tiwep يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 12:40 AM
تىما ئىگىسىدىن سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ :
سىز دەپ ئۆتكەن ئات ...
ئوھ يامان يەردىن تۇتۇپسىز ئاپتورنى ....
مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم : ئەلۋەتتە ھازىرقى ئاقچىلار ، بالا ساتىدىغانلار ،قىزلارنى ئالداپ ئاياغ ئاستى قىلىدىغان پوق ساقاللار ، ئۆزىنىڭ قانچە قىزنىڭ ئىپىتىنى بۇزغانلىقىنى ئەركەكلىكنىڭ سىمۋولى دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان «ئەركەكلەر » لەرگە سېلىشتۇرغاندا ،ھىكايدىكى مەننىڭ ئۇگۈزەل قىز بىلەن شۇنچە پومداقلىشىپ يۈرۈپمۇ ،بىر تەستەك بىلەن ئېسىنى تېپىپ ،قىزنىڭ ئىپىتىنى بۇزمىغانلىقى ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا خېلى ۋىجدان بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لېكىن شۇنىڭلىق بىلەنلا بىز ئۇنى ماختىشىمىز ئەخلاققا قىلىنغان زور مەسخىرە ئەمەسمۇ ؟
، بىرجۈپ نىكاھسىز ئاشىق -مەشۇقلار بولۇشىچە ئىچىپ ،ئويناپ ، پەقەت «چەكلەنگەن مىۋە »يېيىشتىن باشقا كارۋات ئۈستىدە بولىدىغان ھەممە ئشىنى قىلغان ۋە ئاخرقى باسقۇچتا ھەرئىككسى تۇيۇقسىز نەپسىنى كونترول قىلۋالغان.
ئەجابا بىزنىڭ ئەخلاق -ئىتقادىمىز شۇدەرجىدە بۇزۇلۇپ، مۇشۇ ۋەقەلىك ئىنساپ ،ۋىجداننىڭ كۈچىدىن بولغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ،ماختىلىشقا سازاۋەر بولغىدەك
ھالغا كەپقالغانمىدۇ ؟ بۇ ئەخلاقنىڭ غەلبىسىمۇ ياكى تىراگىدىيىسىمۇ ؟
مىسالەن ھەممە ئادەم ئۆپكەراك ،ئاق قان كېسىلى ، ئەيدىز بولۇپ كەتسە ،ئۇچاغدا قان بېسىم ،قەن كېسلى ،يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغانلارنى،ئاۋۇ چوڭ كېسەللەرئالدىدا كىچىك ئىش ساناپ ساغلام ،تەندۇرۇس ئادەملەر قاتارىدا سانايمىزمۇ ؟