kemter يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 06:48 PM
بۇ توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز تولۇق بولمىسا قالايمىقان سۆ ...
دىگەنلىرىڭىز پۈتۈنلەي توغرا،مەن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن Red Hetنى قاچىلاپ يېرىم يىلدەك ئىشلەتكەن،ئۈچ سېستىمىنى تەڭ قاچىلىغان،98،xpلار بىللە.ئۇ سېستىما ماڭا بەك ياققان، كۆپ ئۈستەللىك قەتئى قېتىپ قالمايدىغان سېستىما ئىدى،مەن مۇشۇ گۇينى بىر قاتۇرمىساپ ھىساپ ئەمەس دەپ ئاخىرى سەككىز ئۈستەلنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ ھەربىرسىدە يەتتە سەككىزدىن چوڭ پىروگىراممىنى تەڭ يۈرگۈزۈپ قاتۇرۇپ قويغان،ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلىتىلمەيدۇ ئەلۋەتتە،مەنمۇ شۇ سىناپ شۇنداق قىلغان،نەتىجىسى مىنى بەك ھەيران قالدۇرغان ئىدى،ئاۋاز بىلەن تورنى تونۇتالماي قاتتىق دېسكام كىچىك بولغاچقا ئىشلىتىشتىن ۋاس كەچكەن.
بېل گەيتىس windowsسېستىمىسىنىڭ ئوغرى نوسقىسىغا قەستەن يول قويۇپ،پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى كۆندۈرىۋالدى،مەنچە بۇ ئۇنىڭ ئەڭ كاللىسى ئىشلەپ كەتكەن يەرلىرىدىن بىرسى،يۇقارقى بەزى تورداشلاربۇنى بىلمەيدۇ،بىزنىڭ بىر گىپىمىز بولىدىغۇ كۆيگەن يامان ئەمەس كۆنگەن يامان دەپ، مەسىلە مۇشۇ كۆيۈش كۆنۈشتە،ئوبۇنتو بولامدۇ ۋىندوۋس بولامدۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان بولغاندىكىن ھەقاسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.