2.« ئا شەھرىدىكى ھېكايە» نىڭ داۋامى
ئۆزەمنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلفۇن ئۇرمايدىغىنىم ئۆزەمگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.
ئەتىسى سىڭلىم كىلىپ بالامنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.مەن ئۇنىڭغا ئىككى كۈندىن كىيىن كېلىش ياكى كەلمەسلىكنى مەن ئېيتىپ بىرىدىغانلىقىمنى دەپ يولغا سالدىم.چۈنكى ئەتىسى ئەڭ چوڭ بىر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى چىقىپ ئوپىراتسىيە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى بەلگىلىنەتتى.
سىڭلىم قايتىپ كەتتى.ۋاقىت شۇنچىلىك ئاستا ئۆتمەكتە.تەلىيىمگە مىنىڭ مەسئۇل دوختۇرۇم بىر ئۇيغۇر ئىكەن.ماڭا جىددىيلەشمەسلىك،ئۆزەمنى ئازادە تۇتۇش توغرىسىدا بىرمۇنچە سۆزلەپ ،كۆڭلۈمنى ياساپ كىتەتتى.
كۆزەينەكلىك ئادەم بۇ ئىككى كۈن ئىچىدىمۇ تىلفۇن ئورۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.ھەر قېتىم بىر مۇنچە سۆزلەيتتى.قىزىق يىرى ئالدىنقى نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتسەم ئەتىسى باشقا بىر نومۇردا تىلفۇن قىلغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ «بوپتۇلا،قايسى بىر نومۇرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ ئۈلگۈرەي ؟»دەپ ئويلاپ كارىم بولمىدى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ چىقتى.ئەتىسى ئوپراتسىيە قىلىدىغان بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.سىڭلىمغا تىلفۇن ئۇرۇپ دەرھال كىلىشىنى ئېيتتىم.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن ،ئوپىراتسىيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلارنىڭ جىقلىقىدىن ئوپراتسىيە كۈتۈش زالىدا بىر سائەت ساقلاپ ئاندىن ماڭا ئۆچىرەت كەلدى.
بىلىكىمگە ئۇكۇل ئۇرۇپ ،پۇت قۇلۇمنى باغلىۋەتكىنىنى بىلىمەن.كۆزۈمنى ئاچسام كېسەلخانىدىكى كارۋىتىمدا يېتىپتىمەن.كىرپىكلىرىم بىردىنلا ئۇزىراپ يەملىنىپ قالغاندەك كۆزلىرىمنى ئاچالماي قېلىۋاتاتتىم.مىنىڭ مىدىرىغىنىمنى كۆرۈپ سىڭلىم يىغلاپ تاشلىدى:
-ئاچا،ھېلىمۇ بولسا ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز .سىزنى ئوپىراتسىيىدىن ئاچىققىلى 2سائەت بولدى.دوختۇرمۇ نەچچە كىرىپ چىقىپ كەتتى....دەپ سۆزلەپلا كەتتى.ئەسلىدە بىر سائەتتە ھۇشۇمغا كىلىشكە تىگىشلىك بولۇپ تەڭشەپ ئۇرۇلغان مەست قىلىش ئۇكۇلىنىڭ تەسىرىدە مەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق «ئۇخلاپ»تىمەن.شۇڭا ھەممەيلەن جىددىيلىشىپ كىتىپتۇ.سىڭلىمنىڭ دىيىشىچە دوختۇر كىرىپ بېشىمنى مىدىراتسىمۇ كۆزۈمنى ئاچماپتىمەن.مەندە ئىنكاس يوقلۇقىنى كۆرۈپ دوختۇر جىددىيلىشىپ كىتىپتۇ.
ئوپىراتسىيىنىڭ ئەتىسى،ئۆزۈمنى خېلى ئەركىن ھېس قىلىپ قالدىم.ئەڭ بولمىغاندا كۆزۈمنى نورمال ئاچالايدىغان بولدۇم.لىكىن پۈتۈن بەدىنىم ماغدۇرسىز.......تىلفۇن سايرىدى.قارىسام يەنە شۇ كۆزەينەكلىك ئادەم.ھالسىزقوللىرىم بىلەن تىلفۇننى ئالدىم.
-قانداق ياخشى بولۇپ قالغاندەك تۇرامسىز؟ئوپراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاندۇ؟-ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم،-تۈنۈگۈن تىلفۇن ئۇرسام سىڭلىڭىز سىزنى ئوپىراتسىيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى دىگەن ئىدى.شۇڭا ئەنسىرەپ تىلفۇن قىلىۋىدىم.
-خېلى ياخشى....
-ئاللاھتىن ھەر نامىزمىدا سىزنىڭ تىزىراق ئەسلىڭىزگە كىلىشىڭىزنى تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن.ياخشى ئارام ئېلىڭ..
ئەسلىدە ئۇنىڭ دىگەنلىرى بىر بىمار خۇشال بولۇشقا،سۆيۈنۈشكە تىگىشلىك گەپلەر بولسىمۇ مەن خۇددى چىۋىن چۈشكەن ئاشنى ئىچىۋالغاندەك بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدىم.ئەمدىلا تونۇشقا 2 سائەتلىك سەپەردىكى بۇ ھەمراھىمنىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆيۈنۈشلىرى مېنى شۇنچگە بئارام قىلماقتا ئىدى.يەنە بىر تەرەپتىن "بەش ناماز،ئاغزىدىن ئاللاھنىڭ نامىنى چۈشۈرمەيدىغان ياخشى ئادەم ئىكەنغۇ؟ بەلىكم مەن ئارتۇق گۇمان قىلىۋاتقاندىمەن"دەپ ئۆزەمنى بەزلەيتتىم.
ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دىگەنلىكى ئېسىمدە يوق .بىرنەرسىلەرنى دەپ بولۇپ تىلفۇننى قويدى.
دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە مەن ئوپىراتىسىيىدىكى كىسىپ ئالغان توقۇلمىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش نەتىجىسى چىققۇچە يەنە تۆت كۈن ساقلايدىكەنمەن.ئاندىن كىيىن كېسىلىمنىڭ ئاخىرىقى دىئاگىنوزى چىقىدىكەن.(مۇنداقچە ئېيتقاندا راكمۇ ئەمەسمۇ؟)
كۈن ساناپ ئۈچ كۈن ئۆتتى.سىڭلىم بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولغاچقا ،ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىپ،مەكتىپىدىن تىلفۇن كەلگەچكە ئۇ قايتتى.مەن ئەتە چىقىدىغان دىئاگىنوزنى ساقلاپ ،داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغاچ بۇ يەردە قالدىم.
شۇ كۈنى كەچتە كۆزەينەكلىك ئادەم يەنە تىلفۇن ئۇردى.مەن ئۆزەمنىڭ ياخشى بولۇپ كەتكىنىمنى ئەتە ياكى ئۆگۈن بالىنىستتىن چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ۋە ئامانلىق تىلەپ ھەر ئىككىمىز تىلىفۇننى قويۇۋەتتۇق.
مەن ئۈچۈن ناھايىتتى ئۇزۇن بىلىنگەن كېچىدىمۇ تاڭ ئاتتى.ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشتە دوختۇرۇم كىرىپ :
-مۇبارەك بولسۇن.ياخشى سۈپەتلىك ئىكەن.ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.-دەپ مىنى تەبىرىكلىۋەتكەندىن كىيىن بىر مۇنچە مەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتىپ ،بۈگۈن بالىنىستتىن چىقسام بولىدىغانلىقىنى مۇناسىۋەتلىك رەسمىيىەتنى ئۆتىسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىپ چىقىپ كەتتى.
كۆپىنچە نەرسىلەرنى سىڭلىم ئېلىپ كەتكەن بولۇپ ،يېنىمدا بىر ئادەتتىكى سەپەر سومكىسى بىلەن ئۆزەمنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغان سومكاملا قالغان ئىدى.ناھايىتتى تېزلىكتە تۇتۇپ بالىنىستتىن چىقىش رەسمىيەتلىرىمنى بېجىردىم.ۋە كېسەلخانىغا قايتىپ كىرىپ بىر قانچە كۈندىن بىرى بىللە ياتقان ياتاقداشلىرىمغاخوش دەپ ماڭغىلىۋاتسام تىلفۇنۇم سايرىدى.قارىسام يەنە شۇ نومۇر...
-قاندىقراق؟؟ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟؟؟
-ھەئە.ياخشى.ھازىر بالىنىستتىن چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بولدۇم .ماڭغىلىۋاتىمەن.
-پەسكە چۈشۈڭ.مەن بالىنىستنىڭ ئالدىدا......
ۋاي توۋا ماۋۇ ئىشنى نىمە دەي ئەمدى؟؟مەن مۇشۇنى كۈتكەنمىدىم؟ ئەمدى قېچىپمۇ كىتەلمەيتتىم.پەسكە چۈشسەم ئۇكۆزەينەكلىك ئادەم كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ئالدىمغا كىلىپ قولۇمدىن سومكىنى ئالدى.(تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ كۆەينىكىنى ئالغان ھالىتىنى كۆرۈشۈم ئىدى)
ۋە ماشىنىڭ ئالدى يان تەرىپىدىكى ئىشىكىنى ئېچىپ،ماڭا قاراپ:
-چىقىڭ !-دىدى.
