ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 03:08 PM
راست دىدىڭىز! ئاتۇشنىڭلا ئەمەس، قەشقەر بەشكىرەمنىڭ ئ ...
دۇرۇس . ئەمەلىيەتتە ئەنجۈرنىڭ سورتى تەمى ئاتۇش ئەنجۈرى بىلەن قەشقەر ۋە بەشكىرەم ئەنجۈرى ئوخشاش . نېمىشگە ئاتۇش ئەنجۈرى دەپ نامى يۇرتلارغا تارالغان دىگەندە بۇدەل ئاتۇشنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ۋە قاتناش ئەۋزەلىكى ئەنجۈر ئۇزۇنغا چىىدمايدۇ ئاتۇشلۇق ئەنجۈرچىلەر بازىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان قەشقەر بازىرىغا يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولدا 30مىنۇتلا كىلىپ ھىتگاھنىڭ ئالدىدا توۋلاپ سېتۋىتىدۇ . تىخىمۇ كۆپ پايدا كۆزلەيدىغانلار بولسا مارالبېشى بازىرى ھەتتا ئاقسۇ كورلا ھەتتا ئۈرۈمچىگىچە ئاپىرىپ سېتىپ كىلدۇ بۇ خۇددى تۇنۇشتۇرۇپ بىۋاستە مال سېتىشقا ئوخشىغاچقا ئاتۇش ئەنجۈرى نامى بىلەن جەنۇپ شىمالغا نامى تارالغان . ئاتۇشتا ھازىر ئۈزۈم ئۆستۈردىغانلار ئەنجۈر ئۆستۈردىغانلاردىن جىق كۆپ ، چۈنكى ئاتۇشنىڭ ھاۋا كىلماتى ئاتۇش مۇناقى ئۈزۈمىنىڭ ئۆسشۈگە پايدىلىق ئاندىن قالسا ئۇرۇن ئەۋزەلىكى ۋە قاتناش قۇلايلىقى سەۋەبلىك خۇددى ئاتۇش ئەنجۈرىگە ئوخشاش ئاتۇش ئۈزۈمى پۈتۈن شىنجاڭغا تارالدى . ئەمەليەتتە ھازىر ئاتۇش ئەنجۈرلۈك باغ كۈلمى قەشقەر ئەنجۈرلۈك باغ كۈلمىدىن تۇلمۇ كىچىك . قەشقەرنىڭ ئەنجۈرلۈك باغ كۈلمى پۈتۈن شىنجاڭ بۇيچە ئەڭ ئالدىدا . قەشقەرنىڭ ئۇرۇن قاتناش ۋە ئۆزى ئىچىدىكى بازارنىڭ چوڭلىقى سەۋەپلىك سېرىتلارغا چىقىرىپ سېتىشقا ئېشىنماۋاتقاچقا ئۆز بازىرىدىلا سېتلىپ تۈگەيدۇ . پەيزىۋات قوغۇنىمۇ شۇ ئەمەلىيەتتە پەيزاۋات قۇغۇن سورتى پۈتۈن شىنجاڭ بۇيچە ئەڭ ئالى سورتلۇق تەملىك بۇمۇ خۇددى قەشقەر ئەنجۈرىدەك ئۆز ئىچىدىكى بازارنىڭ چوڭلىقى تەمىنلەش ئىھتىياجنى ئاران قامداپ كىتۋاتقانلىقى سەۋەبلىك سېرىتلارغا كۆپ سېتىلمىغاچقا قۇغۇن يۇرتى نامىنى قۇمۇلغا تارتقۇزۇپ قويدى .