ئۈمۈدلىك كەلگۈسۈم ئۈچۈن
تىرىشچان ئەزا
سۈكۈتتىكى ئۆلمەس ئېسيانلار
مەن بىر تىكەنسىز گۈل، تىكەنلىرىم ھايات جەڭلىرىدە بىردىن بىردىن چۈشۈپ يوقىدى ، ئاجىز تېنىم بورانچاپقۇندا ئېگىلىپ ئېگىلىپ ،قاتتىق نادامەتتىن ئۈنسىز زار زار يىغلاۋاتىدۇ .يىراق ئۇپۇقتىكى مېنى كۈتىۋالماقچى بولغان سەن نىمىشقىكىن كۆز چاناقلىرىمدىن يۈتۈپ كەتتىڭ .بىركۈنلەردىكى تۇنجى ئۇچرىشىشلىرىمىز ھاياتىمنى ئۆزەمدىن نەچچە تەزدۈرىدۇ ، شۇ ئۇچرۇشىش بولمىغان بولسا بۇ جۇدالىقتىنمۇ خالىي بولارمەنمىدىم دەپ ئويلايمەن... ئاپئاق قارلار ئۈسىتىدىكى چوڭقۇر قالغان ئاياق ئىزلىرى بىلەن مۇھەببەتلىك شۇ ۋەدىلەر...نىمىە ئۈچۈنمۇ ۋەدىلەشكەنمىز ھە ؟ نىمە ئۈچۈنمۇ مەڭگۈ بىللە ئۆتىمىز دېيىشكەنمىز ؟ تەقدىرنىڭ كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرىشىدىن بىخەۋەر بەختىستاندا ئالدىن بەخت تەختىدىن ئورۇن زاكاس قىلغانىكەنمىز .جېنىم ، مېنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟ سېنى شۇنچە جاپادا قويغىنىمغا ، ساڭا قىلچە ياردەم قىلالمىغىنىمغا ، سېنى ئۇزىتىش شەرىپىگىمۇ ئېرىشەلمىگىنىمگە...مېنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟ ماڭا ئاخىرقى رەت خوش دېگىنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئەشۇ كۈلكەڭنى ، مېنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەبەسسۇم ئۈزۈلمەس شۇ چېھرىڭنى قانچىلىك كۈتكىنىمنى بىلەمسەن ؟ نىمە ئۈچۈن ماڭا يۈزۈڭنى بىر رەتمۇ كۆرسەتمەي كېتىپ قالىسەن ؟...ئويلاپ قالىمەن جېنىم ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە جاپالارنى سېلىپ بىزنى ئايرىپ تۇرۇپ سىناۋاتىدۇ دەپ ھەر رەت ئۆزۈمگە ئالەمچە تەسەللىي بېرىپ سېنى كۈتكەنىدىم ، ئەمما كىم بىلسۇن ،تەڭرىمنىڭ سىنىقى ھەرگىز سېنى مەندىن ۋاقىتلىق ئايرىپ تۇرۇش ئەمەسكەن ، بەلكى مەندىن مەڭگۈلۈك جۇدا قىلىش ئىكەن ئەمەسمۇ ...يۈرەكلىرىم بۇ ئەلەمگە چىدىيالماي قالدىغۇ ، كۆز ياشلىرىمنى ماڭا مەڭگۈ ئابىدە قىلىپ كېتىپ قالدىڭغۇ ؟... سوغۇق شامالللار مېنى سەگىتىدۇ ، قاياقلاردىندۇر ھىدىڭنى ئىزدەيمەن ، كوچىلارنىڭ بويىدىكى سەن ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرىلەرگە تويماي باقىمەن ، ئەنە قارىغىنە ! سەن ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكنى سېتىۋېتىپتۇ ! قاچانلاردىدۇر يەيمەن دېگىنىڭدە ،مەن ئالدىراشلىقتىن ساڭا يېگۈزمەيلا كېتىپ قالغانىدىم ، ھازىر شۇ كىچىككىنە خاتالىقىممۇ مېنىڭ ئىچ ئىچىمدىن ئۆېتىنىپ يۈرەك باغرىم يىرتىپ يىغلىشىمغا سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ . سېنىڭ ھېچ بىر خوۋلۇق كۆرمەيلا ئېچىنىشلىق كېتىپ قالغىنىڭنى ھەر ئويلىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمدىكى ئازابنى زادىلا تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . كەچۇر ، مېنى كەچۇر ، پەقەتلا ئاللاھتىن ساڭا رەھمەت تىلىيەلەيمەن خالاس . سېنى كۈتكەن بىريىلدىن ياقى ساڭا دېيىشنى ئىستەپ كەلگەن يۈرەك سۆزلىرىم، ۋاراقلىرى توشۇپ كەتكەن كۈندىلىك خاتىرەم ، يۈرەك باغرىمنى مىڭ تاش بېسىپ تۇرغاندەك شۇنچىلىك ئېغىر بولۇپ زىممەمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتىمەن ، بىلىمەن ئارقىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن ،كاشكى بارالىغان بولسام ئىدىم ئۆزۈمگە بولغان بېسىملىرىم بىر ئاز يېنىكلەپ قالارمۇ ئىدى ... كىملەرگە خار بولدۇڭ ، كىملەر ئۈچۈن ياش ھەم قان تۆكتۈڭ ھە ؟ بىلەمسەن جېنىم ، سېنى نۇرغۇن كىشىلەر تونۇيدۇ ، ھېلى ھەم سېنى نۇرغۇن سەن تونىماس كىشىلەر ناگان ناگاندا ئەسلىرىدىن ئۆتكۈزىدۇ ...ئەمما مەن بىراۋنىڭ ئېغىزىدىن سېنىڭ نامىڭنى ئاڭلاپ قېلىشتىن شۇنچىلىك قورقىمەن ، يۈرىكىمدىكى بۇ يارا خۇددىي بىرسى يېنىكلا تېگىپ قويسا قانلار توختىماي بۇلدۇقلاپ ئېقىپ كېتىدىغاندەكلا بەك چوڭقۇر بەك ئېغىر... ئاسمانغا قاراپ قانداقتۇر خياللارغا چۆكىمەن ، ئاخىرقى ئاچچىق نەپىسىڭدە مېنى ياد ئەتكەنسەنمۇ ؟ مېنىڭ مەلىكەم مېنى كۈتۈپ ئاپئاق كۆينەك ئىچىدە تويىمىزغا ساقلاۋاتاتتى ، بارالمايدىغان بولدۇم ، ئۇنى يالغۇر قويىدىغان بولدۇم دەپ ئازابلانغانسەنمۇ ؟...بىلەمسەن ، سەن مېنىڭ يالغۇزۇم ، مەنمۇ ھەم سېنىڭ يالغۇزۇڭ ، سەن ياخشى كۆرىدىغان جايدا يالغۇز سەن ئۈچۈن جاھاندىكى سەن ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆتىدىغان يالغۇزۇڭ ...ئاللاھنىڭ ئادىل تارازىسىغا ئىشىنىشتىن باشقىغا ئىلاجىم يەتمەيدۇ ... يۈرىكىمدىكى بىردىنبىر يالغۇر ئورۇن ،مېنىڭ يالغۇرۇم ئۈچۈن ،خۇشخۇيۇم ئۈچۈن...! 2010.8.30 مەندىن ئەبەدكە ئايرىلغان يالغۇزۇم ئۈچۈن . ئاپپاق(only)
پاش قىلىش
سۇلغانگۈل
ئۈمىدلىك ئەزا
سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل
مەستانە ئـــەزا
مەن سۈكۈت ئىچىدە تۇغۇلغان ، ئەلمىساقتىن كەلدىم ، ئەبەدىيلىككە قايتىمەن... قارا گۈللەرگە ھەسرەت رەڭگىدە ئېچىلىپتۇ... سەن ئۇنىڭ ھەسررىتىنى بىلەمسەن؟... _سۈزۈك ئاي_ بارىكاللا....ئوماق..، نەسرىڭىزنىڭ يىنىك ھەم لىرىك چىقىپتۇ...تىرىشىڭ !
پەرىشتىلەرمۇ يا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