مەن خۇددى كىچىك بالىدەك ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇيرۇققا بويسۇندۇم.ئۇ ماشىنىنى شەھەر مەركىزىدىكى داڭلىق تاماقخانىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى ۋە ماڭا قاراپ:
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ،تاماق يەپ ئاندىن يولغا چىقايلى.-دىدى.
تاماقنى مەن يەۋاتامدىم ياكى تاماق مىنىمۇ ؟ئشتىيىم شۇنچە ناچار،گەرچە قوسىقىم شۇنچە ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ گېلىمدىن بۇ ئوخشىغان غىزا ئۆتمەيۋاتاتتى.
تاماقنىمۇ نېرى-بىرى يېگەن بولدۇم.
ماشىنا مېنىڭ يېڭى سەرگۈزەشتىللىرىمگە گۇۋاھچى بولغان بۇ شەھەرنى ئارقىغا تاشلاپ يۇقرى سۈرەتلىك تاشيولدا ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
3.قايتىش سەپىرىدىكى ھېكايە
ناركوز ئۇكۇلىنىڭ تەسىرىدە ئوپىراتسىيىدن چىققاندىن بىرى تولا ئۇخلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.لىكىن بۈگۈن شۇنچە ئۇيقۇم كەلگەندەك بولسىمۇ نېرۋامنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئويغاق.كۆزلىرىمنى ئاچاي دىسەم بۇ گەپ قىلىپ زىرىكمەيدىغان ئادەمنىڭ يەنە تولا گەپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ يالغاندىن ئۇخلىغان بۇلىۋالدىم.چۈنكى كۆڭلۈمدىە ئاياللاردا بولىدىغان ئالاھىدە سەزگۈ-ئالتىنجى سەزگۈ ھۆكۈمران ئىدى.يېنىمدىكى بۇ ئادەمدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدىم.بۇ ئادەمنىڭ ماشىنا ئىچىدىمۇ كۆزىدىن ئالمايدىغان قارا رەڭلىك داڭلىق ماركىلىق كۆزەينىكى ماڭا ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يۇشۇرۇۋاتقاندەك بىلىنەتتى.(بۇ ھىيلىگەر تۈلكە ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا بۈگۈن جايناماز،سومكا،چاپان ...دىگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ مىنى قەستەن ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى.
ئارىلىقتىكى ماي قاچىلاش ئورنىدا ماشىنىسىغا ماي قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىككى بوتۇلكا مىنىرال سۇنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىقىپ بىرىنى ماڭا ئۇزاتتى.
ئۇ مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سودا ئەھۋالى ،ئەمدى قەيەرگە بارماقچى بولىۋاتقانلىقى ،نىمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقى....نى سۆزلەشكە باشلىدى.مەن ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي ئاڭلاپلا ئولتۇردۇم.ئىچىمدە يولنىڭ ئىتتىكرەك تۈگىشىنى ،تېزىراق يىتىپ بېرىشنى تىلەيتتىم.مان مۇشۇنداق غەلىتە تۇيغۇلار ئىچىدە يولنىڭ يېرىمى تۈگەپ ناھىيىمىز نىڭ قارىسى كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.مەنمۇ ئازىراق جانلىنىپ پۇت-قولۇمغا جان كىرگەندەك بۇلۇپ قالغان ئىدىم.روھىي -ھالىتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر كۆزەينەكلىك ئادەمنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمىدى ئەلۋەتتە.
-ئۆيىڭىزنى بەك سېغىنىپسىز ھە؟؟ ياكى ماشىنامدىن تېزراق چۈشۈۋالغۇڭىز كىلىپ كەتتىمۇ؟؟؟
-ئۆينى ئەلۋەتتە سېغىنىمەندە؟_ماشىنىغا چىققاندىن بىرى ئاۋازىمنى ئۈنلۈكرەك چىقىرىپ گەپ قىلىىشم تۇنجى قېتىم ئىدى.بايىدىن بىرى ئاغزىمدىن"ھە.ھىم.ياق.."دىن باشقا گەپنى ئاڭلىمىغان بۇ ئادەم گېپىمنى ئاڭلاپ :
-مانا دىمىدىممۇ؟ھاھاھا..-دەپ يۇقىرى ئاۋازدا كۈلدى.
