈچۈن كىپەنلەنمەيدۇ؟ نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ؟ ھېكايىدە ئېيتىقىنىدەك ئەقىدە باينىڭ قىزى ئىدىغۇ؟ ئۇلار قانداقسىگە قىزىىنى بۇنداقلار ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ؟

مېنىڭچە، ‹ئۇنىڭ جەسىدى بىر نەچچە كۈندىن كىيىن دىلشاتنىڭ قەبرىسىنى قۇچاقلاپ ياتقان ھالەتتە تېپىلدى.› دەپ ئاخىرلاشتۇرسىڭىز ياخشى بولامىكى ...

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 05:39:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىن ئەسەر تىلى ئاددى ، چۈشىنىشلىك، مەزمۇنى كىشىگە تەسىر قىلىدىغان ياخشى ئەسەر بوپتۇ ! داۋاملىق ياخشى ئەسەرلەرنى بىزگە تەغدىم قىلىپ تۇرارسىز ! ئەجرىڭىزگە  رەھمەت !

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 07:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،بەك تەسىرلىككەن

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 09:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئىگەم بۇ مۇرادىغا يەتمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 09:56:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئىگەم بۇ مۇرادىغا يەتمىگەن ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!
ひyGんuR بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 10:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10149
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2317 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 10:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ھەقىقىەتەن ئىسىل ھىكايە  ئوقۇپ بولغۇچە گەرچە ئۆزۈم بىر ئەركىشى بولساممۇ يىغلاپ تاشلىدىم ھىكايىڭىز تولىمۇ چىن  چىقىپتۇ ھارماڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش