kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 09:55 PM
مەنزىرسى گۈزەل يەر ئۇ ياز كۈنلىرى قەشقەردە تۇنۇش بېل ...
ئاقتۇ ناھېيىسى قىزىلسۇ ئوبلاستىغا تەۋە ، ئاتۇشقا ئەمەس.. ئاتۇش قىزىلسۇ ئوبلاستىغا تەۋە،، ئۈچ ناھېيە بىر شەھەر بىرلىشىپ قىزىلسۇ ئوبلاست دىيىلىدۇ . ئاتۇش پەقەت ئوبلاستنىڭ مەركىزى ؛ قىزىلسۇ بىلەن ئاتۇش دىگەنى بىر گەپ دەپ ئويلىۋالماڭلار ، ئاتۇش دىگەن ئاتۇش ، قىزىلسۇ دىگەن قىزىلسۇ ، خۇددى شىنجاڭ بىلەن ئۈرۈمچى دىگەندەكلا.. قىزىلسۇ دىگەن ئاتۇش شۇ دىگىنىڭىز شىنجاڭ دىگەن ئۈرۈمچى شۇ دىگەندەكلا بىر گەپ بوپ قالىدۇ.
ماڭىغۇ نە بولسا بەرىبىرى ، قەشقەرلىق بولامدۇ ئاتۇشلۇق بولامدۇ ھەممىسى ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىز بار يۇرت . ئاقتۇنى بىلمەيدىغانلار سورىسا، سەن قەشقەرلىكمۇ دىسىمۇ ھەئە دەيمەن ، ئاتۇشلۇقمۇ دىسىمۇ ھەئە دەيمەن (يۇرتۋازلىق قىلمايمەن). نىمە كەپتۇ ئۇنچە ئېنىق ئايرىپ ؛ ئەمىلىيەتتىمۇ قەشقەر ئاتۇش بىر دائىرە دىسەكمۇ خاتا بولمايدۇ ، پەقەت ھۆكۈمىتىكامنىڭ شۇنداق ئايرىپ قويغان يېرىلا با ؛
------------------------------------------------
يەنە بىر گەپنى دەپ بىرەيما:
ئاقتۇنىڭ دائىرىسى خېلى خېلى ناھېيلەردىن چوڭ ، ئاقتۇدىن ئويتاغقا بارماقچى بولسىڭىز قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تاشمىلىق دىگەن يېزىسىدىن كېسىپ ئۆتىسىز، ئاقتۇنىڭ چارلۇڭ يېزىسىغا بارماقچى بولسىڭىز يېڭىسار دىن ئۆتسىز ؛
قەشقەردىن تاشقورغانغا بارماقچى بولسىڭىز ئاقتۇ نىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى گەز چىگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈپ ئاندىن تاشقورغان تەرەپكە يول ئالىسىز .. دىمىسىمۇ سەل مۇرەككەپرەك ؛ قىزىلتاغ يېزىسىدىمۇ تېلىغۇن ئىشلەتسىڭىز ئاقتۇ بىلەن قەشقەر دائرىسى سەل ئارلىشىپ كېتىدغان ئىش باكەن ،
ھە راس ،، ئاتۇشتىن ئاقتۇغا كەلمەكچى بولساقمۇ چوقۇم قەشقەر شەھرىىنى بىر كېزىپ ئۆتۈپ ئاندىن كېلىمىز ئاقتۇغا ؛
يانا ھە راس، ئاقتۇنىڭ تىلغۇن كارتىسىدا قەشقەرگە بېرىپ تىلغۇن قوبۇل قىلسا 漫游 چىقمايدۇ ، قەشقەردە تۇرۇپ باشقىلارغا تېلىغۇن ئۇرسا 漫游 چىقىدۇ ؛ پويىز ماڭسىمۇ شۇنداق ،قەشقەردىن يېڭىشەرگە ، يېڭىشەردىن ئاقتۇغا ، ئاقتۇدىن يېڭىسارغا ..... بارىدۇ .
مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ؛
جىق سۆزلەپ قويدۇم ھە،،، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kumkazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-10 02:09 AM