مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئىسىم فامىلە قويۇش چەكلەنمىسە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1221 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 02:59:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالنىڭ نوپۇسىنى ئالدىغان يەردە ئۇيغۇر بولماسلىق سەۋەپلىك ئىسىمنى خاتا يىزىپ قۇيۇش ئەھۋالى ئىغىر .
ھەتتا دوختۇرخانا تۇغۇت  ئسپاتى يازىدىغان يەردە يەنە شۇ خەنزۇ ئىسپات قىلدىغان بولغاچ ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى خاتا يىزىپ قۇيدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ .
خاتالىقنى ئۇ قىلسا كىيىن ئاتا ئانسى شۇ خاتالىقىنى ئۆزگەرتىپ بولالماي ئاۋارە بولىۋاتقان ئىشلارمۇ ماڭا كۆپ ئۇچرىدى .
مۇشۇ ئىشلار قىلىپلاشقان بولسا ياخشى بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1221 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ تەتەيخانلار ئەسلىدە ئۇيغۇر ئىسىم مەدەنيىتىنى چۈشەنمەيدۇ .

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15762
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8499 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە قېلىپلاشقىنى ياخشىمىكىن دەپ قارايمەن چۈنكى بەزى ئادەملەر ئىسىم قويسا، ئىسىمنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشرۇتۇپ كۆرمەي ئىسىمنى قويۇۋېرىدىكەن  .مەنسىلەن بىرسىنىڭ سۈپۈركىخان ،ئەخلەت توۋا مۇشۇ ئىىممۇ دەيمەن بۇمۇ بولسۇن دەيلى ئەلفىرە (بۇ ئىسىم ئەرەپ تىلىدا )چاشقان دىگەنلىك بولىدىكەن .خوراز دىگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم يەنە بىز بىلمىگەن غەيرى ئىسىملار بار بولىشىمۇ مۇمكىن.

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 03:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيەردە دىيىلىۋاتقىنى بىرقىسىم ئېغىز كەلمەيدىغان ئىسىملار بولسا كېرەك..............

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1296 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 04:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 766 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 04:56:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىسىم قويۇشقا ئكلچەم قويۇشنىڭ ھەم ئىجابىي ھەم سەلىبىي تەرىپى بار.مەن شۇ ئىسىم قويۇش قوللانمىسى دىگەن كىتابنى كۆرگەن.ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى بار.بۇنىڭدا ئاتا-بوۋىللىرىمىز بۇرۇندىن قويۇپ كىلىۋاتقان ئىسىملار ئاساسەن ئۇچىرايدۇ.يەنە ئىسىملارنى خەنزۇچە يېزىش قائىدىسى يەنى ئابدۇللا دىگەن ئىسىمنى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئاجىرىتىلغان شەكلى بۇيىچە قايسى ئا......قايسى بۇ...يېزىلىدۇ دىگەندەك سېلىشتۇرما جەدىۋەللەرىدىن تارتىپ بار.ھەقىقەتەن باشقا تىللاردىن بىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان ،خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئىسىملار يوق.مېنىڭ بالامىنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندىمۇ«ئىسمى بەك ئۇزۇنكەن...»(ئابدۇ تەۋپىق)دەپتىكەن،بالامنىڭ ئاتىسى«شۇنچە كۆپ ئۇچۇر پاتىدىغان كومپىيۇتېرغا نىمىشقا بالامنىڭ ئىسىمى پاتمىغۇدەك؟نوپۇسقا ئالمايمەن دەپ خەت قىلىپ بەر،ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن....»دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ يۈرۈپ نوپۇسقا ئالدۇرغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 05:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا - ئانا بولغۇچى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىسىم قويالمىساق بۇ بولمىغىنى ...بۇ ئىسىم قويۇشنىمۇ ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىر قېلىپقا سېلىۋالسا بارا - بارا ئىسىملارمۇ قېلىپلىشپ ئۆزىمىزياقتۇرىدىغان ، ياخشى كۆرىدىغان ئىسىملىرىمىز يوقاپ كېتەرمۇ ئەمدى ........ھەي بۇ ئىشلارغا نىمە دېگۈلۈك ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 05:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ قالدىم. تۆۋەندىكى تېمىنى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىكەن دەپ ئىككى قېتىم يوللىسام، ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئەخلەتخانىغا تاشلاندى. قېرىنداشلارنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سورايمەن.
------
   ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېغا ئىلتىماس قىلىڭ.

              ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزقىرىنداشلار، مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋەلى، مەن ئىتالىيەنىڭ تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتېدا ئېلېكترون ئېنژېنىرلىقىدا ئوقۇيمەن.يىقىندا مەن ئوقۇۋاتقان مەزكۇر مەكتەپ ماگېستېرلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغاچقا مەن بۇ ئۇچۇرنى ئىمكان قەدەركۆپرەك قىرىنداشلارغا يەتكۈزۈش نىيىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،يازمىدا بەلكىم ئىملا خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئالدى بىلەن مەكتىپىم توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.

مەكتەپ توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە:
           تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پىيېمونتې رايونىدىكى مەركىزى شەھەر تۇرىنغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرۇپاسانائىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ مەكتەپ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇرۇلۇشقاباشلانغان بولۇپ، 1859-يىلى ئەمىلى ئېنژىنىرلىق مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇمەكتەپنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 都灵理工大学،ئىنگىلىزچە ئىسمى:
          Polytechnic University of Turin . بۇمەكتەپ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرگەن سانائەت مەكتىۋى بولۇپ، بىناكارلىق،ماشىنسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە خەلىقئاراغا داڭلىق.تۇرىنداFerrari, FIAT قاتارلىق ماشىنالاھىلەش ۋە ياساش زاۋۇتى بار، ھەم ئامرىكىنىڭ ھەممىباب ماشىنسازلىق شىركىتىنىڭ دىزىل ماتور تەتقىتات مەركىزى بار. شۇنداقلا تۇرىن سانائەت ئۇنۋىرسىتىتې ئېنژىنىرلىق ساھەسىدە ئىتالىيەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى.

ئىنىستىتۇت ۋە فاكۇلتىتلار:
         مەكتەپتەجەمئې 7 ئىنىستىتۇت بار يەنى 2 بىناكارلىق ئىنىستىتۇت، 4 سانائەت ئىنىستىتۇت، 1دوكتۇرلۇق ئىنىستىتۇتى، 18 فاكۇلتىت بار. مەكتەپنىڭ تىخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىسلاردىن بىلەلەيسىز: http://www.baike.com/wiki/%E9%83 ... 5%E5%A4%A7%E5%AD%A6،
مەكتەپنىڭ تور بىتى: http://www.polito.it/index.php?lang=en
تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن بىلەلەيسىز:
باكلاۋۇرلۇققائائىت كەسىپلەر: https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
ماگىستېرلىق ئوقۇشقا ئائىت كەسىپلەر:
https://didattica.polito.it/pls/ ... nco=T&p_lang=EN
(ئەسكەرتىش: يۇقىرقى توربەتتە ھەر بىر كەسىپنىڭ قايسى تىلدا ئۆتۈلىدىغانلىقى شۇ كەسىپ نامىنىڭ ئارقىسىدا ئەسكەرتىلگەن.)
  ئەگەر سىز يۇقىرىدا دىيىلگەن مەلۇم كەسىپكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىن شۇ كەسىپتە ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەرنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيسىز: https://didattica.polito.it/pls/ ... it_new?p_a_acc=2014
بۇتوربەتنى ئاچقاندىن كىيىن Engineering ياكىArchitecture نىڭ ئاستىدىكى
1st level, 2nd level, Master دىگەنلەرنى باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپلەردە نىمە دەرىسلەرنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.

