مۆمىنجان ، مەمەتجان ، ئابدىكىرەم ئابلىز ، ئابلاجان .......... قاتارلىق سەنئەتچىلىرىمىزنى مەن تىخى تورغا چىقىش تۈگۈل مىسرانىمنىڭ نىمىلىكىنى ئۇخمايدۇ دەپ يۈرسەم . ھەممىسى مىسرانىمنى كۆپۈنچە ھالدا پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن دەيدىيا ؟!
نەچچە كۈندىن بىرى بۇ داڭلىقلارنىڭ دەششەت غەيۋىتىنى قىلىپ قويغانتۇق ، قورساق تويغۇچە ...
بەك سەت خىجىل بولۇپ كىتىپ بارىمەن جۇما ئالدىڭلاردا ؟ بىرە جايدا ئۇچرۇشۇپ قالساق ئايرىم دىيىشىۋالارمىز قالغان گەپنى . مەنغۇ يامان گېپىڭلىنى بەك جېق قىلمىغان بولمىسا ، شۇ تولىسى ياخشى گېپىڭلارنى قىلىپ ، ياخشى يىرىڭلارنى مۇنبەردىكى غەيۋەتخورلارغا كۆپ تەكىتلەپ بولالماي ئېغىزىم قۇرۇپ كەتكەن ئىدى . لىكىن زىيارەت جەر يانىدا مىنى بىرە سىڭلارمۇ تىلغا ئېلىپ قويمىغىنىڭلارغا كۆڭلۈم سەل يىرىم بولۇپ قالدى . ئەسلى مەنمۇ تازا تىللاپ قويسام بوپتىكەن ھېرىپ قالغۇچە ...
يەنە بىر گەپ ، ئەلتېكىن ساياھەت خاتىرەمنىڭ ھەممىنى يوللۇدۇم دەيدۇ . لىكىن مەن ھازىرغىچە ئاخىرىنى كۆرمۈدۈمغۇ ؟ باشقا ئىسىمدا كىرىپقۇ يوللىمىغاندۇ ھە ؟
بەك پەيزى چىقىپتىكەن ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئىستانبۇلدا تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلغان ئىدىم .