غورورلۇق ياخشى دەپ تاللىدىم سېنى
ئامىينە تۇرۇپ
مىنگىشىپ ئۈستىگە ئازاپ،ھىجراننىڭ،
يىراقتىن قارايمەن پىچىرلاپ سۆزلەپ.
يانمايمەن ۋە لېكىن دېگەن سۆزۈمدىن،
دۇنيادا بىر سېنى ياخشى دەپ كۆزلەپ.
تاللىدىم بىر سىنى ئەڭ ياخشىسى دەپ،
ھايات يۇلىمدا يۇلتۇزدەك چاقنىساڭ.
قىلىمەن سەپەرنى شۇڭا مەن داۋام،
كۈلدۈرۈپ،يىغلىتىپ پايانداز سالساڭ.
قىزىل گۈل رەڭگىدە بۇيىلىپ قەلبىم،
چېچىلدى مېھرىڭ ئۇپۇقتىكى قۇياشتەك.
ۋۇجۇدۇم پارلىدى ئۈمۈد نۇرىدىن،
گاھ ،قالسىمۇ زىمىستاندىكى قۇشتەك.
ئۈمۈدۈم پەپىلەر ئاھۇ پىغاننى،
ھەر بىر تال ھۆجەييەم توختىماي ئاخلاپ.
سۈكۈتلەر پايخانلار قارا تۈنلەرنى،
دۇنيادا بىر سېنى ياخشى دەپ ماختاپ.
مۇبارەك قەدىمىڭ يىتىپ تۇنۇشۇپ،
غورورلۇق،ياخشى دەپ تاللىدىم سېنى.
دولقۇنۇڭ كۆڭلۈمنى ئەتمىسۇن ماكان،
چىن ۋاپا ئىشقىڭدا ئايىغىن مېنى.
ئەقىدە، رىشتىمدە باغلارنى ياساپ ،
ساداقەت بابىدا باغلاي كەمەرنى.
ھەر سۆزۈم يۈرەككە بېسىلغان مۆھۈر،
ئۇنۇتما ھەر مىنۇت ئامىينە گۈلۈڭنى.
فاتىمە
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 05:19 PM