-ئۇلۇغ جۈمە سەپىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن مانا بىر ئوبدان تونۇشۇپ قالدۇق.-دەپ يەنە گەپ باشلىدى ئۇ-مەن مان مۇشۇنداق سودائىشى بىلەن چېپىپ يۈرىدىغان ئادەم.بايا دىەىنىمدەك سىلەرنىڭ ناھىيىنىڭ X X Xيېزىسىدا 50مو قوغۇن تېرىغان.بۈگۈن ئۇددۇل شۇ يەرگە بارىمەن.بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كۆرۈشۈپ تۇرايلى .بولامدۇيە؟
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپ ،بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ يەنە بىر قولىدا قولۇمنى تۇتتى.
مەن تەمكىنلىك بىلەن:
-بىزنىڭ كۆرۈشۈشىمىزنىڭ ئورنى بارمۇ؟.يەنە بىر گەپ ،مەن گەپنى قۇلاق بىلەن ئاڭلايمەن.قولۇمنى تۇتمىسىڭىزمۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتىمەن.-دىدىم.
ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ شۇ دەمگىچە قاتتىق گەپ قىلىپ سىلكىۋىتىشكە جۈرئەت قىلالماي كەلگەن ئىدىم.ئاغزىدىن ئىمان،ئاللاھنى چۈشۈرمەي گەپ قىلىشلىرى، ناماز،ئىسلام دىننى توغرلۇق قىلغان گەپلىرى مىنىڭ يولۇمنى توسۇپ قويغان ئىدى.بۈگۈن ئۆزى قولى بىلەن بۇ پەردىنى ئېچىۋەتتى.
-قولىڭىزنى تۇتسام نىمە بولىدۇ؟-يەنە بىزەڭلەرچە سورىدى ئۇ.
-سىزچە قانداق بولار؟
-نامەھرەم بولامدا؟ئاچچىقىڭىز كىلىپ قالدىمۇ نىمە؟
-ياقەي.ئاچچىقىم كەلمىدى. ئىككى قېتىم ماشىنىڭىزغا چىقتىم.بىر قېتىم سىز ئېلىپ بەرگەن تاماقنى يىدىم.شۇڭا ئاچچىقلاشقا نىمە يولۇم بولسۇن؟سىزچە بولغاندا سىزنىڭ مۇشۇنداق مىنىڭ قولۇمنى تۇتىدىغان يولىڭىز بار.يات ئايالنىڭ قولىنى تۇتسا نامەھرەم بولامدۇ؟ بولمامدۇ؟سىزدەك كاتتا يۇرتتىن كەلگەن بەش ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان زاتنىڭ بىلمىگىنى قىززىق.
گىپىمنى تۈگىتىپ قاقاھلاپ كۈلىۋەتتىم مەن.
-نىمگە كۈلىسىز؟-ئۇنىڭ چىرايى قارىداشقا باشلىدى.
-ھىچنىمىگە .ئۆزەمچە كۈلۋالغۇم كىلىپ قالدى.
-راست خاپا بولمىدىڭىزما؟
-ياقەي.خاپابولمىدىم.ھازىرقى ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش پەلسەپەسىدىن بىر كارتىنا كۆرگەندەك بولدۇم شۇ.باشقا ئىش يوق.
يولغا چىققاندا بىرئۈن،بىر تىندا تۇرغان مەن ھازىر ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۇنى مەسخىرە قىلماقتا ئىدىم.شۇ تاپتا مىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان بويى مەندەك ئىككى پارچە چىقىدىغان بۇ ئەركەك دەرەختىن لەيلەپ چۈشكەن بىر پارچە خازان بىلەن باراۋەر ئىدى.
يىراقتىن يېزامنىڭ يول بۇيىدىكى مەسچىتنىڭ قۇببىسى كۆرۈندى.مەن بۇ كۆزەينەكلىك مەخلۇققا ماشىننى مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىقلىق يەدە توختىتىشنى ئېيتتىم.ئۇ ماشىنىنى ئاستىلاتتى.مەن ماشىنىدن چۈشۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا:
- مېنىڭ نەزىرىمدە كىشلىك تۇرمۇشتا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسەبار.ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچ،ئېتىقاد.بۇنىڭدىن كىيىن ئىككىمىز ناتۇنۇش كىشىلەرمىز.-دىدىمدە سومكامدىن 200يۈەننى چىقىرىپ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگەتاشلاپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم.
ئالدىراش ئەسىر نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭغان كىشلەرگە قاراپ كۆزەينەكنىڭ نماز توغرىلىق ماڭا قىلغان پاساھەتلىك سۆزلىرىنى ئويلاپ يەنە بىر قېتىم كۈلگۈم كەلدى.ئىچىمدە"ھەر كىم قىلغاننىڭ ئەجرىنى كۆرىدۇ"دەپ ئويلىدىمدە ئۆيگەقاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-10 02:37 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-10 05:54 PM):
تۈگىدى