ئوقۇش راسخوتى ۋە مۇكاپات پۇلى:
          سىزمەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەكتەپكەتۆلەيدىغان ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتەلەيسىز. ئادەتتە ئوقۇش راسخوتىنى كىمەيتىشتىن بۇرۇن مەكتەپ 1800 ياۋرۇ ئەتراپىدا تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ،لىكىن ئادەتتە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ ئوقۇش پۇلىنى كىمەيتىشكەئىلتىماس قىلىدۇ، ھەم ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇش پۇلى كىمەيتىلىدۇ. ئادەتتە بىزگە نىسبەتەن ئوقۇش پۇلىنى كىمەيىتكەندىن كىيىن مەكتەپكە تۆلەيدىغان بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 365 ياۋرۇ ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى 3000يۈەن خەلىق پۇلى ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق چىقىم ياتاقنىڭ چىقىمى بولۇپ، ئادەتتە ئىيىغا كامىدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىدۇ، يەنى 1 يىللىق ئومۇمى چىقىمنى ھىساپلىساق نورمال ئەھۋالدا 35000 كويدىن 40000 كويغىچە پۇل كىتىدۇ.
         ئەمدى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك، ھازىر پېيېمونتې رايونىدىن بىرىلىدىغان EDISUئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، بۇ مۇكاپات پۇلى 3 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ياتاق، نەقپۇل ۋە مەكتەپ تاماق باھاسىدا ئىتىبار بىرىش قاتارلىقلار.  ئۇندىن باشقا يەنە ماركوپولو پىلانى(خەنزۇچىسى 马可波罗项目)دەپ دۆلىتىمىزنىڭ چىقارغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مەن ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:
http://international.polito.it/zh/node_1106/node_1170/node_1286
        سىز بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا يەنى EDISU غا مەكتەپكە تولۇق تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلالايسىز، ھەم ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا قاراپ ئۇلار ھەر بىر ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزىدۇ، ھەم ياتاق ۋەمۇكاپات پۇلىنى شۇ رەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ تارقىتىدۇ. ھەم كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتقاكۆپرەك ئىرىشىدۇ. شۇڭا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈن ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالىنى ئىمكان قەدەر تۆۋەن يازغان ياخشى. 2-يىلىدىن باشلاپ، بۇ مۇكاپات پۇلى سىزنىڭ مەكتەپتىكى دەرىسلەردىن ئالغان نەتىجىلىرىڭىزگە ئاساسەن بىرىلىدۇ. ئەگەر سىز1-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بولسىڭىز، 2-يىلى مەكتەپ بەلگىلىگەن نەتىجەئۆلچىمىگە يەتسىڭىزلا ئەسلىدىكى مۇكاپاتنى داۋاملىق ئالالايسىز.
        بۇ مۇكاپات پۇلى بىرىدىغان نەق پۇل 3300 ياۋرۇئەتراپىدا بولۇپ، ياتاققا ئىرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار قايتىدىن ئائىلە ئىقتىسات ئەھۋالىغا ئاساسەن رەتكە تىزىلىپ مۇكاپات پۇلى نامزاتىغا تاللىنىدۇ.
        ئادەتتە9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىپ 10-ئاينىڭ بىشىدا ياتاققا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاندىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا نەق پۇلغا ئىرىشكەن ياكى ئىرىشەلمىگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
      شۇڭا ھەر ئىھتىمالغا قارشى 4000 ياۋرۇ دىن 5000ياۋرۇغىچە نەق پۇل تەييارلاپ چىققان ياخشى.
       بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئېنجېنىرلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قىرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەزكۇرمەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. مەكتەپنىڭ ئىلتىماس ئاخىرلىشىش چىكى3-ئاينىڭ 20-كۈنى. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي توردىلا بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش ھەقسىز. ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تور بىتىدە تىزىمغا ئالدۇرىسىز،ئاندىن شۇ توربەت تەلەپ قىلغان ماتېرياللارنى تورغا چىقارسىڭىز بولىدۇ. بۇماتېرياللارنىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى مەكتەپكە كەلگەن چاغدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كۆرسىتىسىز.
  مەكتەپكە توردىن ئىلتىماس قىلىش ئادرىسى: http://apply.polito.it/index_en.html
بۇندىن باشقا، مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توربەتتىن بىلەلەيسىز:
http://page.renren.com/601424309/photo/6484143802#6484143798
ئەگەرئىلتىماس جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋە ياكى بىلەلمىگەن تەرەپلەر بولساتۆۋەندىكى ئىلخەت ئادرىسىغا ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ:
s184403@studenti.polito.it (ئابدۇۋەلى)
s192058@studenti.polito.it    (ئاتىكەم)
سالاملاربىلەن:
ئابدۇۋەلى.
2014-1-1

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
babur99 + 13 رەھمەت سىزگە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 23   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101355
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 06:05:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلقىنى ئەمدى ئاڭلىىشىم..........بالىىغا قانداق ئىسىم قويۇش ئاتا-ئانىنىڭ ئوزىنىڭ ئەركىنلىكى ئەمەسمۈ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88688
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 06:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئۆزەڭلىگە باغلىق  ‹‹ئاكام كىمنى ئالسا يەڭگەم شۇ ››دەپ ياشاشنىڭ ئورنى يوق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش