IPAR12 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 12:31 AM
‹‹ئاي گۇۋا›› دىگەن كىنونىمۇ مەن خېلى كىچىك ۋاقىتلىرىم ...
توغرا ئىيتىىڭىز ! مەنمۇ ‹‹ ئامەت ۋە قىيامەت ›› دىگەن ئەسسەرنى ئوقۇغان .كىيىنچە بۇ ئەسسەر فىلىم قىلىپ ئىشلەندى بىراق شۇنچىلىك ......نىمە دەي شۇ فىلىمنى . قايسى يىرىدە ھۆ بولدۇم دىسە .ھىلىقى باش پىرسۇناژ سەھرالىق ئاشخانا ئاچىدىغان ئايالنىڭ كۆيۈمچان قىزغا ئۆيلىنىپ ئىشى ئوڭ كىلىپ تازا باي بولدىغان .
شۇ ئاداشقا ئايال بىر تال تاماكا تەڭلىسە ئۇ ئاداش تاماكىنىڭ ئوڭ-تەتۇرسىنى بىلمەي شورايدىغان بۇلۇتلۇق يىرىنى سىرتىغا . ئوت ياقىدىغان يىرىنى ئىغىزىغا سالغان يىرنى كۆرۈپ بولدى قىلغانتىم .
تەڭرىتاغ كىنو ئىستىدودىيسى ھەقىقەتەن تالانتلىق كىنو-فىلىم ئىشلەش خادىملىرى تولۇق ئورۇن . بۇلارنىڭ بەدئىيلىگى يۇقۇرى كىنو-فىلملەرنى ئىشلەپ بازارغا سىلىش شەرتى تامامەن يىتەرلىك .بىراق بۇلارنىڭ ھەر يىللىك كىنو-فىلملەرگە ئاۋاز بىرىش ،تەرجىەم قىلىش ، ئاخبارات توپلاش ،تەشۋىق قىلىش ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى سىنغا ئىلىش .....قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاخبارەت ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن كىنو-فىلىم ئىشلەشكە ۋاقتى يىتەرلىك چىقمىغاچ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئورمانلىققا ‹‹ يولۋاس يوق تاققا مايمۇن پادىشا ›› دىگەندەك ،نامى ئۇلۇغ سۇپۇرسى ئۇلۇغ بىر تالاي كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركەتلرىى شىنجاڭنىڭ كىنو-فىلىم ساھەسىگە پادىشاھ بولۋالدى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .
بۇلارنىڭ سەرىپ قىلغان مەبلىغىچە ئىچىم ئاغرىيدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر شىركەت مۇشۇ ۋاقىتقۇچە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىغىزىنى تاتلىق قىلغۇدەك بىر كىنو ياكى فىلىمنى ئىشلەپ بازارغا سالالمىدى .
ئوسۇراققا ئارپا نىنى باھانە .
ھىچ بىر ئىشنى قاملاشتۇرالمسىا بارلىق سەۋەنلىكنى كوچا-كويلاردىكى پىلاستىنكا ساتقۇچىلارغا ئارتىپلا تۈگىتىدۇ .
ئەسلىدىن تەڭرىتاغ كىنو-فىلىم شىركىتىنىڭ كىنو-فىلىم ئىشلەشكە ۋاقتى چىقماسلىقتەك مۇشۇنداق بىر ئالتۇن پۇرسەت . شەخسى قۇرۇلغان فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرىگە نىسپەتەن بىر چوڭ پۇرسەت ئىدى بۇلار بۇ پۇرسەتنىڭ كۆزىگە بىگىز تىقتى .
يەنە بەش يىل ئىچىدە ياخشى بىر كىنو-فىلىم ئىشلەپ چىقالايدىغان بىرەر شىركەتنىڭ بارلىقىغا ياكى چىقىدىغانلىقىغا ئىت-مۈشۈكمۇ ئىشەنمەيدۇ .
خۇددى دۆلىتىمىز ئىچىدىن پۇتبۇل ساھەسىدە چولپان چىقمىغاندەك .
‹‹ غىرىپ- سەنەم ›› ،‹‹ تۇتقۇن قىلنغان قاچقۇن ›› ، ‹‹ شەيتان بىلەن ساقىچى ›› ......قاتارلىق كىنو-فىلىم ئىشلەش جەھەتتە باشلانغۇچ ھالىتىدە شۇنچە كۆپ كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە كۈچلۈك رام قىلغۇدەك كىنو-فىلملارنى ئىشلەپ بازارغا سالغان ئاشۇ 80 -يىللارنىڭ سۆيۈملۈك ئاكا-ھەدىلەر شۇنداق بىر ئاكا-ھەدىلەركەن جۇمۇ !!!
ھازىرقى كىنو-فىلىم شىركەتلىرى ئەمدى بەبەسىنى شۈمۈپ بىر تالاي ئاپىراتلىرىنى قۇچاقلاپ نەزىر-چىراغ ، توي-تۆكۈن، خەتنە توي .....قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان .
.....باشقا تەرقى تاپققان دۆلەتلەرنىغۇ دورىيالمىسۇن ئاۋۇ قىرىپ قالغان ئىرانلىق ئايال رىجىسور ئىشلەپ بازارغا سالغان فىلىمچۈلۈك بىر فىلمنى بازاغا سالالمىدى .
قاراپ تۇرۇڭ شۇلاردىن بىرسى ياكى شۇلارنىڭ جەمەتىگە بىر يەرلىرى تۇتىشىدىغان تالانتلىق بىرسى بۇ ئىنكاسقا يىغلاپ ئۆكتە قوپىدۇ تىخى ھې ھې ھې